«قەشقەر-گۇۋادار كارىدورى» نىڭ ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا خېرىدار چاقىرىش يىغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

پاكىستاننىڭ گۇۋادار پورتى «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» نىڭ ئەڭ ھالقىلىق تۈگۈنى بولۇپ، خىتاي كارىدور بويىدىكى ئۇيغۇر، بالتىستان ۋە بالۇجىستان يەرلىك خەلقلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراۋاتقان مەزكۇر كارىدور قۇرۇلۇشىغا 62 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان. خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ پىلانى گۇۋادارنى ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇھىم دېڭىز پورتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتۇر. نۆۋەتتە خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ گۇۋاداردىكى ئۆي-مۈلۈك قۇرۇلۇشىنى خەلقئارا بازارغا سېلىپ، غەربلىك مەبلەغ سالغۇچىلىرىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مەلۇم بولۇشىچە، گۇۋادار پورتىدىكى ئۆي-مۈلۈك سودىسىنى خەلقئارا بازارغا سېلىش ھوقۇقى مەركىزى لوندوندىكى «خىتاي-پاكىستان مەبلەغ سېلىش شىركىتى» (CPIC) ناملىق بىر شىركەتكە ھۆددىگە بېرىلگەن.

نۆۋەتتە بۇ شىركەت ئامېرىكادا ھەر خىل سودىگەر چاقىرىش يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا گۇۋادار ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا چۈشەندۈرمەكتە ئىكەن. 5‏-نويابىر كۈنى مەزكۇر شىركەتنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپ ئولتۇراقلاشقان ۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ فايىرفاكىس ناھىيەسىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنى ئەنە شۇنداق خېرىدار چاقىرىش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. لېكىن ئۇنىڭ شۇ كۈنىدىكى خېرىدار چاقىرىش يىغىنى ئۇلار ئويلىمىغان بىر نارازىلىققا دۇچ كەلگەن. شۇ كۈنى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ياش يىغىنغا قاتنىشىپ، يىغىندا بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، شىركەتنىڭ ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ تراگېدىيەگە كۆز يۇمماسلىقى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يىغىن رىياسەتچىسى سام كىندالنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن سام كىندالنىڭ گۇۋاردار ئۆي-مۈلۈك بازىرىغا خېرىدار چاقىرىشنىڭ نوقۇل ئىقتىسادىي پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى ئەلفىدار خانىم تۈنۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقان پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سام كىندال «ئىقتىسادى مۇۋەپپەقىيەت ھەر ۋاقىت سىياسىي مەسىلىلەرنى يېڭىپ چىقىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ئەلفىدار خانىم 6‏-نويابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «فىرقەت سوئال سورىغاندىن كېيىن، بۇ سوئال بەكلا سىياسىي سوئال ئىكەن. بىز بۇ يەردە بىر ئىقتىسادى مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ تەقدىرىنى سۆزلىشىۋاتىمىز. بەرىبىر ئىقتىسادى مۇۋەپپەقىيەتلەر سىياسىي توقۇنۇشلارنى يېڭىپ چىقىدۇ. شۇڭا سېنىڭ دېگىنىڭدەك زۇلۇملار بۇنىڭغا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن. . .»

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 6‏-نويابىر كۈنى «خىتاي-پاكىستان مەبلەغ سېلىش شىركىتى» نىڭ لوندون ۋە نيۇ-يورك شەھەرلىرىدىكى ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوئاللار توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى سورىدۇق. مەزكۇر شىركەتنىڭ نيۇ-يوركتىكى ئىشخانىسى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. ئەمما لوندوندىكى ئىشخانىسىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى تېلېفونىمىزغا ئېلىپ، «ھازىر گۇۋاداردا ئۆي سېتىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «سىزگە مەلۇم بولغاندەك گۇۋادار خىتايغا 40 يىللىق ئىجارىگە بېرىلدى. پاكىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كېلىشىم بار، بۇ كېلىشىم ‹پاكىستان-خىتاي ئىقتىسادى كارىدورى كېلىشىمى› دېگەن نام بىلەن تونۇلغان. بۇ كېلىشىمنىڭ قىممىتى 62 مىليارد دوللار. گۇۋادار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى 2‏-پورت دەپ قارالماقتا. بۇ پورتتا ھازىر رەسمىي ئىش باشلاندى. شۇڭا گۇۋاداردا ھازىر نۇرغۇن سودا پۇرسىتى بار. ئۇ نۇرغۇن ئۆيگە ئېھتىياجلىق. شۇڭا بىز كىشىلەرنىڭ بۇ يەردە ئۆي سېتىۋېلىش پۇرسىتى ناھايىتى زور، دەپ قارايمىز.»

لېكىن «خىتاي-پاكىستان مەبلەغ سېلىش شىركىتى» نىڭ مەزكۇر مەسئۇل خادىمى بۇ قۇرۇلۇش ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ قۇرۇلۇش سەۋەبلىك مىليونلىغان مۇسۇلمان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئائىلىلىرى خانىۋەيرانچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ قاراۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ بۇ نارازىلىققا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرەلمەيمەن. بۇ ئۇلارغا ئالاقىدار بىر مەسىلە. لېكىن بىز ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى، بىزنىڭ ئىشىمىز گۇۋاداردىكى ئۆيلەرنى سېتىش. شۇڭا مەن پەقەت بۇ قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار سوئال بولسا جاۋاب بېرەلەيمەن. مېنىڭچە، سىز بۇ سوئالنى بىزنىڭ ئامېرىكادىكى ئىشخانىمىزغا تېلېفون قىلىپ سوراپ بېقىڭ. ئۇنىڭغا شۇلار جاۋاب بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەمما مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى فىرقەت جاۋدەت يۇقىرىقى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئال سورىغان ياشلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 6‏-نويابىر كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ قۇرۇلۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈشتىكى سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئادەم گۇۋادارنىڭ قانچىلىك مۇھىم پورت ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ 62 مىليارد دوللار پۇل خەجلەپ ئۇنى قانداق بىر شەھەر قىلماقچى بولغانلىقى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ پورتلارنىڭ بىرى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى، شۇنداق بولغاندا يەر ھەققى، ئۆي باھاسىنىڭ قانچىلىك ئۆسىدىغانلىقى، قانچىلىك ئادەمنىڭ كۆچۈپ كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىدى. . . .»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گۇۋادار پورتى قۇرۇلۇشى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تراگېدىيە زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. فىرقەت جاۋدەت مۇنداق دەيدۇ: «بۇنىڭ بىزنىڭ ۋەتەندە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. چۈنكى بىز ھەممىمىز بىلىمىز، خىتاي ئۆزىنىڭ نەچچە تىرىليونلۇق مەبلىغىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇرنىڭ سولايدىغانلىقىنى سولاپ، ئۆلتۈرىدىغانلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ ئالقىنىغا ئالماقچى. يەنە بىرى، بۇ خىتاينىڭ دۇنيانى كونترول قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم پىلانلىرىنىڭ بىر پارچىسى. مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ ۋاشىنگتون ئەتراپىدا بولۇشى ئادەمنى زاڭلىق قىلغاندەكلا بىر ئىش. . .»

«خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى» ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپلا قالماي، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاندەك دۆلەتلەرنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار خىتاينىڭ گۇۋادارنى سودا ۋە ھەربىي ئىشلارغا تەڭ ئىشلىتىدىغان دېڭىز پورتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستانغا قارىتا قەرز دىپلوماتىيەسى يولغا قويۇپ، ئۇنى قەرزگە بوغۇپ قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پىلانىغا ماقۇل كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېو ئۆتكەن يىلى پاكىستاننى بۇ توغرىسىدا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. 5‏-نويابىردىكى سودىگەر چاقىرىش يىغىنىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن سام كىندال بۇ سوئالغا «ياق، پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن يېقىن دوست. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئۇلار بىزنىڭ پورتىمىزنى گۈللەندۈرۈپ، بىزگە نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز،» دېگەن.