گۈەنتانامودىن ئالبانىيەگە قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى سالاھىيىتى 15 يىلدىن كېيىنمۇ ھەل بولمىغان

0:00 / 0:00

2006-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۇبادىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى-گۈەنتانامودىن «گۇناھسىز» دەپ قويۇپ بېرىپ، ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرغان 5 نەپەر ئۇيغۇردىن ھازىرغا قەدەر ئالبانىيەدە ياشاۋاتقان 4 كىشىگە 15 يىل بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قانۇنى سالاھىيىتى تېخى ھەل بولمىغان.

15 يىل ئاۋۋال ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خاتا يەردە، خاتا ۋاقىتتا تۇرۇپ قالغان» «گۇناھسىز كىشىلەر» دەپ ئاقلىنىپ، ئالبانىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ سابىق تۇتقۇنلارنىڭ 15 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، تېخىچە قانۇن سالاھىيىتىنىڭ ھەل بولماسلىقى يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ قايتا دىققىتىنى قوزغىغان.

ئۇلار، ئالبانىيەنىڭ ئۆزلىرىگە پاناھلىق بېرىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتىن ساقلىغانلىقىغا مىننەتدار بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇلارغا ھازىرغا قەدەر پاسپورت، ساياھەت گۇۋاھنامىسى ياكى باشقا ھەرقانداق بىر قانۇنلۇق گۇۋاھنامە بېرىشنى رەت قىلىشى، نۆۋەتتە ئائىلە قۇرۇپ، بالا-چاقىلىق بولۇپ كەتكەن بۇ ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن كاشىلا ھەم قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن.

سابىق گۈەنتانامو تۇتقۇنلىرىدىن ئابابەكرى قاسىم، ئۆزلىرىنىڭ ئالبانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلاردىن ھېچقانداق رەسمىي جاۋاب ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ 29-سېنتەبىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ئالبانىيە ئ‍ىستىخبارات ئىدارىسى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتىغا «بۇ كىشىلەر خەتەرلىك ئادەملەر، ئۇلارغا گىراژدانلىق بېرىلمەيدۇ» دېگەن.

ئابابەكرى قاسىم: «بىزنى گۈەنتانامودىن قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتا، سىلەرگە ئۆي بېرىدۇ، خىزمەت بېرىدۇ، تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ، كەلگۈسى ھاياتىڭلار ياخشى بولىدۇ، دېگەن. بەش يىلدا پاسپورت بېرىمىز دېدى، ھەئە دېدۇق. مانا 15 يىل بولدى. ئەمدى ھازىر گىراژدانلىق بەرمەيمىز، دەيدۇ. بەرمەيمىز، دەپ ئوچۇق دېمەيدۇ، بېرىمىز، دەيدۇ. لېكىن ۋاي مانا، ئانداق بولدى، مۇنداق بولدى، دەپ بىزنى ئالداپ كەلدى. ئادۋوكات تۇتقانتۇق، تۇتساق، ئالبانىيە ئىستىخباراتى بۇلارغا گىراژدانلىق بېرىلمەيدۇ، بۇلار خەتەرلىك ئادەملەر، بەرمەيمىز، دەپ شۇنداق دەپتۇ».

ئابابەكرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ قانۇنى سالاھىيىتىدىكى ئېنىقسىزلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا قاتتىق تەسىر قىلغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ بىرەر ئىشتا رەسمىيەت بېجىرىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتكەن.

ئابابەكرى قاسىم: «قولىمىزدا ئىقامەت بار، بىر ۋاراق قەغەز. ئۇ قەغەز بىلەن بانكىغا بارساق، تېلېفون نومۇرى ئالساق بولاتتى. لېكىن ھازىر ئۇمۇ بولمايدۇ. ئۇ قەغەزنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. چوقۇم كارت ياكى پاسپورت بولۇشى كېرەك. بۇرۇن بىر بانكا كارتىسى ئېلىپ قويۇپتىكەنمىز ھېلىمۇ ياخشى، شۇ كارت بىلەن ئالىمىز تۇرمۇش پۇلىنى. لېكىن سىياسىي جەھەتتىن بىزگە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوق. ئەكېلىپ تاشلاپلاۋەتتى بۇلار».

ئالبانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ياۋروپادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ئالبانىيەنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئارىلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسلىھەتچىسى خانو شېدلېرنىڭ قارىشىچە، ئالبانىيەنىڭ ھەرىكىتى «ئ‍ىنسانپەرۋەرلىك، قوغداش» پرىنسىپىغا سىغمايدىكەن.

خانو شېدلېر مۇنداق دەيدۇ: «ئالبانىيە ئۇلارغا چوقۇم رەسمىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك. شۇنداقلا ئالبانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كاندىدات شېرىكى ۋە جۇغراپىيە جەھەتتە ياۋروپانىڭ پارچىسى. ئىلھام توختىغا ساخاروف مۇكاپاتى بەرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئالبانىيەگە ئۇنىڭ بۇ كىشىلەرگە قارىتا ئىنسانپەرۋەرلىك، قوغداش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى خاتىرىلىتىشى كېرەك. بۇ كىشىلەرنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئالبانىيە دائىرىلىرىگىمۇ ئايان. شۇڭا، ئالبانىيە ئۇلارغا رەسمىي گۇۋاھنامە بېرىشى لازىم. يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى قول تىقمىسىمۇ، لېكىن ئالبانىيەدىن ئۇلارغا رەسمىي گۇۋاھنامە بېرىشنى ئۆتۈنۈشى كېرەك. چۈنكى، بۇ گۇۋاھنامىسىز يۈرسە قانۇنى سالاھىيىتى بولمايدۇ شۇنداقلا بۇ، ئىنسانپەرۋەرلىك، قوغداش ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ».

خانۇ شېدلېرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەسىلىدە ئامېرىكانىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. ئۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالبانىيە بىلەن سۆزلىشىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

خانۇ شېدلېر: «ئامېرىكانىڭ ئالبانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋىتى بار. ئۇلار ئىستىخبارات ساھەسىدىمۇ يېقىن. ئەلۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالبانىيەدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق ئەيىبلەشتىن خالى ئىكەنلىكىدە ئېنىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىشى ۋە بۇ كىشىلەرگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ھېچقانداق سەۋەبى يوقلىشىنى ئېيتىشى لازىم. شۇڭا، بىز ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئالبانىيە بىلەن سۆزلىشىپ، بۇ كىشىلەرنىڭ رەسمىي ھۆكۈمەت گۇۋاھنامىسىگە لايىق ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى، ئۇلارغا گۇۋاھنامە بېرىشنى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە تەھدىت ئەمەسلىكىنى قەيت قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

گۈەنتاناموغا قامالغان 20 نەپەر ئۇيغۇر 2001-يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تالىبان ۋە ئەل-قائىدىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتىدە پاكىستانلىقلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ، ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بىراق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ كىشىلەرنى «گۇناھسىز» دەپ ئاقلاپ، خىتاينىڭ قايتۇرۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىشىغا قارىماي، باشقا دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. ئابابەكرى قاسىم قاتارلىق 5 نەپەر ئۇيغۇر تۇنجى تۈركۈمدە 2006-يىلى ئالبانىيەگە ئورۇنلاشقانىدى.