گوللاندىيەدىكى پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ دادىسى لاگېردا جان ئۈزگەن
2024.09.20
گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى 20-سېنتەبىر كۈنى ئۆزىنىڭ فېيسبۇك، X قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرى ئارقىلىق، دادىسى غېنى خۇدابەردىنىڭ يېقىندا لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدىكى مۇسىبەت خەۋىرىنى تارقاتقان.
ئۇ ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ھېسابىدا مۇنداق دەپ يازغان: «خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن، دادام غېنى خۇدابەردى بىلەن 2017-يىلدىن بۇيان ھېچبىر ئالاقەم بولمىغان ئىدى. ئەمما بۇ يىل 7-ئاينىڭ 6-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچىلىرى ئاكامغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ماڭا تېلېفون قىلغۇزۇپ، مېنى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدىكى ‹دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى› دە فاشىست شى جىنپىڭنىڭ جىنايىتىنى سوتلاشتا گۇۋاھلىق بەرمەسلىكىم ھەققىدە بېسىم قىلغاندا، مەن تېلېفوننى ئالمىغان ئىدىم. بۇ ھىيلىسى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى دادامنى جازا لاگېرىدىن ئېلىپ چىقىپ، ئاكام بىلەن بىرگە ماڭا نەسىھەت ۋىدىيوسى ئىشلەپ ئەۋەتتى... مانا ئەمدى دادامنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جازا لاگېرىدا ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى...»
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى (The Court of the Citizens of the World ) 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ (Den Haag) شەھىرىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ئاچقان «خىتاي سوتى» غا قاتناشقان. ئۇ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان 19 ئائىلە ئەزاسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ يەنە مۇسىبەت خەۋىرىدە تىلغا ئالغان ئاكىسى سوتقا قاتنىشىشتىن بۇرۇن يوللىغان دادىسىنىڭ ۋىدىيوسىنىمۇ سوتقا سۇنغان.
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە دادىسىنىڭ يۈزىنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈش ئىمكانىيىتىدىنمۇ مەھرۇم قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.