گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ لاگېر گۇۋاھلىقى ئاساسىدا يېزىلغان فىرانسۇزچە كىتاب تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

«خىتاي لاگېرىدىن ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق فىرانسۇز تىلىدا نەشىر قىلىنغان كىتاب تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، يېقىندا نەشىر قىلىندى.

مەزكۇر كىتابدا خىتاينىڭ قارامايدا قۇرغان لاگېرىدا ئىككى يىل قامىلىپ، 2019-يىلى يازدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، فىرانسىيە كېلىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغان گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ جازا لاگېرىدىكى ھاياتى بايان قىلىنغان.

روزانن مورگان يازغان كىتابنىڭ ئىسمى فرانسۇز تىلىدىن تۈرك تىلىغا «خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلدۇم؟» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئىستانبۇلدىكى داملا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب 238 بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تۈركىيەدىكى كىتابخانىلاردا سېتىلىشقا باشلىدى. بىز كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن كىتابنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى مۇستافا داش ئەپەندى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن سۆيۈنۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن قاتتىق مەيۈسلەنگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بىر تەرەپتىن سۆيۈندۈم، يەنە بىر تەرەپتىن ناھايىتى مەيۈسلەندىم. چۈنكى گۈلباھار خانىمنى خىتاي ھۆكۈمىتى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قويۇپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلباھار خانىم تېخى فرانسۇز ۋەتەندىشىمۇ ئەمەس ئىكەن. فرانسىيەدە ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋېتىپتۇ، لېكىن يولدىشى بىلەن ئىككى قىزى فرانسىيە ۋەتەندىشى ئىكەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ تەلىماتى بىلەن قۇتۇلدۇرۇلۇپتۇ. بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم. لېكىن بىز تۈركلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان بۇ ئېغىر زۇلۇمغا قارىتا فرانسىيەچىلىك بولالمىغانلىقىمىزدىن بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولدى.»

مۇستافا داش ئەپەندى بۇ كىتابنى ھەممە كىشىنىڭ ئوقۇشى، دۇنيادىكى بارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابنى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، مەيلى تۈرك، مەيلى ئەرەپ بولسۇن ۋە ياكى رۇس بولسۇن، قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خىتايغا ‹زۇلۇمىڭنى توختات› دېيىش ئۈچۈن ئوقۇشى شەرت. چۈنكى بۇ كىتابتا گۈلباھار خانىمنىڭ گۇۋاھلىقى ئاڭلىتىلغان. شۇنىمۇ دەپ قوياي، گۈلباھار خانىم ئاسان قۇتۇلۇپتۇ، ھازىر ناھايىتى ئېغىر ئىسكەنجە ۋە ئېغىر زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بار ئىكەن. بەزى ئۇيغۇرلار ھەر دائىم خىتاي تەرىپىدىن يوق قىلىنىش، ئۆلتۈرۈلۈش قورقۇنچى ئىچىدە ياشاۋېتىپتۇ. بۇ جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىۋاتقاندا مېنىمۇ ۋەھىمە بېسىۋالدى.»

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىمنىڭ لاگېر ھاياتى بايان قىلىنغان «خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلدۇم؟» ناملىق كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى مۇستافا داش ئەپەندى بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ فرانسىيەدە تونۇلۇشىدا زور رول ئوينىغانلىقىنى، تۈركىيەدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «فرانسىيە خەلقى كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ كىتاب فرانسىيەدە كۆپ سېتىلغان كىتاب قاتارىغا كىرىپتۇ. فرانسۇزلارغا ئوخشاشلا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار باشتا تۈرك خەلقىنىڭمۇ قىزىقىپ ئېلىپ ئوقۇيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن. گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم ھەققىدىكى بۇ كىتاب فرانسىيەدە نەشردىن چىقىشتىن بۇرۇن فرانسىيەدە ئۇيغۇرلار بىلىنمەيتتى، لېكىن ھازىر فرانسۇزلار بىلىپ كېتىپتۇ. شۇڭا بۇ كىتابنىڭ بۇندىن كېيىن باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم 2016-يىلى 11-ئايدا پېنسىيە رەسمىيەتلىرىنى ئۆتەش ئۈچۈن فىرانسىيەدىن يۇرتى قارامايغا قايتقان ۋاقتى دەل خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ چوڭ تۇتقۇننى يېڭى باشلىغان مەزگىلىگە توغرا كەلگەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنى يالغان ئەيىبلەپ ئۆزىگە تېررورلۇق جىنايىتى ئارتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مەزكۇر كىتابنىڭ يېقىندا 10 تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

2021-يىلى 13-يانۋار كۈنى فرانسۇز تىلىدا نەشر قىلىنغان «خىتاي لاگېرىدا ھايات قالغان گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ گۇۋاھلىقى» ناملىق كىتاب ئۇيغۇر لاگېر شاھىتى تەرىپىدىن يېزىلغان تۇنجى كىتاب ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئالدىدا گەرچە مېھرىگۈل تۇرسۇن، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىقلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى كارتون رومانى ۋە باشقا ھېكايە شەكلىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، پەقەت لاگېر ئوقۇتقۇچىسى قازاق شاھىت سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ گۇۋاھلىقى رەسمىي كىتاب بولۇپ نەشردىن چىققان بىردىنبىر كىتاب ئىدى.