گلۇكسمان: «مەن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەيدىغان قورال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن»

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2022.11.18
raphael-glucksmann-cfu.jpg رافائىل گلۇكسمان «خەلقئارا ئۇيغۇر مۇنبىرى» يىغىنىدا سۆز قىلماقتا، 2022-يىلى 10-نويابىر، بېريۇسسېل.
Photo: CFU

ياۋروپا پارلامېنتى قاراپ چىقىۋاتقان «مەجبۇرىي ئەمگەك قانۇنى» ھەققىدە توختالغان رافائىل گلۇكسمان، بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فۇنكسىيىسەگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رافائىل گلۇكسمان زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە خىتاينىڭ دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مېخانىزمى، ياۋروپا پارلامېنتى قاراپ چىقىۋاتقان قانۇننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى- خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئەگەر خىتاي ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىنى ئىستىمەيدىكەن، مەجبۇرىي ئەمگەككە خاتىمە بېرىشى كېرەك، دېدى.

فرانسىيەلىك سىياسەتچى رافائىل گلۇكسمان ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان غوللۇق سىياسىيونلاردىن بىرى بولۇپ، ئۇ يېقىندا مەزكۇر پارلامېنتتا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

مۇخبىر: كۆپ رەھمەت. مېنىڭ سىز ئىشلەۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك بۇيۇملىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى توغرىسىدا بەزى سوئاللىرىم بار. نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەھمىيەتلىك بىر قانۇنى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دەپ قارايسىز؟

گلۇكسمان: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنى ئوچۇق بازار دەپ قارىغانلىقتىن، كونترول قىلىش مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋال بولۇپ، مەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان شۇنداق بىر قورالغا ئېگە بولۇش مەقسىتىدە يىللاردىن بېرى كۈرەش قىلىۋاتىمەن. مانا بۇ قانۇن ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي پائالىيەتنىڭ مەھسۇلى. دېمەكچىمەنكى، مىڭلىغان، يۈزمىڭلىغان پۇقرالار ئۇنى تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئاخىرى، بىز ھازىر كومىسسىيەنىڭ بۇنداق بىر قانۇننى تونۇشتۇرۇشا قوشۇلغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىز پارلامېنتتا مۇزاكىرىنى باشلايمىز. دېمەككى، بۇ  ئاساسىي جەھەتتى بىر يېڭى ئېرانىڭ تۇنج پەردىسى. مەسىلەن ئالايلۇق، ئەگەر بۇ قانۇن ماۇللانغاندىن كېيىن، ياۋروپادىن مال سېتىۋالسىڭىز، خىتاي سادىر قىلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇپ قالىدىغان ھالەتكە خاتىمە بېرىلىدۇ.

مۇخبىر: بىر مۇتەخەسسىس، بۇ قانۇننىڭ دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئۈنۈملۈك چەكلەيدىغان ئىقتىدارى  ياكى فۇنكىسىيەسى يوقلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت خۇسۇسىي شىركەتلەرگە قارىتىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. سىزچە شۇنداقمۇ؟ سىزچە بۇ قانۇنننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوقىتىش ياكى توسۇشتا ئۈنۈمى بولامدۇ؟

گلۇكسمان: مەن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان ئۈنۈملۈك قورال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمەن. دېمەكچىمەنكى، بۇ، بىزنىڭ بۇ قانۇننى تەلەپ قىلىشىمىزنىڭ بىرىنچى سەۋەبى. ئۇنىڭ بەرپا قىلىنىش شەكلى، ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۇسۇلىغا باغلىق. شۇڭا بىز بۇ قانۇن ماددىلىرىغا بىر ئاز روشەنلىك ئېلىپ كېلىشىكە تىرىشتۇق. لېكىن، مەن بۇ قانۇننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى توسۇشتا ئۈنۈمى يوق، دېگەن پىكىرگە قوشۇلمايمەن. بۇ قانۇن ھازىر يېزىلغان پېتى بويىچە بولغاندىمۇ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ قۇلى بار بولغان بولغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توسالايدۇ. مانا بۇ، بۇ قانۇننىڭ مەقسىتى. ھەمدە بىز بۇ نىشاننىڭ ھۆرمەت قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ھازىر بىز پارلامېنتتا بۇ ھەقتە مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. بۇ قانۇن مەيلى غەلىبە قىلسۇن ياكى مەغلۇب بولسۇن، پارلامېنت، كومىسسىيە ۋە كېڭەش ئوتتۇرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز. بۇ قوراللار بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى قۇللۇق سىياسىتى، يەنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قۇللۇققا سېلىنىشىدىن ئىبارەت ئەڭ چوڭ قۇللۇق سىياسىتىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا بىز بۇ قاننىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

مۇخبىر: كۆپ رەھمەت. ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق تەسىرگە ئۇچرايدۇ؟ بۇ ھەقتە ئەندىشىلىرىڭىز بارمۇ؟

گلۇكسمان: بىلگىنىڭزدەك، بۇ خىتايغا قارشى يېزىلغان قانۇن ئەمەس. ئەلۋەتتە، ئۇ ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاندىن ياۋروپا رەھبەرلىرى، خىتاي رەھبەرلىرىگە قاراپ: «بىز بۇ قانۇنلارنى سىلەرگە قارشى تۈزۈپ چىقمىدۇق. بۇ قوراللارنىڭ سودا ۋە سودا مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىشنى توختىتىدىغان ياخشى يولى بار، ئۇ بولسىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش. ئەگەر سىز مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلىش پىلانىڭىزدىن راز كەچسىڭىز، ئۇنداقتا، بۇ بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.» دەيدۇ. بىز خىتايغا قارشى قانۇن چىقارمايمىز. مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قانۇن چىقىرىمىز. مەسىلەن، بىز ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە بولغان بولغاچقا، ئىستىمالچىلىرىمىزنى  مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىدىن قوغداش يۈسىدىن قانۇن چىقىرىمىز. شۇڭا ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ قوراللار ۋە ئۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۇسۇلىدىن رازى بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ قانۇن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىن ئىككى تەرەپ مۇنسىۋىتىنىڭ ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

مۇخبىر: كۆپ رەھمەت. مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي تەھدىتىنى ئاستا-ئاستا تونۇپ يېتىدىغانلىقىنى ۋە ئاستا-ئاستا ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇررۇش لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارى بويىچە، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىدىغان ھاكىمىيەت. فرانسىيە پارلامېنتى ۋە باشقا سەككىز دۆلەت پارلامېنتلىرى ئوخشاشلا بۇنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ ئېتىراپ قىلىندى. ئۇنداقتا، سىزچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە، بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان دۆلەتكە قارىتا كوللېكتىپ ئىنكاسى قانداق بولۇشى كېرەك؟

گلۇكسمان: مەن بەك سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتسام، ھازىرغا قەدەر، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنكاسى بەك ئاجىز، بەك ئاجىز بولۇپ كەلدى. نۆۋەتتە، كورونا ۋاباسىدىن كېيىن، ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئېھتىياجلىق، دەيدىغان قاراش شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز پرىنسىپلىرىمىزنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتىمىزنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز، ئېنىقكى بىزنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن تېخىمۇ كۈچلۈك قارشىلىشىش ھالىتىگە ئۆتۈشىمزگە توغرا كېلىدۇ. بىزنىڭ بۇنى قىلىشىمىز شەرت. ئەمما بىز تېخى بۇنىڭغا تەييارمۇ ؟ ياق، تەييار ئەمەس. بۇ بىر داۋاملىشىۋاتقان جەريان. ياۋروپالىقلارنىڭ ئويغىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ھالبۇكى، بۇ مەسىلگە قارىتا پارلامېنتتىن، كومىسسىيەدىن، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەردىن يەتكۈزىلىۋاتقان سىگناللار زىددىيەتلىك. گېرمانىيە باش مىنىستىرى يېقىدا بېيجىڭدا زىيارەتتە بولدى. بۇمۇ بىر ئارىلاش سىگنال بېرىدىغان ئەھۋال. سىزنى  بىر گېرمانىيەلىك سودىگەر، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ باشلىقى دەيلى، ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باغلىق. ئەگەر ئۇ يەردە 40 پىرسەنت ماشىنىڭىزنى ياسىسىڭىز، 50 پىرسەنت پايدىڭىز خىتاي بازىرىغا چېتىشلىق بولسا، ئېنىقكى، سىز بېرلىن، بىريۇسسېل ۋە بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىسىز. ئەمما بىز ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتايدەك مۇھىم دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قارار قىلىشىغا يول قويامدۇق؟ بىز ياۋروپالىقلارنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنىڭ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى، ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتى ۋە پىرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئالدىنى ئويلىشىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز بۇنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىلا، خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن ئارىمىزدا نۇرغۇن چاتاق چىقىدىغانلىقىنى ئاندىن تونۇپ يېتىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.