ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەرنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپ لايىھەسى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن
2021.10.14
ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان كۆچمەنلەرنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپ لايىھەسى 12-ئۆكتەبىر كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «پارلامېنت ئەزاسى برېكېلماننىڭ گوللاندىيەدىكى كۆچمەنلەرنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەھدىدىگە ئۇچراش ئەھۋالى گوللاندىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىدىن ئورۇن ئېلىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى» دېگەن نامدىكى بۇ تەكلىپ لايىھەسى، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى رۇبېن برېكېلمان تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئىكەن.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە رەسمىي ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر لايىھەنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭدا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا كۆچمەنلەرنى خىتاي جاسۇسلىرى ياكى باشقا مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ بېسىملىرى ھەم تەھدىتىلىرىدىن قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر قاتارلىق كۆچمەنلەرنىڭ تەھدىتكە ئۇچراش مەسىلىسىنى دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى بويىچە مەخسۇس ھۆججەت چىقىرىپ، بۇنى گوللاندىيەنىڭ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن «گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك تەھدىتلىرىگە ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە بىر قىسىم سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە پىكىرلەشكەن ئىكەن.
«گوللاندىيە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى» دىن ئەخمەتجان قاسىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گوللاندىيە پارلامېنت ئەزاسى رۇبېن برېكېلمان تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئەخمەتجان قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان پارلامېنت ئەزاسى رۇبېن برېكېلمان ئەپەندى گوللاندىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىنىڭ خىتاي ۋە ئاسىيا ئەللىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئىكەن.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىنىڭ كەلگۈسىدە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكى ۋە خاتىرجەملىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان كاپالىتى، شۇنىڭدەك ئەمەلىي ئۈنۈمى ھەققىدە توختالدى.
ئاسىيە خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ تەكلىپ لايىھەسىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدا قاراردىن ئۆتۈشى، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر خىل ھۇجۇم-تەھدىتلىرىگە ئۇچراش ئەھۋالىغا قارىتا گوللاندىيە دۆلىتىنىڭ ئارلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
يوقۇرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.