گوردون چاڭ: «ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئېلىشىشتىن باشقا تاللىشى يوق»

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يەنە بىر قاتار داۋالغۇشلار كۆرۈلدى. بولۇپمۇ 23-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5078 خىل ئامېرىكا مەھسۇلاتىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇ ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي سەۋەبىدىن زىيان تارتىپ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاپ، ئامېرىكاغا توختىماي زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ كۈنى ئۇ ھەتتا «قەدىرلىك دوستۇم» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى تىۋىتتېردىكى ئۇچۇرىدا «سىلەردىن بىر سوئال سورىماقچىمەن، ئەڭ چوڭ دۈشمەن جەي پوۋېلمۇ ياكى شى جىنپىڭمۇ» دېيىش ئارقىلىق ئۇنى تۇنجى قېتىم «ئەڭ چوڭ دۈشمەن» دەپ ئاتىدى.

پرېزىدېنت ترامپ يەنە 24-ئاۋغۇست كۈنى فىرانسىيەدىكى گ-7 دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىدا خىتاي ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق بارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارقىدىنلا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې بايانات بېرىپ «خىتاي سودا سۆھبەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈشنى خالىمايدۇ، بىز مەسىلىنى تىنچ كەيپىيات ئىچىدە ھەل قىلىش تەرەپدارىمىز،» دېدى. نەتىجىدە پرېزىدېنت ترامپمۇ قايتىدىن ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سۆھبەتلىرىگە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

CNBC خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1-سېنتەبىر، يەنى يەكشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلغان باجنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرگەن. ئەمما ئۇ ئەسلىدە ئېلان قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئاران 3 تىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئامېرىكانىڭ ئاپتوموبىل ۋە زاپچاسلىرىغا قويۇلىدىغان باج بۇ يىل دېكابىردا ئىشقا كىرىشىدىكەن.

ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ سودا سۆھبەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا يانداش مەسىلىلەردىكى تىركىشىشلىرى ھازىر دۇنيا كۈچلۈك دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا بۇ ساھەدىكى تونۇلغان تەتقىقاتچى، 2001-يىلى ئېلان قىلىنىپ زور تەسىر قوزغىغان «خىتايدا يۈز بەرگۈسى يىمىرىلىش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى گوردون چاڭ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق ۋە ئۇنىڭدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى سورىدۇق.

مۇخبىر: ھۆرمەتلىك گوردون چاڭ ئەپەندىم، ئالدى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا سۆھبەتلىرىدە تۇراقسىز ۋەزىيەتنىڭ ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. سىزچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا زادى نېمە بولدى؟

گوردون چاڭ: مەنچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا بىر قاتار جىددىي مۇزاكىرىلەر بولغانلىقى ئېنىق. چۈنكى خىتاي باش مىنىستىر ياردەمچىسىنىڭ سۆزىمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ قانداق قەدەم ئالىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. بۇ قېتىملىق تىركىشىشتىمۇ خىتاي بىرىنچى بولۇپ چېكىندى.

مۇخبىر: بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇپ ئۇنداق، تۇرۇپ بۇنداق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ئارقىلىق ۋاقىتنى قەستەن ئۇزارتىپ، ئامېرىكادىكى سايلامدا دونالد ترامپنىڭ قايتا سايلىنالماسلىق ئېھتىماللىقىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، دېموكراتچىلار پارتىيەسى نامزاتلىرىدىن بىرەسى ئۇتۇپ قالغان تەقدىردە سىياسەتنىڭ يۇمشايدىغانلىقىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتىدۇ؟ سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ سىزچە سايلامدا ترامپ يېڭەلمەي قالغان تەقدىردە خىتايغا قارىتىلىۋاتقان سىياسەتلەردە ھەقىقەتەن بىر يۇمشاش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟

گوردون چاڭ: بۇنىڭغا بىر نېمە دېيىش ئىنتايىن قېيىن. چۈنكى ھازىر دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ بەزى نامزاتلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى پوزىتسىيەسى ئىنتايىن يۇمشاق، ئەمما بەزى نامزاتلارنىڭ بايانلىرى ئەكسىچە ترامپتىنمۇ بەك قاتتىق. شۇڭا بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نەرسە دېيىش بەكمۇ تەس. خىتاي ئامېرىكا بىلەن كېلىشىمىنى تۈزمەي، ھەقىقەتەن ۋاقىتنى سوزۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سودا مەسىلىسىدە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرۇلۇق كونكرېت بىر پىلانى، يول خەرىتىسى يوق. شۇڭا بۇ ھازىرقى داۋالغۇشلارنى پەقەتلا خىتاي مەقسەتلىك ھالدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى قارارسىزلىقنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.

مۇخبىر: سىزگىمۇ مەلۇم بولغاندەك، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينى ئىقتىسادىي مەسىلىلەردىلا ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ ناھايىتى قاتتىق ئەيىبلەۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇنلىغان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ھازىر ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ئۈچۈن ئەيىبلەشكە ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ماگنېتىسكى قانۇنى» ئارقىلىق جازالاشقا چاقىرىۋاتىدۇ. سىزچە، پرېزىدېنت ترامپ خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالايدىغان «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىمزالارمۇ؟

گوردون چاڭ: مەنچە، پرېزىدېنت ترامپ «ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىمزالىغان تەقدىردە سودا كېلىشىمى ۋەيران بولىدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. مەن بۇنى توغرا يول دېيەلمەيمەن. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا بۇنىڭغا قارشى چوقۇم بىر ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەن يەنە بۇنى خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئۇسۇلىنى بىلمىگەنلىك، دەپ قارايمەن. سىز خىتايغا يول قويسىڭىز بولمايدۇ. سىز ئاۋۋال ھەرىكەتنى قوللىنىپ، ئۇلارغا شەرتنى قويۇشىڭىز كېرەك، شۇندىلا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقا چىقىش يولى يوقلىغىنى چۈشىنىدۇ ۋە سىزنىڭ شەرتلىرىڭىزگە كۆنىدۇ. شۇڭا مەن پرېزىدېنت ترامپ قولىدا بار نەرسىنىڭ ھەممىسى بىلەن خىتايغا زەربە بېرىشى، ھەرگىزمۇ ياخشى نىيەت بىلەن ئۈمىد كۈتۈپ ئولتۇرماسلىقى كېرەك، دەپ قارايمەن.

مۇخبىر: مەلۇم بولغاندەك، سىز ۋە باشقا نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ساقلاش ۋە ئەركىن تىجارەتنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ چوقۇم خىتايغا تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىزچە، بۇنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشىدىن پۇل تېپىشنى ئويلاۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇلار ئامېرىكانى قوللارمۇ؟

مەن ئالدى بىلەن «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ھازىر كىشىلەرنى بۇرۇنقىدەك ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. ئاندىن قالسا مەن بىزنىڭ خىتاي بىلەن قارشىلىشىشتىن باشقا يولىمىز يوقلۇقىغا ئىشىنىمەن. بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان بىز ئەمەس، بەلكى خىتاي. گەرچە ھېچقانداق بىر ئامېرىكالىق ئەمەلدار خىتاي بىلەن تىركىشىشنى خالىمىسىمۇ، ئەمما خىتاي بىزگە ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتىدىغان بىر پۇرسەت قويمايۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ بىزدىكى مەسىلە ئەمەس، خىتايدىكى مەسىلە. مەنچە، بىز ئاخىرى بېرىپ خىتاي بىلەن ئېلىشىمىز، بىزنىڭ باشقا تاللىشىمىز يوق.

يۇقىرىدا بىز ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى گوردون چاڭ بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.