مەن لاگېردىن قانداق ھايات قالدىم؟

0:00 / 0:00

گۈلباھار خاتىۋاجى: قاماققا قامالغانغا قەدەر خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ ئۆزى يېتەرلىك جىنايەت سانىلىدىغانلىقىنى ئاڭقىرالمىغان ئىكەنمەن.

خىتاينىڭ قارىمايدىكى قاماقخانا ۋە جازا لاگېرلىرىدا قاباھەتلىك 32 ئاينى ئۆتكۈزۈپ، 2019-يىلى ئاۋغۇستتا فىرانسىيەدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان لاگېر شاھىتى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بىلەن «مەن لاگېردىن قانداق ھايات چىقتىم» تېمىسىدا ئۆتكۈزگەن، يۈرۈشلۈك سۆھبىتىمىزنىڭ 2-سانىنى دىققىتىڭلارغا سۇنماقچىمىز.

گۈلباھار خانىم ئۆزىنىڭ پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن، 2016-يىل ئاخىرىدا قارىمايغا چاقىرتىلغىنىدا، بۇنىڭ بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان، ھەتتا ئۇ پۇت-قوللىرى ئىشكەللىنىپ «ئادەم توپلاپ جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغاندىمۇ، ھاياتىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىغان. پەقەت ئادۋوكات تۇتۇش ھوقۇقى رەت قىلىنىپ، قاماقخانىدا ئۆزىگە ئوخشاش بىگۇناھ ئىنسانلارنى كۆرگەندىلا، ئاندىن ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى خىتاي ئۈچۈن يېتەرلىك جىنايەت ئىكەنلىكىنى چۈشۈرۈپ يەتكەنىكەن. گۈلباھار خانىم بۇ سۆھبىتىمىزدە، ئۇيغۇرلارنى سىياسىي بىخۇدلۇقتىن ئەمدى بولسىمۇ ئويغىنىشنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئويۇنلىرىغا سەگەك بولۇشنى تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىزنىڭ گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.