«خەلقئارا تىبەت تورى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 19-ئىيۇن كۈنى گۇگۇلنىڭ سان-فرانسىسكودىكى باش شىركىتىدە ئېچىلغان پايچىلار يىغىنىدا گۇگۇل شىركىتىنىڭ باش لېدىرى كېنت ۋالكېر مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتايغا «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنى ئىشلەپ بېرىش پىلاننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى سان-فرانسىسكودىكى گۇگۇل شىركىتىنىڭ باش شتابىدا يىغىن ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ئۆكتىچى تەشكىلاتلاردىن ئەركىن تىبەت تورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە خەلقئارا ئىستېمالچىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئامېرىكانىڭ سان-فارانسىسكو، نيو-يورك، كانادانىڭ تورۇنتو، فرانسىيەنىڭ پارىژ، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېي قاتارلىق شەھەرلەردىكى گۇگۇل شىركەتلىرىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن.
19-ئىيۇن كۈنى چۈشتىن كېيىن كانادانىڭ تورۇنتو شەھىرىدىكى گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر نارازىلىق پائالىيىتىگە كانادادىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى، كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ۋە خىتاي دېموكراتلىرى ۋەكىللىرىدىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ شۆ خانىم شۇنىڭدەك بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر قاتناشقان.
كانادادىكى «ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى» مەسئۇلى سونام تسو نامايىش مەيدانىدا گۇگۇل شىركىتى خىتاي ئۈچۈن ياساپ بېرىۋاتقان «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، نۇتۇق سۆزلىگەن.
ئۇ سۆزىدە گۇگۇل شىركىتىنى «خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ قول چومىقىغا ئايلىنىپ قالماسلىق» قا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئەگەر گۇگۇل شىركىتى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنى ئىشلەپ بازارغا سالسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پىكىر ئېقىمىدىكىلەرنى نازارەت قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، ھەتتا چېگرا ئاتلاپ چەتئەللەردە خىتايغا قارشى پائالىيەتتە بولۇۋاتقان تىبەت، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۆكتىچىلەرگە قول سوزۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يۇمتالدىن پايدىلىنىپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلايدىغانلىقى، ئۇلارغا ھەر خىل جىنايى بەتناملارنى ئارتىپ ئۇلارنى چېگرا ئاتلاپ تۇتقۇن قىلىشى ئۈچۈن ئاسانلىق يارىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە بۇنىڭ پۈتكۈل يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىكى ئەركىن ئالاقىسىغا تەھدىت خاراكتېرلىك يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
كانادادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋېلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گۇگۇلنىڭ كانادادىكى شىركىتىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ بۇ قېتىمقى نارازىلىق نامايىشىنى ئەركىن تىبەت تورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن كانادادىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتىنىڭ تەشكىللىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
كانادادىكى خىتاي دېموكراتلىرىدىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ شۆ خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە بۇ قېتىم ئۆزلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق پائالىيىتى ھەمدە ئۇنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختالدى.
ئىلگىرىكى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇگۇل شىركىتىنىڭ خىتاي ئىچىدە گۇگۇل ماتورى ئارقىلىق ئىزدەش تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىدىغان «ئۇچار ئەجدىھا» يۇمتالىنى ياساش پىلانى 2018-يىلىنىڭ 7-ۋە 8-ئاي مەزگىللىرىدە ئاشكارىلانغان. گۇگۇل تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2018-يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنى گۇگۇلنىڭ كېيس ئەنرايت ئىسىملىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى گۇگۇل شىركىتىنىڭ 2017-يىل ئەتىيازدىن باشلاپ مەزكۇر پىلان ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلتۇردىن بۇيانقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە يەنە گۇگۇلنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بىر قىسىم خىزمەتچىلەر مەزكۇر پىلانغا نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتچىلىرىنىڭ تەشكىلاتلىرى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ نارازىلىق باياناتلار ئېلان قىلىپ، گۇگۇل شىركىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشماسلىققا چاقىرغان. ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گۇگۇل شىركىتىنى ئاگاھلاندۇرغان. «تىبەت ئاۋازى» تورىنىڭ 2018-يىل 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىدە گۇگۇل شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ نارازىلىقى سەۋەبىدىن مەزكۇر پىلاننىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.