گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.02.26
گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتتى.
Photo: RFA

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، ياۋروپادىن تۇنجى بولۇپ گوللاندىيە پارلامېنتىمۇ خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتى 25-فېۋرال بىر تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان قەبىھ قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان. مەزكۇر لايىھەدە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۇغۇتنى چەكلەش، جازا لاگېرى تەسىس قىلىش دېگەندەك جىنايى قىلمىشلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 260-نومۇرلۇق قارارى، يەنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چەكلەش ئەھدىنامىسى› دا كۆرسىتىلگەن جىنايەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ».

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارنى چىقىرىشىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كانادا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى گوللاندىيەنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللارنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن كانادادىن كېيىنلا گوللاندىيەنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىشىنى جاسارەتلىك لاگېر شاھىتلىرىنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ قارار يەنە خىتاينىڭ 2022-يىل قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىنى توسۇشتا چوڭ رول ئوينايدۇ».

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتى (Mark Rutte) نىڭ پارتىيەسى بولغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بۇ تەكلىپكە قارشى بېلەت تاشلىغان. گوللاندىيە پارلامېنتى گەرچە بۇ تەكلىپنى ماقۇللىغان بولسىمۇ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە باشقىچە قاراشتا ئىكەن. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بلوك (Stef Blok) مۇنداق دېگەن: «ھۆكۈمەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك، چۈنكى نۆۋەتتە بۇ ئەھۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلانمىدى».

تەكلىپ لايىھەسى گوللاندىيە پارلامېنتىدىن ماقۇللانغاندىن كېيىن ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ناھايىتى دىققەت قوزغىدى. گوللاندىيە بۇ مەسىلىدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ».

ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بۇرۇندىنلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن؛ پرېزىدېنت ترامپ دەۋرىگە كەلگەندە خىتاينىڭ غەرب دۇنياسىغا قانچىلىك تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارغا قانداق زۇلۇم سالغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. گوللاندىيەدە گەرچە خىتاينىڭ جىنايىتىنى كۆرمەسكە سېلىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىشنى خالايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بولسىمۇ، خەلق يەنىلا كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى قوغداشتا چىڭ تۇرىدىكەن ۋە خەلق رايى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارنى ئېلىشىنىڭ ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، شۇنداقلا تۈركىيە مىللەت مەجلىسىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە شۇنداق بىر قارار چىقىرىشىغا ئۈمىد بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ تەكلىپ لايىھىسىنىڭ تۈزگۈچىسى، سول قانات پارتىيەدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى شرېد شېردىسما (Sjoerd Sjoedsma) يەنە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى 2022-يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدىن يۆتكىۋېتىش لايىھەسى سۇنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەبىھ زوراۋانلىقلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلغاندا، دۇنيانىڭ ئۇنى كۆرمەسكە سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ھەمدە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللانغىلى بولىدۇ».

ئاسىيە خانىم گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈشنى بايقۇت قىلىشنىڭ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشىنىڭ ياۋروپادا، جۈملىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا كۆرە قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «گوللاندىيەدىكى بىر پارتىيە گوللاندىيە پارلامېنتىغا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش لايىھەسى سۇندى. بۇنداق لايىھەلەر بۇرۇنمۇ سۇنۇلغان، ئەمما مەنچە، بۇ قېتىمقى قاراردىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيەگە قوبۇل قىلىنىش، ماكانلىشىش ئىشلىرى تېخىمۇ تېزلىشىدۇ ۋە قولايلىشىدۇ؛ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىش، ھېسداشلىق كۈچىيىدۇ ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاش ئىشلىرى كۆپىيىدۇ».

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باياناتىدىن كېيىن مايك پومپېيونى، كانادا پارلامېنتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارىدىن كېيىن كانادا پارلامېنتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، گوللاندىيە پارلامېنتىغىمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى ئېنىق. ھالبۇكى، بىگىزنى تاغاردا ساقلىغىلى بولمىغاندەك، خىتاينىڭ ئىنسانىيەتنى چۈچۈتىدىغان بۇ قىرغىنچىلىقى تېخىمۇ كۆپ ئاشكارىلىنىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھۇشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ قارشىلىقنى پەيدا قىلىدۇ. خىتايدىن ئالىدىغان مەنپەئەتنى دەپ بۇ قىرغىنچىلىققا كۆز يۇمۇۋاتقان دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ھامان تونۇپ يېتىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.