خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە شۆبىسى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان

0:00 / 0:00

10-ئاينىڭ 24-كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن گوللاندىيەنىڭ ئۇترىخ شەھرىدە ئۇيغۇرلار ئۇچىراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

بۇ پائالىيەتكە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن باشقا يەنە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ھەم سىياسىي پائالىيەتچىلەرمۇ قاتناشقان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتىدە مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى زەينىدىن تۇرسۇن(ئوڭدا) ۋە لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم. 2021-يىلى 24-ئۆكتەبىر، گوللاندىيە.

بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئەخمەتجان قاسىم، ئالېرىك ئابلىمىت ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى زەينىدىن تۇرسۇن، شۇنداقلا گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق لاگېر شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق خانىم قاتارلىقلار تەكلىپ بىلەن قاتنشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەن.

مەزكۇر پائالىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى لېكسىيە ۋە مۇنازىرىلەر ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ ۋەكىلى سىتەيىن دىلىرىك ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئورونلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقارغان كىشىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ مەزكۇر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرگەن. ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، ئۇ يەردە بىر يىلدەك تۇرۇش جەريانىدا ئۆزى كۆرگەن ۋە ھېس قىلغانلىرىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.

ئۇ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپلا قالماستىن بەلكى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇشنىڭ نىشانى بولۇپ ياشايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن ۋەزىيەت ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسى ئورۇنلاشتۇرغان ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش پائالىيىتىدە(سولدىن ئوڭغا) خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى گوللاندىيە شۆبىسىنىڭ ۋەكىلى سىتىيىن دېلىرىك ئەپەندى، لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم ۋە ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى. 2021-يىلى 24-ئۆكتەبىر، گوللاندىيە.

رادىيويىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئورۇنلاشتۇرغان بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، گوللاندىيەدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ خوجايىنى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆز رېستورانى نامىدىن مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرىنى تەييارلاپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا سۇنغان. تائام جەريانىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تائاملىرىنى تونۇشتۇرۇلغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتى ۋە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتىنى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە ئاڭلىتىشتا ئوينايدىغان رولى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ يىل 26-فېۋرال كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار يۈرگۈزىۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.