12 نەپەر ئۇيغۇر ئايال گوللاندىيەدىكى خەلقئارا ۋالىبول مۇسابىقىسىدە شۇئار بېسىلغان ئاق مايكا بىلەن مەيدانغا كىرگەن

0:00 / 0:00

28-سېنتەبىر كۈنى، گوللاندىيەنىڭ ئارنىم شەھىرىدە خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دۇنيا ئاياللار ۋالىبول لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر مۇسابىقە جەريانىدا ياپۇنىيە-خىتاي كوماندىلىرى ئوتتۇرسىدا چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى بولۇپ ئۆتكەن.

بۇ مۇسابىقە جەريانىدا گوللاندىيەشەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى (Stichting Oost Turkistan Organisaties Alliantie) نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12 نەپەر ئۇيغۇر ئايال «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەن ئىنگىلىزچە 4 سۆز بېسىلغان مايكىلارنى كىيىپ، مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگەن. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل تىنچ شەكىلدىكى ھەرىكىتى ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.

گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق گۈلىستان خانىم بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇ خەلقئارالىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى ئاددىي ۋە تىنچ ئۇسۇل ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، گەرچە بۇ پائالىيەت مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ «كۆزلىگەن مەقسىتىگە يەتكەنلىكى» نى تەكىتلەپ ئۆتتى.

12 نەپەر ئۇيغۇر ئايال «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەن ئىنگلىزچە 4 سۆز بېسىلغان مايكىلارنى كىيىپ، گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ۋالىبول مۇسابىقە مەيدانىغا كىرگەن. 2022-يىلى 28-سېنتەبىر.

شۇ كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەرنىڭ تىنچ شەكىلدىكى بۇ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. ئامانلىق خادىملىرى، ئۇيغۇر ئايال پائالىيەتچىلەردىن «خىتاي، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات!» دېگەن شۇئار بېسىلغان مايكىلارنى دەرھال سېلىۋىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئاندىن ئۇلار ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىۋالغان بۇ مايكىلارنى يىغىۋالغان ۋە مۇسابىقە تۈگىگىچە قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بەردى ۋە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارغا قىسقىچە ئىزاھات بەردى. ئۇلار جاۋاب خېتىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقە مەيداندىكى ئامانلىق قوغدىغۇچىلارنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن مايكىلارنى دەرھال سېلىۋىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شۇئار بېسىلغان بۇ بىر يۈرۈش مايكىلارىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلدى.

خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى بىزگە قايتۇرغان جاۋاب خېتىدە يەنە ئىزاھات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىمە ۋە بېلەتتىكى شەرتلىرىدە مۇسابىقىنى كۆرگۈچىلەرنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مەيداندا سىياسىي خاراكتېرلىق نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، بۇ قائىدىلەرنىڭ يەرلىك تەشكىللىگۈچى كومىتېت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېيتتى.

گوللاندىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۇيغۇر پەرزەنتى ئەقىدە ساۋۇت زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش سەۋەبى توغرىسىدا توختالدى. ئەقىدە ساۋۇت يەنە مۇسابىقە مەيدانىدىكى ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنىڭ خىتايغا قارشى شۇئار بېسىلغان مايكىلارنى سالدۇرىۋالغانلىقى ۋە مۇسابىقە تۈگىگەنگە قەدەر قايتۇرۇپ بەرمىگەنلىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.

بۇ يىل 3-ئىيۇن كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-خىتاي دۆلەت كوماندىلىرىنىڭ ئاياللار ۋالىبول مۇسابىقىسىدە، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم ۋە مەزكۇر پارتىيەنىڭ ياشلار تەشكىلاتى ئەزالىرى، مۇسابىقە مەيدانىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى ئاسقان ئىدى. شۇ قېتىملىق مۇسابىقە جەريانىدا گەرچە خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ تەلىپى بىلەن ئامانلىق خادىملىرى بۇ بايراقنى ئېلىۋېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق مۇسابىقە تۈگىگەنگە قەدەر مەيداندا ئېسىغلىق تۇرغان ئىدى.