گوللاندىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ كاپىتانى مۇنىردىن يادىكارنىڭ تۇتقۇندىكى ئاانىسى ۋە يەڭگىسى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۇلارنىڭ مۇنىردىن بىلەن قىلغان ئالاقىسى سەۋەپلىك كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى. كەسپىي مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەت ئورنىنىڭ تەلەپلىرى سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلەردىن ھازىرغا ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن كاپىتان مۇنىردىن يادىكار، ئۆزى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقى ئۈچۈنلا كېسىلىپ كەتكەن ئانىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ تەقدىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقى ۋە قولىدىن كېلىشىچە ھەركەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
گوللاندىيە ھاۋا ئارمىيە كاپىتانى مۇنىردىن يادىكار، قومۇلدىكى ئانىسى ۋە يەڭگىسى ھەققىدە گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكى ئارقىلىق ئالغان ئۇچۇرىدا، ئۇلارنىڭ «تېرورچىلارنى قوللاش» ۋە «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 15 يىللىقتىن كېسىۋېتىلگەنلىكى بايان قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى قىلمىشىنىڭ مەزكۇر «جىنايەتلەر»گە پاكىت سانالغانلىقى مەلۇم ئەمەس ئىدى.
قومۇلغا قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدا داۋامىدا، قومۇل شەھەر غەربىيتاغ يېزىىسىدىكى بىر كەنت ئامانلىق مۇدىرى مۇنىرىدىننىڭ ئانسى ئىمانەم نەسرۇللانىڭ «چەت ئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن» كېسىۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مۇنىرىدىننىڭ دېيىشچە، ئانىسى ئىمانەم نەسرۇللا 2014 -يىلى ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن گوللاندىيەگە كەلگەن. مۇنىرىدىننىڭ ئانىسى ئاز ساندىكى كىشىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ تويدىن كېيىن، ئۇزۇن تۇرماستىنلا ۋەتەنگە قايتقان. گوللاندىيەدىكى مەزگىلىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئەمما خىل بۇ ئېھتىياتچانلىقمۇ كارغا كەلمىگەن. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق گوللاندىيە سەپىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېرورچىلارنى قوللاش» دەپ ئەيىبلەنگەن.
بىز يەنە مۇنىرىدىننىڭ يەڭگىسى ئايخان مەمەتنىڭ كېسىلىش سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن قومۇل شەھەر غەربىيتاغ يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ئالاقىدار خادىم، ئايخان مەمەتنىڭ مۇنىرىدىنغا «خەت يازغانلىقى ئۈچۈن» تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىدى.
مۇنىرىدىننىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئانىسى تۇتقۇن قىلىنىپ كەتكەن مەزگىلدە، يەڭگىسى ئايخان مەمەت بۇ ئەھۋالنى ئۈندىدار ئارقىلىق گوللاندىيەدىكى مۇنىرىدىنغا يەتكۈزگەن ئىكەن.
كاپىتان مۇنىرىدىن ئۆزىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «دۈشمەن كۈچلەر» دەپ سانالغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆزىنىڭ گوللاندىيە ئارمىيەسىدىكى بىر ئوفىتسېر بولۇش سۈپىتى بىلەن كەسپىي مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەت ئورنىنىڭ تەلەپلىرى سەۋەبلىك، ھازىرغىچە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىدىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ، ئانىسى ۋە يەڭگىسىنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك كېسىلگەنلىكىنى، بىر پەرزەنت ۋە قېرىنداش بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە ئەسلا سۈكۈت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.