6-ئاينىڭ 2-كۈنى گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فۇندىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى ۋە گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى بىلەن تور يۈزىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.
گوللاندىيە دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى شۇرد شۇردىما ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان پارلامېنىت ئەزاسى بولۇپ، ئۇ گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىش مەسىلىسىدە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان كىشىدۇر. ئۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتراپ قىلىش مەسىلىسى بويىچە گوللاندىيە پارلامېنتىغا تۇنجى بولۇپ تەلەپ سۇنغان پارلامېنىت ئەزالىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شۇ سەۋەبلىك خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازا ئېلان قىلىنغان ۋە «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
ئىگىلىشىمىزچە، گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فۇندى مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسىغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ئۈچۈن 8 قېتىم ئېلتىماس سۇنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تور يۈزىدە كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىملىق تور سۆھبىتىدە گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فۇندىنىڭ مەسئۇللىرى شورد شوردىما ئەپەندىمگە ئۆزلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئېيتىقان شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن.
گەرچە بۇ سۆھبەت تور يۈزىدە يېرىم سائەت ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىسقىغىنە ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆڭۈلدىكىدەك سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان.
شورد شوردىما ئەپەندىم بۇ سۆھبەتتە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ بىرلىككە كەلتۈرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن بوشاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دېموكراتچىلار پارتىيەسى گوللاندىيەنىڭ بۇ يىللىق سايلىمىدا پارلامېنتتا ئىككىنچى ئورۇنغا ئېرىشكەن چوڭ پارتىيەدۇر. دېموكراتچىلار پارتىيەسى گوللاندىيەدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ تونۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان پارتىيەنىڭ بىرىدۇر.
بۇ قېتىملىق تور سۆھبىتىگە قاتناشقان گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك فوندىنىڭ ئەزاسى ئەخمەتجان قاسىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
گوللاندىيە پارلامېنتى گەرچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى گوللاندىيەدە تېخىمۇ يوقىرى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىقىش، شۇنداقلا ئۇنى پارلامېنتتا قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن.