«مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى» تېمىسىدىكى خەۋەرلەر ئىزچىل «2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور پاجىئەلەرنىڭ بىرى» دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ يەنىلا زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھالدىن خەۋەرسىز قېلىۋاتقانلىقى ياكى گۇمانلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى ئەڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە شىركەتلىرىدىن ITV تېلېۋىزىيەسى ئىشلىگەن «خىتاينىڭ رەقەملىك گۇلاگىدا» سەرلەۋھىلىك ھۆججەتلىك فىلىم ئۆزگىچە تەسۋىر شەكلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى.
مۇخبىرلارنىڭ، جۈملىدىن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقانداق زىيارەت ياكى تەكشۈرۈش خىزمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ-قات كونتروللۇقى، ئىز قوغلاپ ئەگىشىۋېلىشى ھەمدە زورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق مۇخبىرلار ئىگىلىگەن ھەرقانداق ئۇچۇرلارنى يوقىتىۋېتىشى دېگەندەك خىرىسلارغا دۇچ كەلگەنلىكتىن ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئانچە گۇمان قىلىپ كەتمەيدىغان خىتاي پۇقراسى ئوبرازىدىن پايدىلىنىش قارارىغا كەلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي 2019-يىلىنىڭ بېشىدا ئاشۇنداق خىتايدىن بىرى تېپىلغان ھەمدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لى فامىلىلىك بۇ خىتاي كىشىنىڭ ئۆزى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى «تەرەققىيات يۆنىلىشى» گە قارشى بولغانلىقى، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بىرىنچى قول ماتېرىيال ئىگىلەش ئۈچۈن 2019-يىلى مارتتا ئۈرۈمچىگە ئۇچقان. ئۇنىڭ ساياھەتچى ۋە سودىگەر سىياقىدا يوشۇرۇن سۈرەتكە ئالغان قىسقا فىلىملىرى ئەنە شۇ يوسۇندا تارتىلىشقا باشلىغان. ئۇ ئۈرۈمچىگە قەدەم قويغان ۋاقىتتىكى دەسلەپكى ۋاقىتلاردىلا ھەممىلا جاينى قاپلىغان توپ-توپ ساقچىلارنى، كوچىلارنى ئالا قويماي ھەممىلا جايغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش كامېرالىرىنى، ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ كىشى سەۋرى قىلالمىغۇدەك بۇرۇقتۇملۇققا تولغانلىقىنى ھېس قىلغان.
ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ھەر ئىككى يۈز مېتىردا بىردىن تەسىس قىلىنغان ئاتالمىش «خەلققە قۇلايلىق ساقچى پونكىتى»، شەھەردىكى تاشيوللار ۋە تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا خىتايلارنى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىپ، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش ھادىسىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر رايونغا توختاۋسىز كۆچۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى ئالدىدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا بولۇپ قالغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي توغرا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىگەن.
ئۇنى ھەممىدىنمۇ بەك ھەيران قالدۇرغان ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتتە بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى «بۇ يەردىكى ئەھۋالنى پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەت، دېسەك بولىدۇ. راستىنى دېگەندە ھازىر بولۇۋاتقان بۇ ئىشلار بەكلا چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ساقچىلار ئۇيغۇرلارنى ھەرقاچان گۇمانلىق دەپ قارايدۇ. ئەگەر بىرەر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلسا ياكى بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسا دەرھاللا سولاققا ئېلىنىدۇ. بۇنىڭغا ھېچقانداق خىزمەت تەرتىپىمۇ كېرەك بولمايدۇ» دېگەن. لى ئۇنىڭدىن: «ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق بولمامدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ كادىر «بۇ يەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى يوق. ھوقۇق بولمىسا نېمىنى دەپسەندە قىلىدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.
ئۇ كۆرگەن ئەڭ چوڭ دەپسەندىچىلىك دەل پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان لاگېرلار بولغان. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم خادىملىرى زىيارەت قىلغان مۇھاجىرەتتىكى نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر شاھىتلار ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاشۇ لاگېرلارغا يەم بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن بايان قىلىپ بەرگەن. لى ئەپەندى ئۈرۈمچىدە ئۇچراشقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن بىرى «ھازىر بىر مىليوندىن جىق ئادەم قاماقتا. ئەمما ھېچكىمنىڭ چىققانلىقىنى ئاڭلىمىدىم» دېگەن. يەنە بىر ياش بالا قورقۇمسىرىغان ھالدا ئاتا-ئانىسىنىڭ، شۇنداقلا سانسىزلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئائىلىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ئادەم يوق بىرمۇ كىشى قالمىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئەمما ئۇنىڭدىن «لاگېرلار قەيەردە؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ھېچكىمنىڭ بۇنى بىلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا ئەنگلىيەدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رايان سام، ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دەررېن بايلېر قاتارلىق كىشىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئۆتكەن ئون يىللىق ئەھۋالى، چېن چۇەنگونىڭ تىبەتتىن يۆتكىلىپ كېلىشى ھەمدە ئۇ ئىجرا قىلغان بىر قاتار قاتتىق قوللۇق ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرى، ئۇيغۇرلارغا سىياسىي جەھەتتە «نومۇر قويۇش ئۇسۇلى» قوللىنىلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنى باھانە قىلىپ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق تەھدىتى» دەپ قاراشقا يۈزلەنگەنلىكى ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ بولسا فىلىمدا تەسۋىرلەنگەن ھادىسىلەرنى ئىلمىي ساھەدىن چۈشەندۈرۈش رولىنى ئوينىغان.
مۇھاجىرەتتىكى شاھىتلاردىن گۈلزىرە، سەدرىدىن، رەھىمە قاتارلىقلار بايان قىلىپ بەرگەن لاگېرلاردىكى ئېچىنىشلىق تۇرمۇش شارائىتى، بۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئاللىقاچان ساراڭ بولۇپ كەتكەنلىكى، يەنە بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئۆلۈۋالماقچى بولۇشى قاتارلىق بولسا نۆۋەتتە لاگېرلار ھەققىدە تاشقى دۇنياغا مەلۇم بولغان مەلۇماتلارنىڭ تاغدەك رېئاللىقنىڭ كىچىككىنە بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەش خىزمىتىگە باشتىن-ئاخىر يېقىندىن ياردەمدە بولغان، شۇنداقلا فىلىمدىكى ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە مەزمۇنلارنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىشقا مەسئۇل بولغان لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇد بولسا بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بۇ فىلىم رەسمىي قويۇلغاندا ئۆزىگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.
رەھىمەنىڭ پىكرىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار ھەققىدە كۆپلىگەن فىلىملار ئىشلەنگەن بولسىمۇ مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىمدا بىر خىتاينىڭ ئاشۇ جايدىكى كۆرگەنلىرى ئاساس قىلىنغان بولغاچقا بۇنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.
بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.
0:00 / 0:00