كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ۋە ئابدۇرېشىت نىياز: «غۇلجادا يۈز بەرگىنى ئەتكەسچىلىك ئەمەس، بەلكى ئىچكىي ئەزا بۇلاڭچىلىقى»

0:00 / 0:00

ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجادا ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ زىيانكەشىكىگە ئۇچرىغان 13 ياشلىق ئۆسمۈر ئابدۇللا راخمانجاننىڭ جەسىتى تېپىلغان ۋاقىتتا، ساقچىلار ۋەقەنى سىر تۇتۇش ئۈچۈن جەسەتكە شاھىد بولغان كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىنى يىغىۋالغان ۋە ئۇلاردىن ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن باشقىلارنى نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشتۇرغان. بۇ ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى، مەزكۇر ۋەقەنى ئورگان ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئىشى دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقى، بۇنىڭدا ھەر ساھەدىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق قولى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يېقىنقى كۈنلەردە تارقالغان يەنە بەزى ئادەم ئىزدەش ئېلانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ يۈتۈپ كېتىش ۋەقەسى غۇلجا، كورلا ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. غۇلجا توخۇچىيۈزدە ئېتىزلىقتا جەسىتى تېپىلغان ئۆسمۈر ئابدۇللا راخمانجاننىڭ مەھەللە ۋە يېزا تەۋەلىكىگە قارىتا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا جەسەت تېپىلغان چاغدا نەق مەيداندا 20-30چە كىشى بارلىقى، ئابدۇللانىڭ ئانىسى بالىسىنىڭ ئىچ ئەزاسىنىڭ ئېلىۋېلىنغانلىقىنى كۆرۈپ نالە-پەرياد قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلارنىڭ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ قول تېلېفونلىرىنى يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشتۇرغانلىقى مەلۇم بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، كورلادا غايىب بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى ئالىمجان ھەسەن بولۇپ، تا بۈگۈنگىچە ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىغان.

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ بالا يۈتۈش ۋەقەلىرى ھەققىدە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىلەر پىكىر بايان قىلدى.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇ ۋەقە نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا تېز ۋە توسالغۇسىز داۋام قىلىۋاتقان ئىچكىي ئەزا بازىرى ۋە سودىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇنداق بىر تىجارەتنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىلا ئەمەس، كۆپ تەرەپ ئارسىدا داۋام قىلىدىغانلىقى ۋە بۇ سودىغا ئىشتىراك قىلغۇچىلارنىڭ بەلگىلىك يۈكسەكلىكتە ئىجتىمائىي ئورنى بولۇش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىلشات ئەپەندى بۇ ئىشتا ئەمەلدارلار، دوختۇرلار، ساقچىلار ۋە قارا جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەركەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك كۆزىتىش ئاپپاراتلىرى ۋە ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچى نەزەردە تۇتۇلسا، بالا يۈتۈپ كېتىش ۋەقەلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشى، بولۇپمۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ تۇتۇلماسلىقى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان بىر ئىشتۇر. ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىمۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئورگان ئەتكەسچىلىىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدا يوشۇرۇن ئەمەس، ئاشكارا ھەركەتلەندۈرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆپ ساندا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۈرمە ۋە لاگېرلاردا بولۇشىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرنى يار-يۆلەكسىز قالدۇرغانلىقى، بۇنىڭ ئىچكىي ئەزا ئەتكەسچىلىرىگە ياخشى بىر پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا ئوقيدى. ئۇ بۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا غۇلجادا يۈز بەرگەن بۇ پاجىئەلەرنىڭ «ئەتكەسچىلىك ئەمەس، بەلكى ئىچكىي ئەزا بۇلاڭچىلىقى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندىمۇ يار-يۆلەكسىز قالغان بالىلارغا قارىتا قىلىنىۋاتقان بۇ زىياكەشلىكنى يۇقىرىقىدەك ئاتاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئابدۇرېشىت نىياز ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ تالان-تاراجنىڭ ماھىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر شەكلى ۋە پارچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، بۇ ئىشنىڭ پەقەت ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ئەمەلىي تەدبىر قوللانغاندىلا، ئاندىن توختاش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا غۇلجادا يۈز بەرگەن بالا يۈتۈپ كېتىش ۋە ئىچكىي ئەزا ئوغرىلاش ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.