ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بايتوقاي يېزىسىدا ئاھالىلەرنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغانلىقى ۋە بۇ يەرلەرنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ زىرائەت تېرىلىۋاتقانلىقى نەق مەيدان سىن كۆرۈنۈشى بىلەن ئىنكاس قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ غۇلجا ناھىيەسىگە قارىتا تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، دائىرىلەرنىڭ ئاھالىلەرنى بۇ تېرىلغۇ يەرلىرىنى سېتىۋېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى، ئاھالىلەر سېتىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، يەرلەرنىڭ مەجبۇرىي تارتىپ ئېلىنىپ، خىتاي شىركەتلىرىگە بېرىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئىلى دەريا بويىغا جايلاشقان مەنزىرىلىك يېزىلىرىدىن بولغان بايتوقاي، 2000-يىللاردىن باشلاپلا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ كۆزلىرىنى قىزارتىشقا باشلىغان ئىدى. يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدە ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ مەيلى بازار، مەيلى سىياسىي ئېھتىياج بىلەن راۋاجلاندۇرۇلۇشى، بۇ گۈزەل ماكانغا قارىتا ئىشتىھانى تېخىمۇ ئاشۇرغان. ئۆتكەن ھەپتە تورلاردا تارقالغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە قەيت قىلىنىشىچە، بايتوقاينىڭ چىغلىقمازار كەنتىدىكى بىر پارچە تېرىلغۇ مەيدان ئاھالىلەرنىڭ قولىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغان ۋە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلانغان. سىن كۆرۈنۈشنى تارقاتقۇچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تارتىۋېلىنغان بۇ يەرلەر ئۈچۈن ئاھالىلەرگە ھېچقانداق ھەق بېرىلمىگەن.
بىز بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن غۇلجا ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە تېلېفون قىلدۇق.
تەۋەلىكتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تېرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن چىغلىقمازار كەنتىدىكى ئاھالىلەر، ئەھۋالنى تېلېفون ئارقىلىق ناھىيەلىك يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىگە مەلۇم قىلغان. ئالاقىدار خادىملار، ئىنكاسنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن قۇلاق يوپۇرۇۋالغان. مەزكۇر ئىدارە خادىمى، ئاھالىلەردىن تارتىۋېلىنغان مەزكۇر يەر ھەققىدە ئۆزلىرىگە بىر ئىنكاس كەلگەنلىكىنى دەلىللىدى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى تارتىۋېلىنغان يەرلەر خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بايتوقايدىكى ئاھالىلەرنى تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىشكە بۇيرۇغان ۋە مۇشۇنداق قىلغاندا يەرلىرىنى ئۆزلىرى تېرىغانغا قارىغاندا يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ يەرلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما يەرنى «دېھقاننىڭ جېنى» دەپ بىلگەن ئاھالىلەر، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە قىزىقمىغان ۋە ئۇزاقنى كۆزلىگەن ھالدا يەرلىرىنى سېتىشنى رەت قىلغان. مەزكۇر ئىدارە خادىمى، بايتوقايدىكى ئەنە شۇ يەرلەرنى تېرىۋاتقانلارنىڭ «ھەر يەر، ھەر يەردىن كەلگەن كىشىلەر» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا ئارقىلىق، بۇ يەرلەرنىڭ خىتاي شىركەتلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئاھالىلەرنى يەرلىرىنى سېتىشقا كۆندۈرەلمىگەن بايتوقاي يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە چىغلىقمازار كەنت كادىرلىرى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى ۋە خىتاي شىركەتلىرىدىن كېلىدىغان پايدىنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن، ئاھالىلەرنىڭ رازىلىقىنى ئالماستىنلا تېرىلغۇ يەرلەرنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىۋەتكەن.
بايتوقايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان بىر ساقچى خادىمى، مەزكۇر تېرىلغۇ يەرلەر ئۈچۈن ئاھالىلەرگە ھەق بېرىلىدىغانلىقى، لېكىن نۆۋەتتە باھادا كېلىشەلمەسلىك بولۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، مەزكۇر يەرلەرنىڭ مەجبۇرىي تارتىۋېلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
يۇقىرىدا غۇلجا بايتوقايدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ ئاھالىلەردىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.