مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كاپىتان دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئوفىتسېرى مۇنىرىدىن يادىكارنىڭ قومۇلدا ياشاۋاتقان ئانىسى ئىمانەم نەسرۇللا بىلەن يەڭگىسى ئايخان مەمەت 2018 - ۋە 2019- يىللىرى كېسىۋېتىلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىغا جاۋاپ بەرگەن ئىمانەم خانىمنىڭ قومۇلدىكى خىزمەت ئورنى ئۇنىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. مۇنىرىدىن ئۆتكەن يىلى گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئارقىلىق ئاپىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ 15 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان ئىكەن.

نۆۋەتتە گوللاندىيە ھاۋا ئارمىيەسىدە كاپىتان بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇنىرىدىن يادىكارنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ، يۇرتى قومۇلدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇشتۇمتۇت ئۈزۈلگەن. ئۇ 2018-يىلى ئاپىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە غەيرىي-رەسمىي ئۇچۇر ئالغان. 2019-يىلىغا كەلگەندە يەڭگىسىنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
كاپىتان مۇنىرىدىن يادىكارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن ئانىسى ئىمانەم نەسرۇللا قۇمۇل شەھەر غەربىيتاغ يېزىلىق چارۋا مال دوختۇرىخانىسىدا، بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن يەڭگىسى ئايخان مەمەت بولسا قومۇل شەھىردىكى مەلۇم بىر شىركەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان ئىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل غەربىيتاغ يېزىلىق مال دوختۇرخانىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، ئىمانەم نەسرۇللانىڭ خىزمەت ئورنىدا بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن «يوق» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن ئىمانەمنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىغىنىمىزدا، ئۇ جاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي مەسئۇل خادىمنىڭلا بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سوئاللىرىمىزغا جاۋابەن، ئىمانەمنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىدى. بىز ئۇنىڭدىن ئىمانەمنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى سورىغىنىمىزنىدىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ تۈردىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئۆزى تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىگەن خىتاي مەسئۇل خادىمدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەكرار تەۋسىيە قىلدى.
كاپىتان مۇنىرىدىن يادىكار، ئاپىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان. مىنىستىرلىك خىتاي تەرەپ بىلەن بىر يىلچە ئالاقىلاشقاندىن كېيىن، بۇلتۇر يىل ئاخىرىغا كەلگەندە، كاپىتان مۇنىرىدىننىڭ ئاپىسىنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەڭگىسىنىڭ 2019-يىلىنىڭ يانىۋار ئېيىدا 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان، شۇنداقلا مۇنىرىدىننى بۇ ھەقتە خەۋەرلەندۈرگەن.

گوللاندىيە تاشقىي بئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ كاپىتان مۇنىرىدىنگە بەرگەن يازما جاۋابىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تەرەپ گوللاندىيە تەرەپكە ئىمانەم نەسرۇللانىڭ «تېرورلۇققا ياردەم بېرىش» جىنايىتى بىلەن، ئايخان مەمەتنىڭ بولسا «ئەجنەبىي كۈچلەرگە قانۇنسىز ھالدا دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى يەتكۈزۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلىقى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
كاپىتان مۇنىرىدىننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاپسى 2014-يىلى گوللاندىيەگە زىيارەت كەلگەن ئىكەن. ئۇ، ئاپىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى يەڭگىسى ئايخان مەمەت ئارقىلىق ئۇققان ئىكەن.