بۇ يىللىق روزا ھېيتتا غۇلجادا بىر ئائىلىدىكى ئاتا-بالىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە يەنە بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى يوللىغان بىر ئىنكاسچىنىڭ بايان قىلىشىچە، دائىرىلەر، ئوغۇل بىلال ياقۇپنىڭ جەسىتى ئۈستىدە تىببىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى «يېمەكلىكتىن زھەرلەنگەن» دەپ ھۆكۈم چىقارغان ۋە مۇسىبەت بولغان ئائىلە ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىنى ئاتا-بالىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە قالايمىغان ئۇچۇر تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش دەل ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ بارغان مەزگىللىرىگە توغرا كەلگەن
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، غۇلجادا بۇ يىل روزا ھېيتتا يۈز بەرگەن زەرگەر ياقۇپ ھەسەن بىلەن ئوغلى بىلال ياقۇپنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۈگەپ كەتكەنلىكى، ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە ئاتىنىڭ ئۆلۈمىگە تۈرمە سەۋەب بولغان بولسا، بالىنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇشتۇمتۇت دۇچ كەلگەن مۇسىبەت ۋە قايغۇنىڭ سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ 2-ئىيۇن كۈنى يەنە ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر بىلال ياقۇپنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە تىببىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم. تەكشۈرۈش جەريانى 15 كۈنگە قەدەر داۋام قىلغان. دائىرىلەر بۇ جەرياندا، مۇسىبەتلىك ئائىلە ۋە ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىنى ئاتا-بالىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى توغرۇلۇق قالايمىقان ئۇچۇر تارقاتماسلىق ھەققىدە جىددىي ئاگاھلاندۇرغان. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش بولۇپمۇ ب د ت نىڭ زىيارەت ئۆمىكى ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ بارغاندا ئېغىر تەھدىت تۈسىنى ئالغان.
ئىنكاستا يەنە بۇ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ جەمئىيەتكە ئىنتايىن تېز ۋە كەڭ تارقالغانلىقى، كىشىلەردە چوڭقۇر ئېچىنىش پەيدا قىلغانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ مەزكۇر تەۋەلىكتە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىسىدا بەلگىلىك دەرىجىدە بېسىم پەيدا قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ بىر خادىمى، ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ بىراز كېچىكىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرلىكتە، بىلال ياقۇپنىڭ جەمئىيەتتە تارقالغاندەك، دادىسىنىڭ ئۆلۈمى ئېغىر كېلىپ ئەمەس، بەلكى «يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى.
نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان تىببىي مۇتەخەسىسلەردىن دوكتۇر جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى، بىلال ياقۇپنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن مەلۇم ئالاقىسىنىڭ بولۇشىدەك بىر ئېھتىماللىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ يەنە خەلق ئارىسىدىكى «يۈرەك يېرىلىپ كېتىش» دېگەن تەسىۋىرنىڭ ئىلىمىي ئاتىلىشى «يۈرەك تىقىلمىسى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
غۇلجادىكى مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزىگە ج خ تارماقلىرىنىڭ يەتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە بىلال ياقۇپنىڭ بىر كۈن ئاۋۋال بىر خىل باش ئاغرىقىنى توختىتىش دورىسى ئىچكەنلىكى، بۇ دورىنىڭمۇ زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەققىدە پەرەزلەر بارلىقىنى تىلغا ئالدى. ھالبۇكى تىببىي پەنلەر دوكتۇرى جۈرئەت ئوبۇل بۇ ئېھتىماللىقىنى رەت قىلىدۇ.
مەزكۇر خادىم بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئالدىرىغانلىقى، ئەمما، بەزى كەسپىي تارماقلارنىڭ بۇ خۇلاسىنى تېزرەك چىقىرىشقا جىددىي قارىماىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇنىڭدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل ئۆلۈملەر ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتايىن كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئالاقىدار ئورگانلار بۇ ئاتا-بالىنىڭ ئۆلۈم ۋەقەسىگە ئادەتتىكى بىر ھادىسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلغان. ئەمما ئىنكاستا ئەسكەرتىلىشىچە، غۇلجادىكى يەرلىك دائىرىلەر بىلال ياقۇپنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى دادىسىنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىۋالاسملىق ھەققىدىكى تەشۋىقاتىنى مەخسۇس بىر سىياسىي خىزمەت سۈپىتىدە جىددىي ۋە ھەيۋىلىك ئېلىپ بارغان. ئىنكاستا يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇنداق بولۇشىغا شۇ كۈنلەردە داۋام قىلىۋاتقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر رايونى زىيارىتى تۈرتكە بولغان. يەنى دائىرىلەر بۇنداق بىر ئۇچۇرنىڭ ب د ت زىيارەت ئۆمىكىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر كومېتىتىنىڭ بىر خادىمى، ياقاپ ھەسەن ۋە بىلال ياقۇپ ئاتا-بالا ئىككەيلەننىڭ مىيىتىنىڭ ساقچىلار نازارىتىدە يەرلىكىگە قويۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئۇ يەنە شۇ كۈنلەردە ب د ت زىيارەت ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى سەۋەبلىك، ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى چىڭ ساقلاش ھەققىدە جىددىي شەكىلدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنىمۇ دەلىللىدى.
ئىنكاستا يەنە بىلال ياقۇپنىڭ يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمگە مۇسىبەتتىكى ئائىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ قولۇم-قوشنىلىرىنىڭ قىلچىمۇ ئىشەنمىگەنلىكى، ئەمما ۋەزىيەتتىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ گۇمان ۋە قارشى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقى قەيت قىلىنغان. شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق دوختۇرى، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ساۋۇتجان ئەپەندىمۇ، بىلال ياقۇپ دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقلار كۆزدە تۇتۇلسا، ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىگە چېتىلىش ئېھتىمالىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
ئىنكاستا يەنە بىلال ياقۇپنىڭ ئەسلىدە ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەپتىن دائىرىلەرنىڭ بىلالنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەت ئەلگە تارقىلىش ئېھتىمالىنى پەرەز قىلىپ، مەزكۇر «يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش» ھېكايىسىنى توقۇپ چىققانلىقى ئەكەرتىلگەن. مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمىمۇ، بىلال ياقۇپنىڭ ئەسلىدە بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ب د ت زىيارەت ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى ئالدىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى دائىرىلەر ئاھالىلەرنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى سورىماسلىق، سۆزلىمەسلىك ۋە ساقلىماسلىق قاتارلىق « 10تۈرلۈك بەلگىلىمە» ئېلان قىلغان ئىدى.