گۈلباھار جېلىلوۋا: لاگېردا شاھىت بولغانلىرىمنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلدىم

0:00 / 0:00

قازاقىستانلىق لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا 11-ئۆكتەبىر فىرانسىيەگە يېتىپ كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن، قازاقىستان پۇقراسى بولغىنىغا قارىماي خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 5-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 9-ئايغىچە، 15 ئاي ئۈرۈمچىدە جازا لاگېرىغا قامالغان گۈلباھار، لاگېردىن چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قازاقىستاندا كېيىن بىر مەزگىل تۈركىيەگە كېلىپ ياشىغانىدى.

ئۇ فىرانسىيەگە كېلىپلا دۇنياۋى مەتبۇئاتلاردا جازا لاگېرلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشنى باشلىۋەتكەن.

قازاقىستاندا تۇرۇپ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئاشكارا ۋە ئەركىن پاش قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن گۈلباھار ئاۋۋال تۈركىيەگە مۇساپىر بولغانىدى، ھالبۇكى ئۇ تۈركىيەدىمۇ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ كەلگەن. گۈلباھار جېلىلوۋا ئۆزىنىڭ، شاھىت بولغانلىرىنى يەنىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش ئۈچۈن تەكرار مۇساپىرلىققا تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق مۇخبىرىمىزنىڭ لاگېر شاھىتى گۈلباھار جېلىلوۋا بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە بولسۇن.