ئالمۇتادا خىتاي تۈرمىسىگە قامالغان گۈلشەن ئابباسقا بېغىشلانغان فىلىم كۆرسىتىلدى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، بولۇپمۇ 2009-يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق پاجىئەسىدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ھەددىدىن ئېشىپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ سىياسەت ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ بېكىتىلگەنىدى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەزگىلدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇر سەركىلىرىنى تۈرمىلەردە، جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇشى دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ نارازىلىقىنى تۇغدۇرماقتا. شۇلارنىڭ بىرى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباسنىڭ ئاچىسى دوختۇر گۈلشەن ئابباس خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان.

گۈلشەن ئابباسنى تۈرمىدىن ئازاد قىلىش يولىدا تىنماي ھەرىكەت قىلىۋاتقان روشەن ئابباسنىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا بۇ ھەقتە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىنىپ، ھازىر ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ دىققىتىدە بولماقتا. مەزكۇر فىلىم «ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا» دەپ ئاتىلىپ، «كۆك ئاسمان ستۇدىيەسى» نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى جاۋاد مىرئەلى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن. 26-ئاپرېل كۈنى بۇ فىلىم ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەھەرنىڭ «ئامېرىكا كائىنات مۇنارى» بىناسىدا كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر ۋە قازاق ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، ئۇلار فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن روشەن ئابباس ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ تەكلىپنامىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «سىزنى ھەدىسى خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇتۇۋېلىنغان ئامېرىكىلىق پائالىيەتچى ھەققىدە ھېكايە قىلىنغان ‹ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا› فىلىمىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىمىز. ئۇ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىش ۋە ئۆزىنىڭ غايىب بولغان ھەدىسىنىڭ تۇرغان جايى ھەققىدە ئىلمەكنى تېپىش ئۈچۈن ساياھەتكە چىقىدۇ. 80 مىنۇتلۇق كۆرسىتىشتىن كېيىن فىلىم قەھرىمانى روشەن ئابباس ۋە رېژىسسور جاۋاد مىرئەلى بىلەن شەرتلىك مۇنازىرە بولىدۇ. فىلىم رۇسچە تەرجىمىسى بىلەن ئىنگلىز تىلىدا كۆرسىتىلىدۇ، مۇھاكىمە ۋاقتىدا ئىنگلىز تىلىدىن رۇس تىلىغا ئۇتتۇر تەرجىمە بېرىلىدۇ. مەرھەمەت، ئۆزىڭىزنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىڭىزنى تەستىقلاپ بېرىڭ».

بىز ئەنە شۇ مۇراسىمغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ھازىر ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىدە تۇرۇۋاتقان سەيدالىم ئامۇتوفنى زىيارەت قىلدۇق.

سەيدالىم ئامۇتوف ئەپەندى مەزكۇر فىلىمدىن چوڭ تەسىرات ئالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ فىلىمنىڭ بولىدىغىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۆيدە ئولتۇرالماي، 300 كىلومېتىر يەردىن يېتىپ كەلدىم، قاتناشتىم. ناھايىتى تەشۋىش ئىلىكىدە خەلقىمىزنىڭ مۇشۇ كۈنگە چۈشۈپ قالغىنىغا يىغلاپ ئولتۇردۇق. ئۇ يەرگە بىزدىن باشقا قازاق ۋەكىللىرى كېلىپ ئولتۇردى. ياشلاردىنمۇ بولدى. ۋەتىنىمىزنىڭ ئېغىر ئەھۋالغا قالغىنىدا ياشلارنىڭمۇ ئاكتىپلىق كۆرسىتىۋاتقىنى بىز ئۈچۈن خۇشاللىق. بۇ فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا بىز ئەنە شۇ قورقماس، ئەر يۈرەك، باتۇر ئىنسانلارنىڭ، بۇ ئىشلارنىڭ ئارقىسىدا قانچىلىك ئادەملەر تۇرىدۇ. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يول قويۇۋاتقىنىغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋە باشقىمۇ دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيقىدا بولۇۋاتقىنىغا ئىچىمىز ئاغرىيدۇ. بۇ ئېچىنارلىق ئىش».

سەيدالىم ئامۇتوف روشەن ئابباس قاتارلىق چەتئەللەردە ئۆزلىرىنىڭ خىزمىتىنى، ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىپ، خىتاينىڭ ئەشەددىي سىياسىتىنى دۇنياغا پاش قىلىۋاتقان يۈزلىگەن كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تالغىر ناھىيەسى قىزىل غەيرەت يېزىسىنىڭ خانىم-قىزلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى گۈلبانۇم باقىيېۋا خانىم مۇنداق دېدى: «مەن ‹ھەدەمنى ئىزدەش يولىدا› ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ناھايىتى ھاياجان ئىلىكىدە كۆرۈپ، قاتتىق تەسىرلەندىم. فىلىمنى شۇنچىلىك ياخشى چىقىرىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ، خەلقىمىزنىڭ مۇشۇنداق پاجىئەلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىغا پەقەت مەنلا ئەمەس، شۇ فىلىمنى كۆرگەنلەرنىڭ بارلىقى ناھايىتى ئېچىنىپ، كۆزلىرىمىزگە ياش ئالدۇق. شۇنداقلا فىلىمنىڭ ئىنگلىز تىلىدا ئىشلەنگەنلىكى ياخشى بوپتۇ. ئەمدى ئۇنى باشقا تىللارغا، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، تارقىتىشنى قولغا ئېلىش كېرەك، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ رېژىسسورى فىلىمنىڭ يەنە داۋامى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تور ئارقىلىق فىلىمنىڭ باش پېرسوناژى، بىزنىڭ سەپدىشىمىز روشەن ئابباسقا سوئاللارنى بېرىپ، سۆھبىتىمىز ياخشى، مەزمۇنلۇق بولدى. راست، بىز قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بولغانلىقتىن بىز مۇشۇ مەملىكەتنىڭ قانۇنلىرىغا بېقىنىمىز. شۇڭلاشقا بىزنىڭمۇ پۇت-قوللىرىمز باغلاقلىق بولغانلىقتىن مەيدانلارغا چىقىپ، نامايىش قىلالمايمىزكەن. ئەمما ئۆزلىرىمىزنىڭ ۋەتەندە بولۇۋاتقان پاجىئەگە قارشىلىقىمىزنى پەقەت نەزىر، خاتىرە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش شەكلىدە بىلدۈرۈۋاتىمىز».

گۈلبانۇم باقىيېۋا يەنە مۇنداق دېدى: «شۇنداقلا ئانا تىلىمىزنى ساقلاش، مىللىي مائارىپىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى تەرغىب قىلىش، بالىلىرىمىزنى مىللىي روھتا تەربىيەلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر ھەرىكىتىگە بىر ئاز بولسىمۇ ھەسسىمىزنى قوشۇۋاتىمىز. ھە، بۇنىڭغا قازاقىستاندا بارلىق شارائىت بار. بىزنىڭ يۇقىرىدىكى تەشكىلاتلىرىمىز رەھبەرلىرى ئېلىمىز قانۇنلىرىنى ساقلىغان ھالدا بىرەر ئاماللارنى تاپسا، بىزمۇ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارساق دېگەن ئويۇم بار. راست، بىز ھەر يىلى بەدەل پۇلى يىغىۋاتىمىز. لېكىن ھەممە نەرسە پۇل بىلەنلا ئۆلچەنمەيدىغۇ. ھازىر ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە كىرسىڭىز، ‹بىز نېمە قىلالايمىز؟› دېگەن سوئالنى قويىدۇ. بىز ئۆزىمىز بۇ ئەلدە بەختلىك ياشاۋاتىمىز، ئەلۋەتتە. بىراق بىر نەرسە بىزنى قىينايدۇ، ئازابلايدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىز زار قاقشاۋاتسا، بىز قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنى بەختلىك دەيمىز، دېگەن سوئال مېنى بەك قىينايدۇ».

گۈلبانۇم باقىيېۋا مەزكۇر فىلىمنى ئىشلىگۈچىلەرگە، ئۇنى كۆرسىتىشكە شارائىت يارىتىپ بەرگەن ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋەكىللىرىگە، شەخسەن روشەن ئابباسقا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، گۈلشەن ئابباس 2018-يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ، پەقەت ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېنىقلانغان. فىلىمدا كۆرسىتىلىشىچە، روشەن ئابباس ھەدىسىنىڭ پاجىئەسى، ئومۇمەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات توپلاش مەقسىتىدە كانادا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيەگە ۋە شۇنىڭدەك ياۋروپادىكى بەزى مەملىكەتلەرگە يولغا چىققان.