گۈلباھار خاتىۋاجى: «شى جىنپىڭ سەن نومۇس قىلمامسەن؟ بارلىق تۇتقۇنلارنى قويۇۋەت!»

0:00 / 0:00

«بىز ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە رەھمەت ئېيتىمىز، ھۆرمەتلىك شى جىنپىڭ رەئىسكە رەھمەت ئېيتىمىز، پارتىيەگە رەھمەت ئېيتىمىز! ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئىبادەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، تاكاللىشىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئاچلىق ئېلان قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ».

جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلار ھەركۈنى تەكرارلايدىغان يۇقىرىقى سۆزلەرنى «يېڭى زۈرىخلىقلار» گېزىتى 13-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «شى جىنپىڭ سەن نومۇس قىلمامسەن؟ خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان ئۇيغۇر گۈلباھار خاتىۋاجى» ناملىق ماقالىسىگە مۇقەددىمە قىلغانىدى.

ماقالىدا گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى تەسىرلىك ئۇسلۇبتا بايان قىلىنغان. ماقالىدىكى مۇنداق بىر مىسال دىققەتنى تارتىدۇ. 55 ياشلىق گۈلباھار خاتىۋاجى تۇتقۇن قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 20 كۈنگىچە 10 دىن ئارتۇق تۇتقۇن قامالغان بىر كامېردا پۇتىغا كىشەن سېلىنىپ، كارۋاتقان باغلاپ قويۇلىدۇ. ئۇنىڭ ھاجەتخانىغا ياكى سۇخانىغا كىرىشىگە ئىجازەت بېرىلمەيدۇ. چوڭ تەرىتى قىستاپ كەتكەن گۈلباھار خاتىۋاجى بىر ھەپتىگىچە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەرىتىنى تىزگىنلەشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. تۇتقۇنلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا تەرەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

گوللاندىيەدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇستەقىل تاراتقۇ - «دې-بالى» دەبالىە تېلېۋىزىيەسى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بىلەن سۆھبەت تەييارلىقىدا. 2021-يىلى 10-ماي.
گوللاندىيەدە زور ئالقىشقا ئېرىشكەن مۇستەقىل تاراتقۇ - «دې-بالى» دەبالىە تېلېۋىزىيەسى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بىلەن سۆھبەت تەييارلىقىدا. 2021-يىلى 10-ماي.

گېزىت ماقالىسىدە: «2017-يىلى 1-ئاپرېل مەن ئۈچۈن ئازابلىق بىر كۈن بولدى. بىر ھەپتىگىچە تەرىتىمنى تىزگىنلەشكە تىرىشتىم. بىر ھەپتىدىن كېيىن قۇربىتىم يەتمىدى. دائىم يېنىپ تۇرىدىغان چىراغ نۇرى ئاستىدا، 10 مەھبۇسنىڭ ئارىسىدا، كۆزىتىش كامېراسىنىڭ كۆز ئالدىدىلا تەرەت قىلدىم» دەپ بايان قىلىدۇ گۈلباھار خاتىۋاجى.

ماقالىدا گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ بۇ نومۇستىن يىغلاپ كەتكەنلىكى، خورلۇق ۋە ھاقارەت ھېس قىلغانلىقى، ئىززەت-غۇرۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىدىن ئازابلانغانلىقى تىلغا ئېلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ لاگېردىن قۇتۇلۇپ فىرانسىيەدە ياشاۋاتقىنىغا 3 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە لاگېردىكى ئاشۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالمىغانلىقى تەسۋىرلەنگەن.

گۈلباھار خاتىۋاجى خانىم بۈگۈن بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، جازا لاگېرلىرىدىكى زۇلۇمنىڭ روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئېغىر زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ دەردىنى ھازىرغىچە تارتىۋاتقانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نورمال ئۇيقۇدىن مەھرۇم بولغانلىقىنى، داۋاملىق خىتايغا بېرىپ قېلىپ ئۆلۈم تەھدىتىگە يولۇقىدىغان قورقۇنچلۇق چۈشلەرنى كۆرۈپ، تەر بېسىپ ئويغىنىپ كېتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئوخشاش قىسمەتنى باشتىن كۆچۈرۈۋاتقان گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي زۇلۇمى پەيدا قىلغان قەلبىدىكى جاراھەتلەرنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى بۈگۈنگىچە تارتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ماقالىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە، «ئەگەر سىزگە خىتاي رەئىسىگە بىر ئۇچۇر يەتكۈزۈش پۇرسىتى نېسىپ بولغان تەقدىردە، نېمە دېگەن بولاتتىڭىز؟» دېگەن سوئال قويۇلىدۇ. گۈلباھار خاتىۋاجى بۇنىڭغا قارىتا «سەندە يۈرەك دەيدىغان نەرسە يوقمۇ، شى جىنپىڭ؟ نومۇس قىلمامسەن؟ بارلىق تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇۋەت!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

«شى جىنپىڭ سەن نومۇس قىلمامسەن؟ خىتاي گۇلاگىدىن ھايات قالغان ئۇيغۇر گۈلباھار خاتىۋاجى» ناملىق ماقالىدا گۈلباھار خاتىۋاجىنىڭ قەلەمكەش روسەن مورگات بىلەن بىرلىكتە يېزىپ چىققان، ھازىرغا قەدەر 10 دىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلىنغان «مەن خىتاينىڭ لاگېرىدا قانداق ھايات قالدىم» ناملىق ئەسىرىگىمۇ يۇقىرى باھالار بېرىلگەنىدى.