گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، پارلامېنت تاشقى ئىشلار، مۇداپىئە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مارتېين فون ھېلبېرت 26-ئاۋغۇست كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەقسەتلىك ئازايتىشى خەلقئارادا بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەنىسىگە كىرىدىغانلىقى، بۇ ئەھۋالدا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ب د ت باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا سادىر بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يۇقىرىقى قىلمىشنى تەكشۈرۈشىگە شەرتسىز يول قويۇشى، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە شۇ نەرسىنىڭ ئېنىق بولۇشى، ئۇ خىتايدا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار، خرىستىئانلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر جازالىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۇنىڭ بىلەن نورمال مۇناسىۋەت قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.
گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ سېكرېتارى ئادىلجان ئابدۇكېرىم، لاگېر شاھىتى ئۆمەر بېكالى قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەرگەن ئاخبارات يىغىنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گوللاندىيەنى زىيارەت قىلىپ، باش مىنىستىر مارك رۇتتې، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ستېف بلوك بىلەن ئۇچراشقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن.
فون ھېلبېرت يىغىندا خەلقئارا پارلامېنتلارئارا خىتاي ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىل ئېلان قىلغان خىتاينىڭ تۇغۇتنى چەكلەپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنى نىشانلىق ئازايتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى مەقسەتلىك ئازايتىش سىياسىتى خەلقئارادا بىردەك قوبۇل قىلىنغان دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كىرىدۇ. خىتاي ب د ت باشچىلىقىدىكى خەلقئارانىڭ شىنجاڭدا سادىر بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان يۇقىرىقى بايانلارنى تەكشۈرۈشىگە شەرتسىز يول قويۇشى كېرەك».
مارتېين فون ھېلبېرت 26-ئاۋغۇست رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» توغرىسىدىكى يۇقىرىقى قاراشلىرىنى يەنە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر خىتاينىڭ قىلمىشى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىنسا، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش خەلقئارا ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەھدىنامىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن.
فون ھېلبېرت مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىسى ھەقىقەتكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى بىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق، دەپ كۆرۈۋاتقان تەبىرلەرگە بەك يېقىن كېلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بار دېسە، بىزمۇ خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن سۆز ئاچالايمىز. بىز ھەممىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان. بۇ ئەھدىنامىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بەرسە ھەر بىر دۆلەت ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك».
فون ھېلبېرت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا گوللاندىيە پارلامېنتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئۇ ۋاڭ يىنىڭ سۆھبەتنى رەت قىلغانلىقىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي مىنىستىرى گوللاندىيەدە 2 كۈن تۇرسىمۇ، لېكىن پارلامېنت بىلەن سۆزلىشىشكە ۋاقىت چىرىشنى خالىمىدى. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىدىغان مەسىلىلىرىم بار ئىدى. چۈنكى، مەن خوڭكوڭ، تەيۋەن، فالۇنگوڭ، ئۇيغۇر ۋە خرىستىئانلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمەن».
ئاخبارات يىغىنىدا گۇۋاھلىق بەرگەن گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ سېكرېتارى ئادىلجان ئابدۇكېرىم 26-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك ئىكەن.
ئادىلجان ئابدۇكېرىم: «گوللاندىيە خىتاينى مۇستەقىل جازالاشقا كىچىكلىك قىلىۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئۈچۈن گەپ قىلىۋاتقان ئامېرىكا بولغاندىن كېيىن، ھېچبولمىسا گوللاندىيە ئامېرىكانىڭ يېنىدا تۇرسا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئامېرىكانىڭ يېنىدا تۇرغانلار قانچە جىق بولسا، بۇ خىتايغا تېخىمۇ بېسىم بولىدۇ. ئەڭ ئاز بۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سوزغان قولىنى بىر ئاز تارتىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن».
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار 26-ئاۋغۇست ۋاڭ يىغا قارشى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئادىلجان ئابدۇكېرىمنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1800 دەك ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
ئادىلجان ئابدۇكېرىم مۇنداق دېدى: «بىز ناھايىتى كونكرېت قىلىپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 1800 دىن ئارتۇق يوقاپ كەتكەن تۇغقان ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. ھازىر تېخىمۇ جىقىيىۋاتىدۇ، لېكىن تېخى تاپشۇرمىدۇق. ئەمما بۇ 1800 ئادەم نەدە، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىغان بولساڭ، بۇلار نەدە، ئەگەر جىنايەت ئىشلىگەن بولسا جىنايىتىنىڭ پاكىتى نەدە. ھېچ بولمىسا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەدىلىكىنى، دەپ بەرسىمۇ بىر ئەمەلىي ھەرىكەت بولىدۇ».
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلوكنىڭ ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە مەزكۇر 1800 ئۇرۇق-تۇغقاننىڭ ئىز-دېرىكىنى سورىغان-سورىمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئۇنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ۋاڭ يى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەشكەنلىكى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرىقى تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. باياناتتا ئۇنىڭ «خىتايدا دىنىي-ئېتىقادنىڭ چەكلىنىشىگە، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ۋە بۇددىست تىبەتلەر بۇنىڭ ئالاھىدە تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى» تەكىتلەنگەن.
ۋاڭ يىنىڭ گوللاندىيە زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپى ناھايىتى مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، فون ھېلبېرت ھۆكۈمەتكە بۇ توغرىسىدا يازما تەلەپ سۇنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ 26-ئاۋغۇست زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكىگە ناھايىتى قىزىقىمەن. مەن بۇ توغرىسىدا يازما سوئال تەييارلاپ، ئۇنىڭغا باشقا پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭمۇ ئىمزا قويۇشىنى تەلەپ قىلدىم. . يازما سوئالدا ئۇلارنىڭ تەيۋەن، خوڭكوڭ، فالۇنگوڭچىلار، خرىستىئانلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى سۆزلەشكەنلىكى، قانداق قارارغا كەلگەنلىكى، بۇنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدىغانلىقى سورۇلۇپ، ئۇلارنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىنى كۆرۈش تەلەپ قىلىندى. مەن يەنە نېمە ئۈچۈن بۇ زىيارەتنىڭ مەخپىي تۇتۇلغانلىقى، بۇنى كىمنىڭ تەلەپ قىلغانلىقلىرىنى سورىدىم. ھۆكۈمەت سورالغان بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى».
ۋاڭ يىنىڭ زىيارىتى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە سېلىۋاتقان پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىتلىرىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا ئەرز سۇنغان مەزگىلگە توغرا كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ۋاڭ يى گوللاندىيەگە كېلىشنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەن، لېكىن ئەرزگە دېلو تۇرغۇزۇشنى رەت قىلغان. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئەرزنىڭ چەتئەلگە چېتىلىدىغانلىقى، ئەرزنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
0:00 / 0:00