خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتى 2-فېۋرال «ئەمەلدارلار: شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىدۇ» تېمىسىدا خەۋەر تارقاتتى. خەۋەرگە قارىغاندا 1-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بېيجىڭدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى «يىغىۋېلىپ لاگېرلىرى»، «مەجبۇرىي ئەمگەك» قاتارلىق تېمىلاردا بىر قىسىم چەتئەل ۋە خىتاي تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
بۇ ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئوخشاش تېمىدا ئۆتكۈزگەن 3-قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رويتېرىس ئاگېنتلىقى، CNN، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، پاكىستان بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق بىر قىسىم چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى تەكلىپ قىلغان.
مۇخبىرلارنىڭ بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ۋە ئاخباراتچىلارنىڭ ئىختىيارى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشىغا تەييارمۇ؟ دېگەن سوئالىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى شۈ گۈيشياڭ يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «گەرچە بىر قىسىم چەتئەل ئەلچىلىرى ۋە ژۇرنالىستلار زىيارەت جەريانىدا يەنىلا، ‹جىنايى ئىشلار پاكىتى› نى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوچۇق پوزىتسىيەسى ئەزەلدىن ئۆزگەرمەيدۇ.» دېگەن بولسىمۇ، ئارقىدىنلا بارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارنى خەۋەر قىلغان چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خىتايغا تۆھمەت قىلىڭ بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئىنايەت «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىرى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا جاۋابەن گۈلباھار خاتىۋاجىنى ۋە ئۇنىڭ ئېرىنى بۆلگۈنچى تەشكىلات «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئەزاسى»، «ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاشكارىلاندى» دېگەن ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئابدۇكېرىم خاتىۋاجىنى فىرانسىيەدە «سىياسىي پاناھلىق» تىلەپ ئولتۇراقلاشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى فىرانسىيە تارمىقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دەپ كۆرسىتىپ گۈلباھار خانىمنى 2016-يىلى 11-ئايدا، «دۆلەتكە قايتىپ پېنسىيە رەسمىيىتىنى ئۆتەش» دېگەن نام بىلەن يەنە چېگرادىن كىرىپ، زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى كۈشكۈرتمەكچى بولغاندا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن پاش بولۇپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزغا ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنى بىلدۈرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم مۇنداق دېدى: «مەيلى گۈلباھار خانىم ۋە ياكى ئۇنىڭ يولدىشى بولسۇن، خىتاي ئېيتقاندەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزاسى ئەمەس. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇلار دېگەندەك تېررورلۇق تەشكىلات بولغان بولسا دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلالمىغان ۋە بۇنداق ئەركىن پائالىيەت قىلالمىغان بولاتتۇق. خىتاي گۈلباھار خانىم ۋە باشقا بارلىق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرىنى ئىنكار قىلىپ ئۇلارغا ھەر خىل قارا چاپلاش بىلەن ئۆزىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە ئەمما، ئۇنىڭدىن باشقا ئادريىان زېنزكە ئوخشاش خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دوكلاتلىرى، لاگېرلار پاش بولغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى، شىنجاڭ ئارخىپىغا ئوخشاش نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتلىرىدە ئاشكارىلانغان جىنايەت پاكىتلىرى ئالدىدا ئەمدى ھەرگىزمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆزىنى ئاقلاپ قالالمايدۇ».
ئېلىجان ئىنايەت «گۈلباھار ئۇزۇن ئۆتمەيلا يۈزىنى ئۆزگەرتتى» دەپ ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخباراتلارغا بىلدۈرۈشىچە، گۈلباھار تېررورلۇق جىنايىتى، ئېرى ۋە قىزىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىش قىلمىشىنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ ۋە تەۋبە قىلغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ ئۇنى قويۇپ بەرگەن. ۋە ئۇنىڭ تۇغۇت ئالدىدا تۇرغان چوڭ قىزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭ فىرانسىيەگە كېتىشىگە يول قويغانمىش. ئۇ يەنە گۈلباھارنى خىتايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، «كەڭچىللىكتىن مىننەتدار بولۇشنىڭ ئورنىغا، خىتايغا قارشى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ يالغاننى توقۇپ چىققان» دەپ ئەيىبلىگەن.
گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم پارىژدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىپ يىغىنىدا ئۆزىگە قارا چاپلىغان خەۋىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆھمەتلىرىنى تالاش تارتىش قىلماسلىقنى ئويلىغان بولسىمۇ يەنىلا ھەقىقەتنى سۆزلەشنى توغرا تاپقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئەزەلدىن تېررورچى ئەمەس، سىياسىي پائالىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئەمەس، ھېلىغۇ تېررورچى ئىكەن، ئەگەر ئۇلار مەندىن كىچىككىنە سەۋەنلىك تاپالىغان بولسا بولسا مېنى قويۇپ بەرمىگەن بولاتتى، مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى يازدىم. ئۆزىنىڭ رەزىللىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ جىنايەتلىرىنى باش قىلغان بىزگە قارا چاپلاۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي تېررورچى دېگەن ئۆزلىرى، دۆلەتنىڭ كۈچىنى قولىدا تۆمۈرنىڭ پۇچىغى يوق بىگۇناھ خەلققە ئىشلىتىۋاتىدۇ».
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۈچ قېتىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك 1-فېۋرالدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنى بېيجىڭدا ئاچقان ۋە ئۇنىڭدا ھەتتا بىر قىسىم ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركىزىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىمۇ نەق مەيدانغا ئېلىپ كېلىپ، سۆزلىتىپ تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارغان.
دائىرىلەرنىڭ بۇ يىغىننى بېيجىڭدا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» بىلەن ئەيىبلەش دائىرىسىنى كونترول قىلىش ئىكەنلىكى «يەرشارى ۋاقتى» گېزىتىدىن ئاشكارىلاندى. مەزكۇر گېزىتتە نەقىل ئېلىنغان، ئاتالمىش خىتاي خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسى جيا چۈنياڭنىڭ قارىشىچە «جۇڭگونىڭ شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى دائىم قىزىق تېمىلارغا جاۋاب بېرىشتە توغرا ۋە ئۈنۈملۈك» ئىكەن. ئۇ: «چۈنكى ئاتالمىش‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› ھازىر غەربنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى، ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشى تەس. بىز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە شىنجاڭدىكى ئەمەلىي ئەھۋالنى تېخىمۇ كۆپ چۈشەندۈرۈشى ۋە كۆرسىتىشى كېرەك» دېگەن.