گوللاندىيەدىكى ئىنىشتىيخىن شەھرىنىڭ خىتايدىكى دالىيەن شەھرى بلىەن دوستلۇق ئورنىتىشى ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلدى

0:00 / 0:00

5-ئاينىڭ 30-كۈنى گوللاندىيەنىڭ ئىنىشتىيخىن شەھرىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەشۋىقات مەركىزىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ قېتىمقى نامايىش گوللاندىيەدىكى ئىنىشتىيخىن شەھىرىنىڭ خىتايدىكى دالىيەن شەھىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ، گوللانديە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەشۋىقات مەركىزى بۇ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، گوللاندىيە ۋاقتى سائەت 2 دە خىتايغا قارشى نامايىش ئورۇنلاشتۇرغان.

بۇ نامايىشقا گوللاندىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، تۈرك پائالىيەتچىلىرى، شۇنداقلا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى بىلەن بىرلىكتە 150 كىشى قاتناشقان بۇلۇپ، نامايىش 2 سائەت داۋاملاشقان.

بۇ قېتىقى نامايىش جىددىي شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ، نامايىشچىلار گوللاندىيە ئىينىشتىيخىن شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى داليەن شەھىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىغا قارشى شۇئارلارنى توۋلاشقان.

نامايىش ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەيسا قارىم ئەپەندى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

مەلۇم بولغاندەك، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىغا چاپان ياپىدىغان ساختا تەشۋىقاتنىڭ ھەسسىلەپ كۈچىيىشىگە قارىماي، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئەكىلىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلماقتا.

بۇ پائالىيەتكە ئىشتراك قىلغان ئابدۇقەييۇم جاپپار ئەپەندى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان پارلامېنتلارنىڭ بىرى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ دالىيەن شەھىرىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئىنىشتىيخىن شەھىرى بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشى جىددىي قاراشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەن.

گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رەئىسى ئەيسا قارىمنىڭ ئېيتىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ گوللادىيەدە ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ھەركىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلەشكە بولىدىكەن. شۇڭا گوللادىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلارلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى گوللاندىيە جامائىتىگە تونۇشتۇرۇشى شۇنداقلا گوللادىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخمۇ كۈچلۈك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى، بەكمۇ زۆرۈر ئىكەن.