ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەمدە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تارىخىي بوھرانلار تاشقى دۇنياغا تۈرلۈك خەۋەر يوللىرى ئارقىلىق مەلۇم بولۇپ، كۆپلىگەن ساھەنىڭ ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاشتا، شۇنىڭدەك بۇ توغرىسىدا مۇھىم قارارلارنى ئېلىشىدا ئاچقۇچلۇق روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. ئاخبارات ساھەسى گەرچە بۇ جەھەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتسىمۇ، بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنى ھۆججەتلىك فىلىم شەكلىدە ئىشلەپ جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنغاندا تېخىمۇ كۆپ ئاۋام پۇقرانىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كۆپ قېتىملاپ ئىسپاتلانغان ئىدى. يېقىندا تاماملانغان «ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم دەل ئەنە شۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن كەڭ مىقياستا تارقىتىشقا سۇنۇلدى.
«كۆك ئاسمان ستۇدىيەسى» نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى جاۋاد مىر ئەپەندىنىڭ بىر قوللۇق ئەجرى بىلەن يورۇقلۇققا چىققان مەزكۇر ھۆججەتلىك فىلىم يېقىندا ئاخىرقى تەھرىرلەشتىن ئۆتۈپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا. بۇ فىلىمدا ئاساسلىق قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان زور كۆلەملىك تۇتقۇن ئاساسلىق ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. بولۇپمۇ خىتايلار بىلەن ھېچقانداق ئورتاقلىقى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى، ئەنە شۇ خىل باستۇرۇشلارنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا كۈچ چىقىرىۋاتقان شەخسلەردىن بىرى بولغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان يولسىزلىق بىلەن «گۆرۈگە ئېلىش» تەك قەبىھلىكنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە شەكىلدە بايان قىلىنىدۇ. فىلىمدا بۇنىڭغا مىسال قىلىنغان مەركىزىي شەخس ئۈرۈمچىدىكى پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباس بولۇپ، پۈتكۈل فىلىمنىڭ بايانلىرى ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ.
مەزكۇر فىلىمنى سىناق تەرىقىسىدە قويۇش مۇراسىمى 24-يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلدى. فىلىمدا نۇقتىلىق ئورۇن ئىگىلىگەن گۈلشەن ئابباس 2018-يىلى ئاپرېلدا ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمىغان. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە ئاندىن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغان. ھېچقانداق سىياسىي ئىشلار بىلەن باغلىنىشلىقى بولمىغان ھەمدە ئاللىقاچان پېنسىيەگە چىققان بىر دوختۇرنىڭ، يەنە كېلىپ پۈتۈن-سۈرۈك بىر ئىنساننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدەك ئەڭ ئەقەللىي پاكىتتىن خەۋەردار بولۇشنىڭ ئۆزىگىلا مۇشۇنچە ۋاقىت كەتكەن بولۇپ، ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان مىڭلىغان ئونمىڭلىغان لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ تەقدىرى ھېلىغىچە نامەلۇم ھالدا تۇرۇپ كەلمەكتە. فىلىمدا ئەنە شۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شۇنىڭدەك گۈلشەن ئابباسنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇرنى بىلىش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى سىڭلىسى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى روشەن ئابباس ئامېرىكىدىن كانادا، تۈركىيە ۋە ئاۋسترالىيەگە، شۇنىڭدەك ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ھەدىسىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلاشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەقىقەتنى تېپىشقا يول ئالىدۇ. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ھەمدە كۆپ دۆلەتلەرگە چېتىلغان بۇ قېتىمقى سەپەرنى يىپ ئۇچى قىلغان ھالدا فىلىمدا لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرى، پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش تىرىشچانلىقى ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى، نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالى، ئۇلارنىڭ قانداق سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كرىزىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى، نۆۋەتتىكى لاگېرلارغا قامالغان مىليونلارچە ئۇيغۇرلار ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ تەشۋىش ۋە ئۈمىد ئارىلىشىپ كەتكەن ھاياتى ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردىكى «مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا» دېگەن تەمسىلدە ئېيتىلغاندەك بۇ ئارقىلىق فىلىمدا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ نۆۋەتتە دۆلەت تېررورىزمى ۋە ساقچى دۆلىتىنىڭ نازارىتىدە قانداق شەكىلدە مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقى جانلىق ۋە چۈشىنىشلىك بايان قىلىنىدۇ. بۇ جەرياندا ھەرقايسى ساھەدىكى سىياسىيونلار، ئانالىزچىلار، پائالىيەتچىلەر، مۇخبىرلار، پروفېسسورلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇشى، شۇنىڭدەك فىلىم كۆرۈنۈشلىرى بىلەن بەكمۇ ماسلاشقان ھالدا كىرىشتۈرۈلگەن ئۇيغۇر مۇزىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆپلىگەن قوشۇمچە ئۇچۇرلار تاماشىبىنلارنىڭ چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ.
«ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا» فىلىمى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمىگە ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ھەر ساھەدە ئىشلەۋاتقان 40 نەچچە كىشى ئىشتىراك قىلدى. ئاۋۋال فىلىم ئىشلىگۈچى جاۋاد مىر ئۆزىنىڭ بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان شۇنچە ئېغىر ئىجتىمائىي كرىزىس ھازىر گەرچە بارغانسېرى ئېغىرلاپ مېڭىۋاتقان بولسىمۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى سىياسىيونلاردىن باشقا ئاۋام خەلق ئىچىدە بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى، بۇنى تېخىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر فىلىمنى ئىشلەش زۆرۈر بولۇپ قالغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. فىلىمدىكى ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ بىرى بولغان روشەن ئابباسمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇندى. بولۇپمۇ بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئەجرى سىڭگەنلىكىنى، فىلىمنىڭ مەزمۇن، قۇرۇلما ۋە بايان جەھەتلەردىن تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەنلىكىنى، شۇڭا مەزكۇر فىلىمنىڭ شۇنچە كۆپ مېھنەت بەدىلىگە پۈتكەنگە چۇشلۇق ياخشى باھاغا ھەمدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. .
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ مەزكۇر فىلىمدا ئوخشىمىغان نۇقتىلاردىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا نۆۋەتتىكى لاگېرلار ۋە زور كۆلەملىك تۇتقۇن مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نامىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرۇقلۇق ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك پاجىئەدىن شۇنچە كېچىكىپ خەۋەردار بولغانلىقىنى، مۇشۇنىڭ ئۆزىدىن مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان نام-نىشانسىز ئۇيغۇرنىڭ ئۈن-تىنسىز ھالدا لاگېرلاردا ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھېچقانچە قىينالمايلا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنلىكىنى، ھازىر ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغۇدەك ئادەمنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلشەن ئابباسنى تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ھەمدە 20 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى نۇقتا قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانداق يولسىز ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. . بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۆز قانۇنى ۋە باشقا خەلقئارالىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ھەرقانداق تېررورلۇق قىلمىشىغا چېتىلغان كىشىنى سوتلىغاندا جەزمەن ئۇنىڭ ئاشكارا سوتلىنىدىغانلىقى، ئاشكارا سوتتا تېررور گۇماندارىنىڭ قانداق تېررورلۇق قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بايان قىلىنىدىغانلىقى ھەمدە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ سوت ئەھلىگە كۆرسىتىلىدىغانلىقى، ئەمما گۈلشەن ئابباسنى سوتلىغاندا ئۇنىڭ تۇغقانلىرىدىن ھېچكىم قاتناشمىغان ئەھۋالدا ئۇنىڭغا «يېپىق سوت» دېگەن نامدا ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتسىزلا 20 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى سېلىشتۇرۇپ «خىتاينىڭ مۇشۇ قىلمىشىنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە ئىش كۆرمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ» دېدى.
مۇھاكىمىدە ئالاھىدە پىكىر قىلغان يەنە بىر كىشى «لاگېر مۇتەخەسسىسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان دوكتۇر ئادرىئان زېنز بولۇپ، ئۇمۇ يىغىن ئەھلىنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەزكۇر فىلىمدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. بولۇپمۇ يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى «خىتاي ھۆكۈمىتى سىزنى شىنجاڭدا ئاشكارا ھالدا تەنقىدلەۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىغاندا «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان كونا ئۇسۇل. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق روشەن ئابباسنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرماقچى بولغان. ئەمما بۇ ئىشقا ئاشمىدى. خۇددى شۇنىڭدەك بۇ ئۇسۇل مېنىمۇ قورقۇتالمايدۇ. ئەكسىچە بۇ جەھەتتىكى غەيرىتىمنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ» دېدى.
يىغىندىن كېيىن فىلىم ئىشلىگۈچى جاۋاد مىر ئەپەندى رادىيومىزنىڭ ئايرىم زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر فىلىمنى ئىشلەشتە ئالدى بىلەن ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بىر خەلق ھەققىدە ئىزدىنىشتىن ئىش باشلىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ «ھەقىقەتنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېچىپ كۆرسىتىش» دېگەن نىشان بويىچە بىر-بىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان تۈرلۈك بايانلار ئىچىدىن ئاخىرى چىنلىقنىڭ كارتىنىسىنى سىزىپ چىققانلىقىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتتى.
«روشەن (ئابباس) ھەققىدە ئىشلەنگەن ‹ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا› تېمىسىدىكى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى ئىشلەشتىكى ئاساسىي مۇددىئا زادى بۇ ھەقتىكى ھەقىقىي رېئاللىقنى بىر تاپايلى، دېگەن ئارزۇيىمىزنىڭ تۈرتكىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەر كېلىۋاتقانلىقىنى ياكى بۇ فىلىمدا بىز بايان قىلغان ھېكايىلەردىكى ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىزمۇ ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق. بىز بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك پەرقلىق ئۇچۇرلارنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن، خىتاي خەۋەرلىرىدىن ۋە مۇسۇلمان تورلىرىدىن كۆردۇق. شۇنىڭ بىلەن روشەننىڭ ھەدىسىگە نېمە ئىش بولغانلىقىنى، شۇنداقلا ئاشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق بىر رېئاللىققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن گۈلشەن ئابباسنىڭ قىسمىتىنى يىپ ئۇچى قىلىپ ئىزدەندۇق. بىز بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچ چىقارغان يېرىمىز ھەقىقىي ئەمەلىيەتنىڭ زادى قانداقلىقىنى تەسۋىرلەش بولدى. چۈنكى بۇ مەسىلە توغرىسىدا غەرب دۇنياسى، خىتاي ئاخباراتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىلا ئۆز ئالدىغا بىر يۈرۈش بايانلارنى تەقدىم ئېتىدۇ. شۇڭا بىز بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەتمەسلىكىمىز، بەلكى ھەقىقەتنى لىللا يوسۇندا كۆرسىتىپ بېرىشىمىز زۆرۈر بولدى. بىز بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ ئىزدەنگەنسېرى ئاشۇ مىللىي تۈركۈمگە تەۋە غايەت زور ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس دىنىي ئېتىقاد تۈپەيلىدىن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ زور لاگېر سىستېمىسىغا قامالغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق.»
مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر فىلىم پات يېقىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى كىنوخانىلاردا تارقىتىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ دۇنيا جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىشى تەخمىن قىلىنماقتا ئىكەن.