گۈلىستان ئەزىز: «ئىككىنچى ۋەتىنىم-ياپونىيەنى خىتاي تەھتىدىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم»
2022.06.27

ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قىزى گۈلىستان ئەزىز ياپونىيە «كۇنىمورى پارتىيەسى» نىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىدىكى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ياپونىيە دۆلەتلىك كېڭەش پالاتا سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، جىددىي ئاۋاز توپلاپ تەييارلىق قىلماقتىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات نوتۇقلىرىدا «مەن بىر ئۇيغۇر، خىتاي مېنىڭ ئانا ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان. مېنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنىم بولغان ياپونىيەنى خۇددى بىرىنچى ۋەتىنىمگە ئوخشاشلا خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ھەم قوغداش بۇرچۇم بار. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارمەن!» دېگەن سۆزلەرنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.
شەھەرمۇ-شەھەر كېزىپ نۇتۇق سۆزلىگەن گۈلىستان ئەزىز، چارچىغىنىغا قارىماي تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، گۈلىستان ئەزىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى قەدىمىي يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان كۇچادا تۇغۇلۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. 2005-يىلى ياپونىيەگە كەلگەن، 2008-يىلىدىن باشلاپ، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسىغا ئايلانغان.
ياپونىيەدە ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپى بويىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن گۈلىستان ئەزىز، ھازىر ياپونىيەدىكى مەلۇم بىر ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە خىزمەت قىلماقتىكەن. ئۇ 2018-يىلى ياپونىيەنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئىكەن.
گۈلىستاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ياپونىيەدىكى سىياسىي پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ياپونىيە تاراتقۇلىرى ۋە خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاۋاز چىقىرىپ كەلمەكتە.
گۈلىستان ئەزىز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان «كۇنىمورى پارتىيەسى» يېڭىدىن قۇرۇلغان ياپونىيەدىكى كىچىكرەك بىر ئوڭچىل پارتىيە بولۇپ، ئۇ مەزكۇر پارتىيىنىڭ كاناگاۋا ئۆلكىسىدىن سايلانغان ۋەكىللىرىنىڭ بىر سۈپىتىدە ياپونىيە دۆلەتلىك كېڭەش پالاتاسى سايلىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، جىددىي تەييارلىق قىلماقتىكەن.
گۈلىستان خانىم ئۆزىنىڭ «كۇنىمورى پارتىيەسى» نىڭ كاناگاۋا ئۆلكىلىك ۋەكىلى سۈپىتىدە بۇ قېتىملىق ياپونىيە كېڭەش پالاتا سايلىمىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللار ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئانا ۋەتىنى خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ قېتىملىق ياپونىيە كېڭەش پالاتا سايلىمىغا قاتنىشىشقا بەل باغلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن ياپونىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە رول ئېلىش ئارقىلىق، ھەم ياپونىيە ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈلىستان ئەزىز ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان پارتىيە ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى. «كۇنىمورى پارتىيەسى» نىڭ ئاساسلىق تەشۋىقاتلىرى ياپونىيەدىكى «ساكۇرا تېلىۋېزىيەسى» قانىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ تېلېۋىزىيە قانىلى 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە، خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتىغا قارشى ياپونىيەدە ئۆز ئالدىغا بىتەرەپ خەۋەر بەرگەن تاراتقۇ ئىكەن. گۈلىستان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ساكۇرا تېلېۋىزىيىسى» شۇ ۋاقىتتا يالغۇز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن نامايىشىنى قانلىق باستۇرغانلىقىدەك رېئاللىقنى ئېنىق يورۇتۇپلا قالماي، بەلكى يەنە «26-ئىيۇن شياۋگۇەن قانلىق قىرغىنچىلىقى» غا دائىر پاكىتلىق ۋېدىيو كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ كۆرسەتكەن ئىكەن.
گۈلىستان خانىم ئاخىرىدا ھازىرقى باسقۇچتا بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە سۆز ئېچىشنىڭ تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ قېتىملىق پارلامېنت سايلىمى ئۈچۈن سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان «كۇنىمورى پارتىيەسى» نىڭ ياپونىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، ياپونىيەنىڭ دۆلەت كۈچىنى كۈچەيتىش، ياپونىيەنى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردە خىتاينىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە ياپونىيە خەلقىنى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، «خىتاينى ياپونىيە ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ بىلىشنى ۋە بۇ جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك مۇداپىيە تەدبىرى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق سايلام نەتىجىسى كېلەر ئايدا چىقىدىكەن. گۈلىستان ئەزىز، سايلام نەتىجىسىنىڭ مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان «كۇنىمورى پارتىيەسى» نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياپونىيە ۋە ياپون خەلقىنى ھەر ۋاقىت خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش پائالىيەتلىرىنى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.