ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاينىڭ گۈلشەن ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان
2024.09.13
10-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈرۈمچى نۇرباغ نېفىت دوختۇرخانىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان دوختۇرى گۈلشەن ئابباس خانىم ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ھېچقانداق بىر جىنايىتى يوق تۇرۇقلۇق خىتاي تۈرمىسىدە ناھەق ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگىنىگە 6 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى بېن كاردىن (Ben Cardin) باشچىلىقىدىكى ئونغا يېقىن پالاتا ئەزاسى ئورتاق بايانات ئېلان قىلغان. ئۇلار باياناتىدا، دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىن دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىملىق چاقىرىقى كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن بېن كاردىن، ماركو رۇبىيو، دىك دۇربىن قاتارلىقلار بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن كرىس سىمىت، راجا كرىشنامورتى، جون مولىنار، توم سۇزى قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر باياناتتا دېيىلىشىچە، دۇنيادىكى ئوخشىمىغان رەھبەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۈرمىسىدە ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ناھەق ئازاب چېكىۋاتقان گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلىپ كەلگەن. باياناتتا يەنە ھېچقانداق بىر شەخسنىڭ چەت ئەل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئائىلە ئەزاسىنىڭ پەقەت «تەسەۋۋۇردىكى جىنايەت» سەۋەبلىك تۈرمىگە تاشلانماسلىقى كېرەكلىكى، شۇ سەۋەبتىن دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ھەدىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ ناھەق تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ھاياتىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، بۇ 6 يىل جەريانىدا ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمە-لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئەمەلىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ 10-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 5-سېنتەبىر كۈنى گۈلشەن ئابباسنىڭ سىڭلىسى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خۇدسون ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ باستۇرۇشىنى ئاشكارا تەنقىدلىگەن. ھالبۇكى، شۇنىڭدىن 5 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگەن ۋە ئائىلىسى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن. 2 يىلغىچە ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. 2020-يىل 12-ئايغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى ئاتالمىش «تېررورلۇق» قا باغلاپ، قاپقارا تۆھمەت بىلەن 20 يىللىق قاماققا كېسىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
روشەن ئابباس خانىم، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىنىمسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەمەلىي نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ يەنە، بىگۇنا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ب د ت ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
دوختۇر گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان قىزى زىبا مۇرات بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ رادىيومىزغا بەرگەن يازما ئىنكاسىدا، 2018-يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ مېھرىبان ئاپىسى گۈلشەن ئابباسنى خىتاي تۈرمىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ھازىرغىچە ئاپىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر-مەلۇمات ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن زىبا مۇرات مۇنداق دېدى:
«بۇ ئىنتايىن مۈشكۈل بىر سەپەر، ئەمما مېنىڭ ئاپامغا بولغان مۇھەببىتىم بۇنىڭلىق بىلەن ھەرگىز ئۆچۈپ قالمايدۇ، بۇ مۇھەببەت ماڭا ھەر كۈنى ئىلھام بېرىپ تۇرىدۇ. بۇندىن باشقا مەن يەنە قىزىم ۋە جىيەنلىرىمنىڭ مومىسى بىلەن ھامان بىر كۈنى كۆرۈشۈشىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ يېنىدا چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئۇ سۆزىدە يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائىيە تارماقلىرىنىڭ ئاپىسى گۈلشەن ئابباسنىڭ دېلوسى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىنى، ئەمما بۈگۈنگىچە ئاپىسىنىڭ يەنىلا ئەركىنلىككە چىقالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇندىن كېيىن بۇ داۋادا يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن خىزمەت بوشلۇقلىرى مەۋجۇت ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ قارمىقىدىكى تەشكىلاتلار تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ ئايرىم شەخسكە مۇناسىۋەتلىك دېلولاردا ئۇلار ئىچكى-تاشقىي جەھەتلەردىن ئاشكارا ھالدا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىشى، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر كۈنى قىلىۋاتقان قىلمىشلىرى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئازابلىرىنى ھەر كۈنى ئاشۇرۇپ ماڭىدۇ. مەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىرىنىڭ نازارەت قىلىش ۋە دوكلات قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى تەلەپ قىلغان ‹كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش› دېگەن دوكلاتنى كۆرسەتكەنگە قەدەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ئىز-دېرەكسىز يوق قىلىۋېتىلگىنىگە 6 يىل بولغان 10-سېنتەبىر كۈنى يەنە، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس بۇرنىس (Nicholas Burns) X سۇپىسىدا، مەخسۇس يازما ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنداق دەپ يازغان. «بۇ ھەپتە قايغۇلۇق بىر خاتىرە كۈن: پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباس سىياسىي سەۋەب بىلەن ئەيىبلىنىپ، تۈرمىدە ياتقىلى ھازىر ئالتە يىل بولدى. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۈلشەن ئابباس ۋە شىنجاڭدا ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان بارلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز.»
باش ئەلچى نىكولاس بۇرنىس ئۆتكەن يىلى 10-سېنتەبىر كۈنىمۇ X سۇپىسىدا، گۈلشەن ئابباس خانىمنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە، «پېنسىيەگە چىققان ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ مەخپىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا بەش يىل بولدى. ئۇنىڭ 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋىجدانسىزلىقتۇر. بىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى ۋە مىللىتى ياكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىمىز» دەپ يازغان ئىدى.
رادىيومىزنىڭ 2020-يىلى 5-ئايدا، 2018-يىلدىن باشلاپ 21 ئاي ئىز-دېرىكى ئېلىنمايۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللەنگەن ئىدى. يەنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا «تېررورلۇق ھەرىكىتى تەشكىللەشكە قاتنىشىش ۋە ياردەم قىلىش، ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزۇش» جىنايەتلىرىنى ئارتقانلىقى ۋە ئۇنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى ئامېرىكادىكى سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائاللىيەتلىرى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇنىڭدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك جازا تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى چىققان سادالارنى جىمىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ تىپىك مىسالى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 43 نەپەر ئەزاسى 2024-يىلى 8-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن بىلەن ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفىلد خانىمغا ئىمزالىق مەكتۇپ يېزىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ناھەق تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ، جۈملىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى گۈلشەن ئابباس، كامىلە ۋاھىت، قۇربان مامۇت، ئەخمەتجان جۈمە قاتارلىق تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتايغا ئاشكارا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.