نۆۋەتتە فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم 2020-يىلى فىرانسىيەلىك ژۇرنالىست روزېن مورگانت بىلەن بىرلىكتە لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرىنى «خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» دېگەن نامدا فىرانسۇزچە نەشىر قىلدۇرغان ئىدى. فىرانسۇزچە نەشىرىدىن كېيىن، مەزكۇر كىتاب ئارقا-ئارقىدىن «خىتاي لاگېرىدىن ھايات قالغۇچى» نامىدا ئىنگىلىزچىگە، «خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلدۇم؟» دېگەن نامدا تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتايدا ئاخىرلاشقان قىشلىق ئولىمپېك خەلقئارادا «خىتاينىڭ مەغلۇبىيىتى» دەپ قارالغان. نۆۋەتتىكى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشى، دۇنيادىكى دېموكراتىك ئەللەر تەرىپىدىن «خىتاي رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزۇۋاتىدۇ» دەپ قارالماقتا. خىتاي پۈتۈن دۇنيادا كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقى، لاگېرلارغا سولانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كېلىشكە باشلىغان.
16-مارت كۈنى ئامېرىكادىكى بىر قانچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىرلىشىپ، يازغۇچى، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ۋە يەھۇدى چوڭ قىرغىنچىلىقتىن ئامان قالغۇچى ئېلاي ۋىسېل (Elie Wiesel) قۇرغان «ئىلاي ۋېسېل ئىنسانىيەت فوندى» بىلەن بىرلىشىپ، لاگېر شاھىدى گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بىلەن «خىتاينىڭ لاگېرىدىن قانداق ھايات قالدىم» دېگەن تىمىدا تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.
ئېلايشا ۋىسېل (Elisha Wiesel) «ئىلاي ۋېسېل ئىنسانىيەت فوندى» نى قۇرغۇچى ئېلاي ۋىسېلىنىڭ ئوغلى بولۇپ، مەزكۇر سۆھبەتكە رىياسەتچىلىك قىلغان. سۆھبەت جەريانىدا گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ قىزى گۈلخۇمار خاتىۋاجى تەرجىمانلىق قىلغان. گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ئىككى يىللىق لاگېر ھاياتىنىڭ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى قانداق ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئاڭلاتقان.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.