لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى تۇغقانلىرىنىڭ سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.08.23
Arslan-Sersanbek.jpg لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئاۋۇلقان خانىمنىڭ ئېرىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدىكى لاگېرغا قامالغان نەۋرە ئاكىسى سەرسانبېك ئەكبەر.
Photo: RFA

قازاقىستاندا مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتى، يەنى يېشىل كارتىسى بار گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 2018-يىل 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگىچە خىتاينىڭ غۇلجىدىكى لاگېرىدا 15 ئاي ياتقان، كېيىن غۇلجىدىكى مەلۇم لاگېر ئىچىگە قۇرۇلغان پەلەي زاۋۇتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان ۋاقىتنى قوشقاندا لاگېردا 2 يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغان.

گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى 2018-يىلى يىل ئاخىرى خىتاي لاگېرىدىن قويۇپ بېرىلىپ، قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تور بېكەتلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى قاتارلىق تاراتقۇلارغا لاگېرلارنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغانىدى. ئۇ يەنە غۇلجىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر لاگېردا كۆرگەنلىرىنى ئاشكارىلىسا ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرۇپ ئاندىن قويۇپ بەرگەنلىكىنىمۇ بىلدۈرگەن. گۈلزىرە ئاۋۇلقان قىزى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 16-كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق داۋاملىق تېلېفون قىلدۇرۇپ، لاگېرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يەنە ئاشكارىلىسا يۇرتىدىكى تۇغقانلىرىنى سولايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەنىدى. 

بۈگۈن، يەنى 23-ئاۋغۇست كۈنى، گۈلزىرە خانىم رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ غۇلجىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىككىيلەننى لاگېر ئىچىدە يېپىق سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدە يېقىندا ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا باشقىلار يەتكۈزگەن مەلۇماتتىن، دائىرىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېرىنىڭ تېكەس ناھىيىسىدىكى لاگېرغا قامالغان نەۋرە ئاكىسى سەرسانبېك ئەكبەر ۋە موڭغۇلكۈرە ناھىيىسىدىكى لاگېرغا قامالغان تاغىسى خانزا سېلىمغوجا ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، سەرسانبېك ئەكبەرگە بىر يىللىق، تاغىسى خانزا سېلىمغوجىغا 17 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

گۈلزىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچى دائىرىلىرى ئۇنىڭ غۇلجىدىكى تۇغقانلىرى ئۈستىدىن لاگېر ئىچىدىلا ئېچىلغان يېپىق سوتنىڭ ھۆكۈمىنى غۇلجىدىكى تۇغقانلىرىغا ئاغزاكى شەكىلدە يەتكۈزگەن. ئەمما سوتنىڭ ھۆكۈم قەغىزى تۇغقانلىرىنىڭ قولىغا بېرىلمىگەن.

سەرسانبېك ئەكبەر ئوغلىنىڭ قازاقىستان گراژدانى بولغان ئايالى گۈلنۇر قوشدۆۋلەت خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قازاقىستاندا ياشاش رۇخسەتنامىسى بار سەرسانبېك ئەكبەر ئوغلى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى قازاقىستاندىن غۇلجىغا قايتقىنىدا، تۇتقۇن قىلىنىپ تۇغۇلغان يۇرتى تېكەستىكى لاگېرغا قامالغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئېرىنى يوقلاش ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم تېكەسكە بارغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاڭلاتتى.

ئۇنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئائىلە قازاقىستانغا كۆچۈپ كېلىشتىن ئىلگىرى، يەنى 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئېرى سەرسانبېك ئەكبەر تېكەس ناھىيىسىنىڭ باقالىق قىشلىقىدا پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىدە بولغان. ساقچىلار ئۇنى چېگرادا تۇتقۇن قىلغىنىدا، ئۇنىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ يەرلىشىشى ۋە ئائىلىسىنى بېقىش ئۈچۈن قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا قاتناپ تىجارەت قىلىشىنى ئۇنىڭ «دۆلەتتىن يۈز ئۆرۈشىدىكى جىنايى پاكىتلىرى» قىلىپ كۆرسەتكەن. 

گۈلنۇر خانىم يەنە ئېرى سەرسانبېك ئەكبەر ئوغلى تېكەس لاگېرىغا قامالغان مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 2017-يىل 11-ئايدىن 2018-يىل10-ئايغا قەدەر ئىلگىرى-ئاخىر تۆت قېتىم تېكەس ناھىيىسىگە بېرىپ، لاگېردىكى ئېرىنى يوقلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېرى سەرسانبېكنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەرنىڭ ئۇنى لاگېر ئىچىدىلا مەخپىي سوتلاپ تۈرمىگە ئېلىپ كېتىشى، سەرسانبېكنىڭ لاگېردىن قويۇپ بېرىلىشىنى ئۈمىد ئىچىدە كۈتۈۋاتقان بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى ئېغىر غەم ۋە قاتتىق ئازابقا قويغان.

گۈلزىرە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 17 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان تاغىسى خانزا سېلىمغوجىنىڭ بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان تەقۋادار كىشى بولغانلىقى ۋە ئىككى قىزىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۇرۇنۇپ يۈرۈشكە دەۋەت قىلغانلىقى ئۇنىڭ جىنايى پاكىتى قىلىپ كۆرسىتىلگەن. 

گۈلزىرە خانىمنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر سەرسانبېك ئەكبەر ئوغلى ۋە خانزا سېلىمغوجا ئۈستىدىن 2019-يىل يېڭى يىلدىلا سوت ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما ساقچىلار ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىدىن سوت ئېچىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۇلارنىڭ قازاقىستاندىكى تۇغقانلىرىغا، بولۇپمۇ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان گۈلزىرە ئاۋۇلقانغا يەتكۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.