گوللاندىيەدە ئىككى كۈندە 4 يەردە 4 قېتىم ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەر كۈنى دېگۈدەك دۇنيانىڭ كۈن تەرتىپىگە كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى پۇرسەت تاپسىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى، خەلقئارانىڭ شۇنداقلا دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان سىياسىتىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا.

15-16-نويابىر كۈنلىرى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، مەركىزى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ۋە تۈركىيە قاھرامانماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئىسلام قانۇنى كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندىلەر ئىككىگە ئايرىلىپ، 4 جايدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بەردى.

بۇ پائالىيەتنى مەركىزى گوللاندىيە ئامستېردامدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى بىلەن گوللاندىيە تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ياۋروپا تۈرك ئىسلام بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ پائالىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر زىيالىيلار، تەشكىلات رەئىسلىرى ئىستراتېگىيە يىغىنى ئۈچۈن گوللاندىيەگە كەلگەنىدى. ياۋروپادا كۆپ ساندا تۈرك بار، بۇلار زور بىر كۈچ. بىز بۇلارنى دەۋايىمىزغا ئېلىپ كىرسەك، دەۋا ئۈچۈن شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئويلاپ، گوللاندىيە تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە ياۋروپا ئىسلام تەشكىلاتى بىرلىكتە 15-نويابىر كۈنى ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئامستېردام كورياندو مېھمانخانىسى بىلەن فەلاردوم رايونىدا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق. 16-چېسلا ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا ئۇترىخ شەھىرى بىلەن ئالمېلو شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردۇق».

ئابدۇراخمان ئابدۇللا ئەپەندى ئىككىلا دوكلات بېرىش يىغىنىغا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ياۋروپادا 5 مىليون ئەتراپىدا تۈرك بارلىقىنى، ھەتتا گوللاندىيە پارلامېنتىدا تۈركلەرنىڭ پارتىيەسى بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ياۋروپادا تەسىر كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

ئىككى دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى گوللاندىيەدە تۈركلەرنىڭ كۈچىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن تەقدىردە ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زور پايدىسى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

گوللاندىيەدە ئىككى كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن 4 دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئىككىسىدە دوكلات بەرگەن ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئەپەندى ئىككىلا يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى ۋە بۇندىن كېيىن نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بايان قىلدى.

بىز دوكلات بېرىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان گوللاندىيە تۈرك تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى مۇرات گەدىك ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق. ئۇ، پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا بۇ يەردىكى تۈرك قېرىنداشلىرىغا مەلۇمات بېرىشتىن ئىبارەت. ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى گوللاندىيەدىكى تۈركلەر تازا بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا خىتاي شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا بۇ خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغان تۈركلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە».

گوللاندىيە، ئۇيغۇرلار ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ خىتايغا قارشى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى ئەيسا قارىم ئۇيغۇرلار گوللاندىيەگە كەلگەندىن بۇيان گوللاندىيەدىكى 500 مىڭ ئەتراپىدا تۈرك قۇرغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.