گوردون چاڭ: «خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى توختىتىشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.16
pompeo-2019-11-sozde.jpg ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پامپېيو ئەپەندى ئاقسارايدا. 2019-يىلى 23-ئۆكتەبىر، ۋاشىنگتون.
AFP

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 15-ئىيۇل «ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە رول ئوينىغان خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ بەزى خىزمەتچىلىرىگە ۋىزا چەكلىمىسى قويدى» ناملىق بىر بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ۋىزا چەكلىمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇشتا ھۆكۈمەت بىلەن ھەمكارلاشقان خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. باياناتتا يەنە «ئەگەر قايسى دۆلەت خۇاۋېي شىركىتى بىلەن سودا قىلىۋاتقان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغۇچىلار بىلەن سودا قىلىۋاتقان بولىدۇ،» دېيىلگەن.

«خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» تورىنىڭ 16-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلارى مىنىستىرى مايك پومپېيونى ئۇيغۇر ئىلىنى زىيارەت قىىشقا تەكلىپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 16-ئىيۇل كۈنىدىكى بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارغا: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلمدى، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بارمىدى. ئۇلار تىنچ-خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ،» دېگەن.

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ بۇ تەكلىپى ئۇلارنىڭ پومپېيونىڭ نېمە دېگەنلىكىگە ناھايىتى دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پومپېيونى ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرۈشكە تەكلىپ قېلىشى ئىنىقلا بىر كۆز بويامچىلىق. دېمەك، ئۇلار جىددىيلىشپتۇ.»

ئاقساراي 20-ماي كۈنى «ئامېرىكانىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەسى» سەرلەۋھەلىك بىر تەپسىلىي دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى. دوكلاتتا ئامېرىكانىڭ 1979-يىلى خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى تەپسىلىي بايان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكانىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

گوردون چاڭ ئامېرىكانىڭ نۆۋىتى كەلگەندە كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، خەلقئارادا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ خىتايغا بولغان كۆز قارىشى ناھايىتى تېز ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئىزچىل ئۆزگىرىۋاتقان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە قارايدىغان بولساق، دۆلىتىمىز جىددىي بىر شەكىلدە خىتايغا قارىتا جازالاش يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ جازالاشلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسىتىنى يېقىن مەزگىلدە ئۆزگەرتەلىشى تەس. ماڭىدىغان يول ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن نىشان ئېنىق. ئامېرىكا توغرا يولدا مېڭىۋاتىدۇ.»

گوردون چاڭ دۇنيادىكى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بۇ پىلانغا قېتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىز باشقا دۆلەتلەرگە شۇنى ئەسكەرتىۋاتىمىز: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى پەقەت سىياسەت مەسىلىسى ئەمەس. خىتاي پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. كۆز ئالدىمىزدا ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› يۈز بېرىۋاتىدۇ. پۈتۈن بىر مىللەت سىستېمىلىق ھالدا قۇللاشتۇرۇلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ھازىر بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشتىن باشقا تاللىشىمىز يوق.»

ئامېرىكا ئىزچىل خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى توختىتىش ھەرىكىتىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ قېتىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى. 14-يۇل كۈنى ئەنگلىيە 1-ئايدىكى قارارىنى ئۆزگەرتىپ، خۇاۋېينىڭ 5گ تېلېگراف تورىنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھىندىستان ھۆكۈمىتىمۇ 29-ئىيۇن «ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت مۇداپىيەسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ،» دەپ قارىغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ 59 دانە يۇمتالىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئاخىرىدا گوردون چاڭ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئەمدى ئۆزنىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنيادىن يوشۇرالمىدى، دۇنيامۇ ئەمدى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمەي تۇرالمايدۇ.»

ئاقساراي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى باياناتتا خىتاي شىركىتى ByteDance ئىگىدارچىلىقىدىكى داڭلىق ئىجتىمائىي سىن دېتالى TikTok غا قارىتا تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەرگەن ئىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو بۇ دېتالنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ترامپنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مارك مېدوۋس بۇ ھەقتىكى قارارنىڭ بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئىسىتراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئامېرىكانىڭ يېقىندىن بۇيان ئالغان كەسكىن قارارلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ سىياسەتلەر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ رەسمىي سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.