گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى.
7-ئاينىڭ 3-ۋە 4-كۈنلىرى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى.

رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇراھمان ئابدۇللا ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.
7-ئاينىڭ 4-كۈنى گوللاندىيە پايتەختى ئامىستېردام شەھىرىدىكى دام مەيدانىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، نامايىش 2 سائەت داۋاملاشتى.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا جەمئىي 150 كە يىقىن كىشى قاتناشقان بولۇپ، نامايىش ناھايىتى جانلىق ۋە ھەيۋەتلىكشەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ئوبۇلقاسىم ئابلىز ئەپەندى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلدى.
بۈگۈن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 12 يىللىق خاتىرە كۈنى. نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ، تارىختىكى ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى بۇ جىنايەتلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق ۋە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ بىلەن كۈرەش قىلماقتا.