گوردون چاڭ: «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئەمدى ئۈزۈلدى»

0:00 / 0:00

خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى كۈنسېرى كەسكىنلەشمەكتە. 2019-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ سودا رىقابىتىدە خىتاينى «رەقىب» دەپ ئېلان قىلدى.

2020-يىلى مايدا ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ رىقابەت ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلدى. باياناتتا: «بېيجىڭنىڭ سودا ئۇسۇلى خالقئارا سودا پرىنسىپلىرىغا تەھدىت،» دېيىلگەن.

6-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتايغا قارشى پارلامېنتلار بىرلىكى (IPAC) قۇرۇلدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە كانادا قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە جىددىي تۈردە ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر بىرلىكنىڭ ئاساسى نىشانى خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، سودا ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەتلەرنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداش بولۇپ، بۇ بىرلىك كېيىنكى مۇساپىسىدە خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىكەن.

بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ھەممىسى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ جىددىي ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەلۋەتتە. كەلگۈسىدە بۇ سىياسەتلەرنىڭ قانداق شەكلىدە ئۆزگىرىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى ئورۋېل سىكىل 7-ئىيۇن «خىتاي تېلېگراممىسى» (The Wire China) تورىدا «مۇناسىۋەت ئاخىرلاشتى» سەلەۋھەلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، 1970-يىلىدىن باشلانغان يېرىم ئەسىرلىك خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

ماقالىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقان ناھايىتى نازۇك بىر خەلقئارا مەسىلىگە ئايلانغانلىقى، كورونا ۋىرۇسى تارقىلىشتىن بۇرۇنلا خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ «پارچىلىنىش» گىردابىغا بېرىپ بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئورۋىل ئەپەندى «خىتاي تېلېگراممىسى» تورىنىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېگەن: «مەسىلە شۇ يەردىكى، خىتاي بىلەن دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق دېگەن تېمىلار ھەققىدە سۆھبەتلەشكىلى بولمايدۇ. ئامما ۋىرۇس ئاپىتى، دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئورتاق ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ۋاشىنگتوندىكى رەھبەرلەر بۇ مەسىلىلەردە كەسكىن بولۇپ، ھېچبولمىسا: ‹يۈرگۈزۈۋاتقان بارلىق سىياسەتلرىڭنى توختات، ھازىر پۈتۈن دۇنيا خەۋپ ئىچىدە تۇرماقتا. بىر-بىرىمىزنى ياقتۇرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن بۇ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىشىمىز كېرەك،› دەپ خىتايغا ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى كېرەك.»

ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون ئىنستىتۇتى خىتاي ئىستراتېگىيەسى مەركىزىنىڭ مۇدىرى مايكول پائۇل پىلسبۇرى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى «پارچىلىنىش» قا نىسبەتەن ئورۋىلغا ئوخشىمايدىغان قاراشتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ‹پارچىللىنىشى› مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىشى، خىتاي ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىپ جازاسىنى ئۆتىشى كېرەك. خىتاي مالىيە مىنىستىرىنىڭ ئىپادىسىگە قارىغاندا، خىتاي بۇ مۇناسىۋەتنىڭ ‹پارچىلىنىشى› دىن قورقىدۇ.»

ئۇ خىتاينىڭ بۇ خىل «پارچىلىنىش» نى ئوڭلاش ئۈچۈن ئاستىرتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرلىرىنى مەسخىرە قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنى ياخشى بىلىمەن، ئۇلار ۋول-سىترتتىكى بايلار، ئەقىل ئامبىرىدىكى ئىختىساسلىق خادىملار ۋە پارلامېنتتىكى ئەربابلار ئارقىلىق بۇ ‹پارچىلىنىش› نى ‹رېمونت قىلىش› قا كۈچەۋاتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق. ئامېرىكا قارارىدىن ھەرگىزمۇ يانمايدۇ، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى.»

ئىلگىرى غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتايغا ئىككى خىل پوزىتسىيە تۇتقان ئىدى، بۇنىڭ بىرى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى مەركەز قىلغان «پرېزىدېنت شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇستەبىتلىك ئۇسۇلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، داۋاملىق سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى تەشەببۇس قىلىش» پوزىتسىيەسى؛ يەنە بىرى بولسا ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ستىۋ باننوننى مەركەز قىلغان «خىتاي كومپارتىيەسىنى ئاغدۇرۇش» پوزىتسىيەسى.

ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خەلقئارانىڭ خىتايغا بۇ خىل سىياسەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي پرېزىدېنت نىكسون دەۋرىدىن باشلاپ ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئامېرىكادىن ھەم تىخنولوگىيە ھەم مەبلەغ كىرگۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈۋالدى. خىتاي شۇ يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان بولدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن خىتاي كۈچىيىپ ئامېرىكىغا تەھدىت بولىدىغان ئورۇنغا ئۆتتى.»

«سۆھبەت» (The Conversation) گېزىتىنىڭ 12-ئىيۇن بەرگەن «خىتاينى قاتتىق قوللۇق بىلەن ‹چەكلەش› ئىستراتېگىيەسى ئۈنۈم بېرىدۇ› سەرلەۋھەلىك ماقالىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئۇچۇشىنى چەكلىشى، ئەنگلىيەنىڭ ئۈچ مىليون خوڭكوڭلۇقنىڭ ئەنگلىيەدە يەرلىشىشىگە رۇخسەت قىلىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنى قوللانغاندىن كىيىن خىتاينىڭ سىياسەتلىرىدە يۇمشاش كۆرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تامامەن ئۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ساھەلەردە مۇناسىۋىتى قويۇقراق، مەسىلەن، ۋول-سىترت ۋە بەزى خەلقئارالىق پروگراممىلاردا قويۇق ئالاقىسى بار. لېكىن ئامېرىكانىڭ دونالد ترامپ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمىتىدە بۇ جەھەتتىكى يېڭى يۈزلىنىشنى كۆرۈۋاتىمىز. يەنى، ‹ئامېرىكا مەنپەئەتى ھەممىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. ئامېرىكا خىتاينىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق بولىدىغان ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇردى.» ئىلگىرى ئامېرىكا خىتاينى ھەر جەھەتتىن ‹يۆلەپ› خەلقئارالىق سىستېمىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچىگەن ئىدى. ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن ئۇنداق بولمايدۇ. ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى ھەر ۋاقىت بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ دېگەنلىك ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشتى دېگەنلىكتۇر.»

گوردون چاڭ ئامېرىكانىڭ بۇندىن كېيىنكى «خىتاي ئىستراتېگىيەسى» ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ۋەزىيەت داۋالغۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. بەزىدە كېلىشىم تۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن كېلىشىم ‹كېلىشىم تۈزۈش› ئۈچۈنلا تۈزۈلمەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى كېلىشىملەردە خىتاينى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىشى كېرەك. سابىق پرېزىدېنتلاردىن بۇش ۋە ئوباما ۋاقتىدىكىدەك، ئامېرىكا مەنپەئەتىنى قوغدىيالمايدىغان ئىش ئەمدى قايتا يۈز بەرمەيدۇ.»

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى كۆزەتكۈچىلەر: «خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن دېموكراتىك دۆلەتلەر بىرلىشىشى كېرەك، بولمىسا خىتاي ‹بۆلۈپ› باشقۇرۇش سىياسىتى بويىچە غەربتىكى دۆلەتلەرنىمۇ بىر-بىرىدىن ‹ئايرىپ› كونترول قىلىدۇ،» دېيىشمەكتە.