5-ئاينىڭ 18-كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مۇھىم يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا گوللاندىيەدە ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنى قۇرغان خەلقنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى، خىرىستىيان دەموكرات پارتىيەسى ۋە بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش پارتىيەسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇللىرى قاتناشقان. يىغىندا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بىلەن لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.
بىز مەزكۇر ئۇچرىشىش توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئوبۇلقاسىم ئەپەندى ۋە لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر خانىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئوبۇلقاسىم ئەپەندى گوللاندىيە پارتلامېنتىدا بۇ ئۇچرىشىشنى ئېلىپ بېرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «5-ئاينىڭ 18-كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا مۇھىم بىر ئۇچرىشىش بولدى. بۇ ئۇچرىشىش ئىككى مەزمۇنغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بىرىنچىسى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۇلارغا مەلۇمات بېرىلدى. بۇنىڭدا لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر خانىم ۋەتىنىمىزنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى قىسقىچە ئاڭلاتقان بولدى. ئىككىنچىسى بولسا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە گوللاندىيە دۆلىتىگە بولغان تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويغان بولدۇق. چۈنكى گوللاندىيە پارلامېنتى ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ، ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى› نى ئېتىراپ قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتۈپ، رەھمەت ئېيتقان بولدۇق.»

ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىم باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاينى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىۋېتىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلىش بولغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئۇچرىشىشتا ئەڭ مۇھىم بولغان نەرسە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىنى، مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلماي تۇرۇپ مىشېل باچېلېت باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىمىزنى گوللاندىيە پارلامېنتىغا يەتكۈزدۇق. ھەم ئۇلارنىڭ جىددىي ھالەتتە ب د ت بىلەن كۆرۈشۈش ئارقىلىق دوكلاتنىڭ بالدۇرراق ئېلان قىلىنىشىنى، خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن بولدۇق. ئومۇمەن قىلغاندا، گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى بۇ ئۇچرىشىشىمىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»
ئوبۇلقاسىم ئەپەندى بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىشكە گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ئۈچ سىياسىي پارتىيەنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنغا ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھۆكۈمەتنى قۇرغان خەلنىڭ ئەركىنلىكى ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى، ئىككىنچىسى خىرىستىيان دېموكرات پارتىيەسى، ئۈچىنچىسى بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان كۆچمەنلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش پارتىيەسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇللىرى قاتناشتى. 18-ماي كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش يوقۇرىقى ئۈچ مۇھىم پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇللىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولدى.»
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر خانىم 18-ماي كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىدا بولغان يىغىندا ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق بەرگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئوبۇلقاسىم ئەپەندى، گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا ئۈچ پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ لاگېر شاھىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى قىزغىن ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
گوللاندىيە پارلامېنتى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلغان پارلامېنتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە.