گوللاندىيە مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قىسقا فىلىمى زور تەسىر قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020.10.26
NOS-Gollandiye.jpg گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى ن ئو س يەنى گوللاندىيە رادىيو فوندىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى شورددېن دائاس ئەپەندىم.
Social Media

يېقىندا گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى ن ئو س يەنى گوللاندىيە رادىيو فوندىنىڭ خەۋەر قانىلىدا، گوللاندىيەنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى شورددېن دائاس تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 8 مىنۇتلۇق قىسقا ھۆججەتلىك فىلىم بېرىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولغان گوللاندىيە مۇخبىرى ئىشلىگەن بۇ قىسقا فىلىم گوللاندىيە تاراتقۇلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلىنىپ زور تەسىر قوزغىدى. 

مۇخبىر شورددېن دائاس تەرىپىدىن ئىشلەنگەن 8 مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمدە، مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا فىلىم ئىشلەش جەريانىدا يولۇققان توسقۇنلۇقلار ۋە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەقىقىي ئەھۋاللار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ زىيارەت جەريانىدىكى ساقچىلارنىڭ نازارىتى، توسقۇنلۇقى، ئۇ سىنغا ئېلىۋالغان يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان لاگېرلار ھەققىدىكى كۆرۈنۈشلەر، پويىز ئىستانسىسىدا ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئوقۇش نامىدا يىراق سەپەرگە ئېلىپ مېڭىلغان ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قورقۇنچ ئىچىدە رەت قىلغانلىقى، ئەمما رايوندىكى خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ بولسا، ھەممە يەرنى ساقچىلار قاپلىغان ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىدىن چەكسىز مەمنۇنلىقى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلغانلىقىنى ئەينەن سۈرەتكە ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن قاتتىق نازارەت سىستېمىسىنى قوللاپ ئېيتقان سۆزلەرمۇ فىلىمغا كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگۈچى گوللاندىيە مۇخبىرى شورددېن دائاسنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگە قەدەر ياۋروپادىكى گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە نورۋېگىيە قاتارلىق 5 دۆلەتتىكى زىيارىتىدىنن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان. خىتاي باش مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ياۋروپا مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەت قىلىپ خەۋەر ئىشلىسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى ئەينى چاغدىكى ياۋروپا تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنغانىدى.

گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇچرىغان توسقۇنلۇقلار ۋە كۆرگەن ئەھۋاللار ئارقىلىق، ئۇيغۇر رايونىنىڭ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ گوللاندىيە زىيارىتى مەزگىلىدە ئېيتقانلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تەشۋىقاتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان رېئاللىقىنى پاكىتلار ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئاسىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر فىلىم تارقىتىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى تەشۋىقاتى مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئۈنۈمى خىتاي ھۆكۈمىتى كۈتكەننىڭ تامامەن ئەكسىچە بولغان. 

ئاسىيە خانىم سۆزىدە، مەزكۇر فىلىمنىڭ خىتاينىڭ ياۋروپادا ياخشى ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان بىر قاتار يالغان تەشۋىقاتىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

ئاسىيە خانىم يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى ياۋروپادىكى 5 دۆلەتتە ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ مەقسىدى ۋە ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ياۋروپادا قارشى ئېلىنمىغان نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە مەزكۇر فىلىمنىڭ گوللاندىيەدە قويۇلۇشى بىلەن گوللاندىيەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە بولغان تونۇش يەنىمۇ كۈچەيگەن. 

زىيارىتىمىز ئاخىرىدا ئاسىيە خانىم يەنە، گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلغان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى فىلىمنىڭ بۇ دەرىجىدە تەسىر قوزغىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. 

ئۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى ئۆز دۆلىتىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلقىگە ئاڭلىتىشنىڭ زور ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.