فىرانسىيەدە چىقىدىغان «دۇنيا» گېزىتىنىڭ 18-ماي كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ئىچكىي خەۋپسىزلىك باش ئىدارىسى (DGSI) بىلەن پارىژ ساقچى ئىدارىسى، 8-ماي كۈنى گۈلباھار جىلىلوۋانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارىژدىكى ئۇيغۇر سىياسىي مۇساپىرلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان «قورقۇتۇش ھەرىكىتى» دە، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىغا تەۋە كىشىلەرنىڭ قولى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىگە فىرانسىيە ساقچىلىرى ئارىلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۆز ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا زىيارىتى داۋام قىلىۋاتقان پەيتتە، يەنى 8-ماي كۈنى پارىژ ۋاقتى 11 لەردە كىملىكى نامەلۇم قارا كىيىملىك سەككىز كىشى قارا كىچىك ئاپتوموبىل بىلەن لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەنىدى. ئۇلار گۈلباھار خانىمنىڭ ئۆيىنىڭ قوڭغۇرىقىنى نەچچە قېتىم باسقان ۋە يان تېلېفونىغىمۇ نەچچە قېتىم تېلېفون قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا گۈلباھار خانىم سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئەھۋالنى بايقىغان قوشنىلىرى ئۇنى ئۆيىگە قايتماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.
ئەينى ۋاقىتتا گۈلباھار خانىم ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن پاراكەندىچىلىك تۈپەيلى كەيپىياتى بەك ناچار بولغاچقا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلمەي قالغانىدى. ئۇ بۈگۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 8-ماي كۈنى ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى.
فىرانسىيەدىكى ئاكتىپ پائالىيەتچى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ۋەقە ھەققىدە ئىسپات توپلاپ سوتقا ئەرز قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئۇ 8-ماي كۈنى گۈلباھار خانىمغا قىلىنغان پاراكەندىچىلىكنىڭ مەقسىتى ھەققىدە ساقچىلارنىڭ ئۇلارغا تېخى ئېنىق بىر جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
گۈلباھار خانىم «دۇنيا» گېزىتى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلاردىن ئۆز ئىزىغا چۈشكەن يوچۇن ئادەملەرنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە تەۋە كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز لاگېر شاھىتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرى توغرىلىق نۇرغۇن ئىسپاتلار بار. شۇڭا خىتاي بىزنى قورقۇتۇپ گۇۋاھلىق بەرگۈزمەسلىككە تىرىشىۋاتىدۇ.»
دىلنۇر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، فىرانسىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ۋەقەگە قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ماكرون ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنى رەنجىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن بۇ ئىشتا جىم تۇردى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلباھار خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا ناتونۇش نومۇرلاردىن كېلىدىغان تېلېفونلار يەنە داۋاملىشىۋېتىپتۇ. ئۇ ھازىر سىرتقا كۆپ چىقماستىن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىدىكەن. ئۇ خىتاينىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، باشقا لاگېر شاھىتلىرىنىڭمۇ ھەر دائىم بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.
بىز بۇ دېلو ھەققىدە پارىژ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى (préfecture de police de Paris) دىن مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يەنە ئېلخەت ئەۋەتتۇق، ئەمما ئۇلار بىزنىڭ زىيارەت تەلىپىمىزگە يەنە جاۋاب قايتۇرمىدى.