لاگېر شاھىتلىرى: خىتاي گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئۇيغۇر سوتىغا قارشى ئويونغا مەجبۇرلىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.06.09
لاگېر شاھىتلىرى: خىتاي گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئۇيغۇر سوتىغا قارشى ئويونغا مەجبۇرلىدى «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» ئورۇنلاشتۇرغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش سوتى ئاياغلاشقان 7-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» تىۋىتتېردىكى ھېسابىدىن بىر تارقىتىپ سىندىن ئېلىنغان.
Social Media

«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ لوندوندا داۋام قىلغان 4 كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى باشلانماي تۇرۇپلا، خىتاي مەزكۇر سوتنى قارىلاش ھۇجۇملىرىنى باشلىغانىدى. ئۇيغۇر سوتى ئاياغلاشقان 7-ئىيۇن كۈنى خىتاينىڭ «خەلق گېزىتى» تىۋىتتېردىكى ھېسابىدىن بىر ۋىدىيو تارقىتىپ، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى ئەيىبلىگەنىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «چەتئەل تورى» نىڭ 8-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە يەنە، ئۇلار بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنىنى خىتايغا قارشى «دۈشمەنلەرنىڭ ۋە ‹دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى› نىڭ بىر قېتىملىق سىياسىي ئويۇنى» دەپ ئاتىغان.

خىتاي قانۇنىي تەرتىپلەر بويىچە ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىنىنى «قانۇنسىز سوت» دەپ ئاتىغان ۋە باش سوتچى جېفرى نايىس ئەپەندىنى «ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئەنگلىيە جاسۇسلۇق خادىمى» دەپ قارىلىغان. سوتتا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن بارلىق كىشىلەرنى «سىياسىي ئارتىسلار» دېگەنىدى.

9-ئىيۇن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئاخبارات يىغىنى ئېچىپ خوڭكوڭ تېلېۋىزىيەسىدە نەق مەيداندىن تارقاتتى. خىتاي بۇ قېتىملىق ئاخبارات يىغىنىنىڭ ھۇجۇم نىشانىنى «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ۋە لاگېرلار ھەققىدە ئىسپات بەرگەن لاگېر شاھىتلىرىغا قاراتقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى شۇ گۇيشياڭ رىياسەتچىلىك قىلغان. يىغىنغا قاتناشقان خىتاي ئەمەلدار ۋە مۇتەخەسسىسلەردىن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي قانۇن ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن سامساق قاتارلىقلار «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نى: «قانۇنىي جەھەتتىن جازا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى يوق، پەقەت بىر قىسىم خىتاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان بۆلگۈنچى تەشكىلات ۋە كۈچلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاتالمىش شاھىتلار رول ئالغان، ئۆزلىرى ئويناپ ئۆزلىرى ھۇزۇر ئالغان بىر قېتىملىق سىياسىي سەھنە، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئېتىبارى يوق» دەپ ئەيىبلىگەن ۋە ھۇجۇم قىلغان.

مۇھىمى خىتاي دائىرىلىرى بۇ نۆۋەت «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىكى بىر-بىرىدىن مۇھىم شاھىتلارنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى يالغانغا چىقىرىشقا قايتىدىن ئۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلار سايراگۇل ساۋۇتباي، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، مېھرىگۈل تۇرسۇن، زۇمرەت داۋۇت قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ۋە ئاتالمىش يېقىنلىرىنى سەھنىگە چىقىرىپ، لاگېر شاھىتلىرىغا قارشى تەييارلانغان بايانلىرىنى سۆزلەتكەن.

لېكىن، بۇ قىلمىش ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك تەنقىدىي ئىنكاسلارغا سەۋەب بولغان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر يىغىنىنىڭ نەق مەيدان تارقىتىشى ئاستىغا بەزىلەر ھەتتا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» دېگەندەك باھالارنى يېزىپ قويغان. خىتاي تەرەپ ئەيىبلىگەن لاگېر شاھىتلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنى ئەيىبلىگەن تۇغقانلىرىنىڭ مەجبۇرلاش ئاستىدا ئېكرانغا چىققانلىقى ۋە ھەتتا يېزىپ تەييارلاپ بەرگەن سۆزلەرنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

بۇ نۆۋەت خىتاي تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ كىچىك ئىنىسى پازىل زىياۋۇدۇننى ئۆز ھەدىسىنىڭ ئۇيغۇر سوتىغا بەرگەن ئىسپاتلىرىغا قارشى سۆزلەتكەن.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خىتاينىڭ ئېكرانىدا ئۆز ئىنىسىنى كۆرۈپ بىر ئاز ھاياجانلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئامراق ئىنىسىنىڭ ئۆمرىدە ئۆزىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىپ باقمىغانلىقى، ئۇ سەھنىدە ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتىشقا مەجبۇرلانغاندا ئۇنىڭ قانچىلىك قىينالغانلىقىنى قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرى بىلەن چوڭقۇر ھېس قىلالايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

خىتاي بۇ سەھنىگە يەنە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئۇزۇن يىللىق قوشنىسى دەپ تاجىگۈل ئابلاجان ئىسىملىك بىرىنى تۇرسۇنئاي ھەققىدە بىر ھېكايە توقۇپ سۆزلەتكەن

ئەمما قىزىق يېرى تۇرسۇنئاي بۇ ئاتالمىش كونا قوشنىسىنى ھاياتىدا كۆرۈپمۇ باقمىغانىكەن. ئۇ ھېكايە قىلغان تۇرسۇنئاينى تۇغماس دەپ ئاجرىشىپ كەتكەن سابىق يولدىشى تۇرسۇنجان ئەخمەتجان ئەمەلىيەتتە تۇرسۇنئاي بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن ئەمەس بەلكى ئۇ 2007-يىلى مەلۇم سەۋەب بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ۋە مەخسۇس ۋىدىيولۇق خەۋەرلەرنى تارقىتىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىپ ئۇلارنى قارىلاپ ۋە ئىسپاتسىز ھالدا ھەر خىل جىنايەتلەر بىلەن قارىلاپ كەلگەنىدى. بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ لاگېرىدا ھەر تەرەپلىمىلىك زىيانكەشلىكلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن لاگېر شاھىتلىرىدىن مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئاكىسى ئەكبەر تۇرسۇننىڭ ئۇنىڭغا قارشى 5-قېتىم مەجبۇرىي سۆزلىتىلىشى ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مېھرىگۈل تۇرسۇن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ يورۇتۇپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاخباراتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مېھرىگۈل: «ئەگەر مىسىر، تۈركىيە ۋە تايلاندتىن ۋەتەنگە قايتقانچە يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار ۋە مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ھالدا تۇتۇلۇپ لاگېرغا قامالغانلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ئوخشاش ئەركىن سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئوخشاشلا پاش قىلغان بولاتتى. ئەجەبا ھەممە ئۇيغۇر ئارتىسمۇ؟ ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت خىتاي دۇنيا ئالدىدا پەقەت ئۆزى شەرمەندە بولىدۇ»، دېدى.

خىتاينىڭ 9-ئىيۇندىكى ئاخبارات يىغىنىغا توردىن قاتناشقان چەتئەل مۇخبىرلىرىدىن ITV نىڭ مۇخبىرى، «سىلەر ئۇيغۇر سوتىنى بىر ئويۇن، ئۇنىڭدا ئىسپاتلىق بەرگەنلەرنى بولسا رول ئالغان ئارتىسلار دەپ ئەيىبلىدىڭلار، ئۇنداقتا سىلەر بۇ ئاخبارات ئېلان قىلىپ يىغىنىغا ئېلىپ چىققان بۇ كىشىلەر ئارتىسلار ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىز سىلەرگە ئىشىنىشىمىز كېرەك؟» دەپ سوئال قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.