قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاشقا ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. شۇلارنىڭ بىرى ئاياللارنىڭ «گۈلچاي» ئەنەنىسىدۇر. يېقىندا مۇنداق پائالىيەت ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ مالىۋاي يېزىسى خانىم-قىزلار كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن.
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر خانىم-قىزلار ئاكتىپلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مۇنداق پائالىيەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك تەشكىلاتلىرى، يۇرت-جامائەت، شۇنداقلا يەرلىك ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىنمۇ قوللاپ-قۇۋەتلەنمەكتە. ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ مالىۋاي يېزىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ناھىيەلىك بۇ مۇراسىمغا سىرتتىن كەلگەن مېھمانلار بولۇپ، 400 گە يېقىن ئادەم قاتناشقان.
مالىۋايدا بولۇپ ئۆتكەن «گۈلچاي» مۇراسىمىنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، يېزىلىق خانىم-قىزلار كېڭىشى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى راھىلەم نۇرشايېۋا خانىم بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلاردا بۇرۇن تەربىيەنى ئەر كىشىلەر مەشرەپتە ئويناپ كۆرسە، خانىم-قىزلار گۈلچايدا ئۆگىنىشەتتى. گۈلچىراي، ئەقىللىق ئانىلىرىمىز تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى زور بولغان قوشاقلارنى قېتىپ، بېيىتلارنى ئېيتىپ، بىر-بىرسىگە گۈللەرنى سوۋغات قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈرىشەتتى. خۇش چاقچاقلارنى قىلىپ، كۆڭۈللەرنى كۆتۈرۈشەتتى. بىز بۈگۈن بۇ گۈلچايدا مىللىتىمىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، رەسىم-قائىدىلىرىنى، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىمىزنى ۋە شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە سۇسلىشىۋاتقان تىل بايلىقىمىزنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ناھىيەدە كەڭ مىقىياستا ئۆتكۈزدۇق.»

راھىلەم نۇرشايېۋا مەزكۇر مۇراسىمغا جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى يېنىدىكى خانىم-قىزلار ۋەكىللىرىنىڭ، كۆپلىگەن مىللەت جانكۆيەرلىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە مۇراسىمدە مالىۋاي خانىم-قىزلار كېڭىشى پائالىيىتىنىڭ «تىنچلىق دۇنياسى» قازاق ئىجادىي بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى ئابېن نۇرمانوف، مالىۋاي يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى باخىت ئاۋخادىيېف، ئەمگەكچىقازاق ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇلايمان مەخسۇتوف تەرىپىدىن يۇقىرى باھالىنىپ، مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلەنگەنلىكىنى بايانلىدى.
ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسى ۋىلايەت بويىچە ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان ئەڭ چوڭ ناھىيەدۇر. بۇ ناھىيەنىڭ ئۆز مەدەنىيەت مەركىزى، يىگىت باشلىرى، خانىم-قىزلار ۋە ياشلار كېڭەشلىرى بولۇپ، ئۇلار يەرلىك ھاكىمىيەتلەر بىلەن كېلىشكەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتىكەن.
ناھىيەلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى نۇرجامال ھاسانوۋا خانىم قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، مائارىپىنى، مىللىي ئەنەنىلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتنى ئېيتىش كېرەككى، كېيىنكى ۋاقىتلاردا، بولۇپمۇ خانىم-قىزلارنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى رولى بارغانسىرى ئۆسۈۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بېۋاسىتە خىزمەتلىرىدىن تاشقىرى جەمئىيەتلىك ئىشلاردىكى ۋەزىپىلىرىنىمۇ مۇناسىپ ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ساقلاپ كېلىۋاتقان ئەنە شۇنداق مىللىي مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى ‹گۈلچاي›. بۇ خەلقىمىزنىڭ ئەڭ قېدىمىي مىللىي ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ياشلارنى تەربىيىلەشتىن تاشقىرى ئۇلارنى دوستلۇققا، ئىتتىپاقلىققا، ئىناقلىققا ئۈندەيدۇ. بۇ قۇرۇق كۆڭۈل كۆتىرىپ، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئەمەس، ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز.»
تۇران ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى، تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە خانىم ئۇيغۇر ئاياللار چايلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا چوڭ بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنى تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى سوۋېت دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋەزىيەتلەر، ئىدېئولوگىيالىك ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن مىللىي ئەنەنىلىرىنى، رەسىم-قائىدىلىرىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇزۇن ئەسىرلەردىن كېلىۋاتقان مىللىي مەنىۋىي مىراسلىرىمىز ئۇنتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى. پەقەت 1950-1960-يىللىرى تارىخىي ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرىستاندىن، يەنى شەرقىي تۈركىستاندىن سوۋېت ئېلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆلەمدە كۆچۈپ چىقىشى بىلەن ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان رەسىم-قائىدىلىرىمىز، مىللىي بايراملىرىمىز قايتىدىن جانلاندى. ‹مەشرەپ›، ‹مېلىس›، ‹نورۇز›، ‹گۈلچاي› ۋە باشقا مىللىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئوچۇق قوللاپ-قۇۋەتلەنمىسىمۇ، ئامما قاتتىق چەكلىنىپ كەتمىدى. بولۇپمۇ ياركەنت تەۋەسىدە ئۆمۈر سۈرگەن ئۇيغۇرلار تارىخىي ۋەتىنى بىلەن مەدەنىي باغلىنىشلىرىنى ئۈزگەن ئەمەس. ياركەنت تەۋەسىنىڭ ئۇيغۇرلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ چەكلىمە سىياسىتىگە قارىماي، مەشرەپ، قارلىق چاي، توۋۇق چايلارنى، گۈلچايلارنى ئۆتكۈزۈپ، ھېيت-ئايەملەرنى ئاتاپ ئۆتكەن. مانا بۇ ئەنئەنىلەر بۈگۈنكى كۈندە مۇستەقىل قازاقىستاندا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بارلىق رايونلاردا تەرەققىي ئېتىۋاتىدۇ.»
كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستانلىق ۋە چەت ئەللىك ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تەتقىق قىلىشقا چوڭ ئەھمىيەت بەرمەكتە. ئۇلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىدە كۆپ ئوخشاشلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.