ئامېرىكادىكى «ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى» نىڭ 2021-يىللىق «قەھرىمان» مۇكاپاتى ساھىبلىرى 3-ئاپرېل ئېلان قىلىندى. مەزكۇر تەشكىلات بۇ يىللىق مۇكاپاتنى مەخسۇس ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان 4 شەخس ۋە بىر تەشكىلاتقا ئاتىغان.
ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىم، ئۇيغۇر قەھرىمان پائالىيەتچى كاتېگورىيەسى بويىچە 2021-يىللىق «قەھرىمان» نىڭ بىرى بولغان.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچكى سىرىنى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئاشكارىلاپ كېلىۋاتقان گۈلباھار جېلىلوۋاغا يۇقىرى باھالار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ لاگېرلار ئەمدى باشلانغان مەزگىلدە يەنى سودا قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا، دائىرىلەر ئۇنى پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قازاقىستان گىراژدانى بولغىنىغا قارىماي، قانۇنسىز ھالدا جازا لاگېرىغا قامىۋالغانلىقى، ئۇ 2018-يىلى 9-ئايغىچە 15 ئايلىق قاباھەتلىك لاگېر ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى ئۇنىڭ قازاقىستاندىكى ئىككى پەرزەنتنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىدىن دىپلوماتىك ياردەم تەلەپ قىلىشى نەتىجىسىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقالىغانلىقى تونۇشتۇرۇلغان.
بۇنىڭدا يەنە ئۇنىڭ لاگېردا خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم، مېڭە يۇيۇشتەك ھەر تۈرلۈك ۋەھشىيلىكلىرىگە شاھىت بولغانلىقى ۋە لاگېردىن ھايات قالغاندىن كېيىن قازاقىستانغا كەلگەندىن تارتىپ باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىۋاتقانلىقىدەك پىداكارلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇلغان.
خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا بىگۇناھ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى قازاقىستاندا تۇرۇپ ئەركىن ئاڭلىتىشقا كۈزى يەتمىگەن گۈلباھار دەسلەپ تۈركىيەگە كەلگەن ۋە 2020-يىلى ئۆكتەبىردە فىرانسىيەدىن پاناھلىق تىلىگەنىدى. ئۇ لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەندىن بۇيان داۋاملىق تۈردە، لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ، لاگېردىكى قىيىن-قىستاق، ئاياللارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى، باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى قاتارلىق خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى باتۇرلۇق بىلەن پاش قىلىپ كەلمەكتە.
ئۆزىنىڭ مەزكۇر «قەھرىمان» مۇكاپاتىغا لايىق كۈرۈلگەنلىكىدىن ھاياجانلانغان گۆلباھار جېلىلوۋا خانىم كىچىك پېئىللىق بىلەن ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.
گۈلباھاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جەمېس مەكگوۋرېن ئەپەندى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ئۈچۈن كۆرسەتكەن خىزمىتى سەۋەبى «ئادالەت مەشئىلى» دېگەن شەرەپلىك نام بىلەن بۇ قېتىمقى 4 قەھرىماننىڭ بىرى بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەجلىس ئەزاسى ماكگوۋېرن دۆلەت مەجلىسىدىكى خىتاي ئىشلىرى-ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا ئۇ توم لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ بىرلەشمە رەئىسى. ئۇ دۇنيا مىقياسىدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلاردا ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان. ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ماكگوۋېرن ئەپەندى ئۆتكەن يىلى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانغان ۋە بۇ يىل قايتا يولغا قويۇلغان، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ)دىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تونۇشتۇرغانىدى.
4نەپەر «قەھرىمان» نىڭ يەنە بىرى ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى سامۇئىل بروۋنبەك. ئۇ روھىنگالىقلارنى ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى ئىزچىل قوللاشتىكى ئەمىلى تۈھپىلىرى بىلەن «روھىنگانىڭ يىللىق ئاكتىپ پائالىيەتچىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
كەشمىرلىك ئىنسانشۇناس، يازغۇچى دوكتور ئاسېر زىيا، كەشمىردە «غايىب قىلىنىشقا قارشى تۇرۇش» بويىچە 2021-يىللىق «قەھرىمان» مۇكاپاتى شەرىپىگە نائىل بولغان.
يۇقىرىقى تۆت قەھرىمان شەخستىن باشقا يەنە «ھىندىستاننى فاشىزمدىن قۇتۇلدۇرۇش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن «DOTO ساندان» ناملىق مەزلۇملارنىڭ سانى ۋە زوراۋانلىققا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە ئىز قوغلاش رولىنى ئويناپ كەلگەن بىر مەركەزمۇ «2021-يىلدىكى ھىندىستان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى قوللاشتىكى نەمۇنىلىك تەشكىلات» نامىدا مۇكاپاتلانغان.
ئامېرىكادىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاممىۋى تەشكىلاتى بولغان SoundVision نىڭ مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق تۈرى بولغان ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتىنىڭ 2019-يىللىق «قەھرىمان» مۇكاپاتىغا لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن لايىق كۆرۈلگەنىدى.
گۈلباھار جېلىلوۋانى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى» گۇرۇپپىسى «ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتى» نىڭ مۇھىم تۈرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، 2018-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكادا ئىزچىل ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.