ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقى تېمىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىلدى
2024.03.21

خىتاي كومپارتىيەسى پەيدا قىلغان ئەڭ زور قاباھەتلەرنىڭ بىرى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە. يېقىنقى يىللاردا تېزدىن يامراۋاتقان بۇ خىلدىكى قىلمىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقى كۆپلەپ مەلۇم بولماقتا. بۇنىڭدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار بىلمىگەن ياكى رازىلىق بەرمىگەن ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ بۆرەك، جىگەر ۋە باشقا ئىچكى ئەزالىرى مەجبۇرىي يوسۇندا ئېلىۋېلىنىپ، ئېھتىياجلىق بولغان «بىمار» لارغا سەپلىنىدۇ. بۇ قىلمىشلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەمدە بۇنىڭغا قارشى تەدبىرلەرگە قاراپ چىقىش مەقسىتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 20-مارت كۈنى بىر مەيدان گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىردى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە قاراشلىق «خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن كرىستوفېر سىمىس (Christopher Smith) گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. . ئۇ سۆزىدە ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ ھازىر خىتايدا كەڭ تارقىلىۋاتقان ۋە سىستېمىلاشقان قەبىھلىككە ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى شۇنچە چوڭ مەسىلىلەرگە بېرىپ چېتىلىدىغان بۇ قەدەر قەبىھلىككە تېخىچە يېتەرلىك دىققەت قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئۇ خەلقئاراغا تونۇلغان سوتچى جېفرىي نايىس (Sir Geoffrey Nice) نىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم نىشان بولۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ لاگېرغا ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان مەھبۇسلارنىڭ بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ «ئولجا» بولۇپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ «بىزنىڭ بۈگۈن قايتىدىن بۇ يەرگە جەم بولۇشىمىزدىكى بىر سەۋەب شۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى كونتروللۇقىدىكى ھۆكۈمەت ھازىر دۇنيا بويىچە سىياسىي جىنايەتچىلەرنى تۈرمىگە سولاشتا ئەڭ يۇقىرى رېكورت ياراتتى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشقا جاۋابكار بولماقتا» دېدى.
«خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى» نىڭ قوشما رەئىسلىرىدىن جېف مېركېلىي (Jeffrey Merkley)مۇ شۇ قاتاردا سۆز ئالدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلىدىن باشلاپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېلىش قىلمىشىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن مەلۇم بولغان تۈرلۈك ئۇچۇرلار ۋە دەلىل-ئىسپاتلار ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئىختىيارلىق ياكى رازىمەنلىك ئاساسىدا ئەمەلگە ئاشقانلىقىغا قارىتا كۈچلۈك گۇمانلارنى پەيدا قىلغان. ئەكسىچە بۇنىڭدا كۆپلىگەن زورلاش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەدبىقلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىغا چەك قويغانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ باقمىغان.
بۇ قېتىمقى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەردىن «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ خادىملىرىدىن ئېيتان گۇتمەن (Ethan Gutmann) نۇقتىلىق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قۇربانلىق قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىچە، 2016-يىلىدىن بۇيان لاگېرلاردا «سالامەتلىك تەكشۈرۈش» ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، 18 ياش ئەتراپىدىكى ياشلار كۆپىنچە مەجبۇرىي ئەمگەككە يۆتكەپ كېتىلگەن؛ ئىككىنچى تۈركۈمدە بولسا 25 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان، شۇنىڭدەك ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ «ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك نىشانلىرى» دەپ قارىلىدىغان لاگېر تۇتقۇنلىرى بولسا يېرىم كېچىدە ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنچە غايىب بولۇپ كەتكەن. ئۇ مۇشۇ يوسۇندا ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىغا نىشان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ھەر يىلى ئاز دېگەندىمۇ 25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە، دەپ قارايدۇ. خىتايدىكى يىلىغا 60 مىڭدىن 100 مىڭ قېتىمغىچە بولغان ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى ئۆلچەم قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ خىلدىكى زىيانكەشلىك بولمىغاندا بۇنچە كۆپ ئوپېراتسىيەنى تاماملاش مۇمكىن ئەمەس. تېخىمۇ مۇھىمى ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىۋاتقان غايەت زور ساندىكى «ھالال ئىچكى ئەزالار» تەلىپى تۈپەيلىدىن خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ نىشانى تېزلا فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىدىن ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا يۆتكەلگەن. خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر دوختۇرخانىنىڭ تور بېتىدە بۇ دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇيدىغان ئۆي ۋە ھالال ئاشخانا بارلىقى ئېيتىلغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ كېلىپ «دۆلەت مەجلىسى ئاشۇ ياش ئوغۇل-قىزلار ئۈچۈن ئادالەتنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىردىن-بىر جىنايىتى ساغلام بولغانلىقى ئىدى» دېدى.
خىتايدىكى ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى مۇھىم رول ئوينىغانلىقى مەلۇم. ماساچۇسېست تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) تەركىبىدىكى غول ھۈجەيرە تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى مايسەم مۇتەللىپوۋا مۇشۇ مەسىلە بويىچە مەخسۇس گۇۋاھلىق بەردى. . ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ زور بولغان گېن ئەۋرىشكە (DNA) سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بەرپا قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا كۆپلىگەن بىئو-تېخنىكا شىركەتلىرى ھەمدەمدە بولغان. شۇنداقلا مۇشۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىغا شېرىك بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى «سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى 15 مىليون نوپۇسنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلىغان. ئەمما بۇ جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلار بۇنداق تەكشۈرۈشنى باشتىن كەچۈرمىگەن. بۇنى تاماملاش ئۈچۈن خىزمەتچىلەر، ئۈسكۈنىلەر، ئەسۋابلار بولۇپ بۇ جەرياندا ئاز دېگەندىمۇ بىرنەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىم بولغان. ئەمما بۇنداق زور كۆلەملىك گېن ئەۋرىشكىسى توپلاشنىڭ ئىچكى ئەزالار ئوپېراتسىيەسىدىن باشقا كىشىنى قايىل قىلىدىغان ھېچقانداق سەۋەبى مەۋجۇت ئەمەس. چۈنكى شەخسلەرنىڭ گېن ئەۋرىشكىسى توپلانغاندا ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ كىمگە چۈشىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئاسانلىشىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىكى يىلىغا 60 مىڭ قېتىمدىن ئاشىدىغان ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى غەرب دۇنياسىغا ئوخشاش يىللاپ نۆۋەت كۈتۈش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى بىرنەچچە ھەپتىدىلا تەييار بولىدىغان ئىچكى ئەزالار ئارقىلىق ئەمەلگە ئېشىپ كەلگەن: كومپيۇتېردىكى گېن ئەۋرىشكىسى مەلۇماتى لازىملىق گېن ئەۋرىشكىسىنى بېكىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ئىچكى ئەزالارنىڭ ئىگىسى لاگېردا بولسا لاگېردىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ لاگېرغا قامالمىغان بولسا تېزدىن بىر ئەيىب بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا تاشلىنىدۇ ھەمدە ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن گېن ئەۋرىشكىسى توپلاشقا سەرپ بولغان بىرنەچچە مىليارد دوللار چىقىم ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقى بىلەن بىر يىلدىلا قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. چۈنكى ئەڭ ئەرزان بولغان بۆرەك يۆتكەشنىڭ چىقىمى 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولسا، باشقا ئىچكى ئەزالارنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ چىقىمى 500 مىڭ دوللارغىچە بولىدۇ. ئۇ، مۇشۇ ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ كېلىپ «غەرب دۇنياسىنىڭ گېن ئەۋرىشكىسىنى توپلاش تېخنىكىسى خىتاينى بۇ جەھەتتە مىسلى كۆرۈلمىگەن قۇلايلىق بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇڭا ئامېرىكا ئىلىم ساھەسىنىڭ بۇ جەھەتتە خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلەرگە شېرىك بولۇشىنى چەكلەش لازىم» دېدى.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئىچكى ئەزالار ئوغرىلىقىنىڭ قۇربانى بولۇش مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھچىلاردىن ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى مەسيۇ روبېرتسون (Matthew Robertson) ۋە تېكساس شىىتاتلىق سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ رەئىسى توم ئولىۋېرسون (Tom Oliverson) قاتارلىقلارمۇ مەخسۇس توختالدى.
گۇۋاھلىق يىغىنىدىن كېيىن ئايرىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئېتان گۇتمان نۆۋەتتىكى ئۇچۇر كونتروللۇقى تۈپەيلىدىن خىتايدا ھەر يىلى زادى قانچىلىك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىغا قۇربان قىلىنىدىغانلىقىغا ئېنىق ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە ياكى مۇشۇ سانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان تۇتقۇنلار مۇشۇ خىلدىكى ئىچكى ئەزا ئوغرىلىقىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتىدۇ، دېيىشىمدە ئەڭ چوڭ مۈشكۈلات شاھىتلار مەسىلىسى بولدى. چۈنكى بۇ شاھىتلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ زادى قانچىلىك ئادەمنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇ خۇددى كۆزى تېڭىپ قويۇلغان ئات ئازغىنە نەرسىلەردىن باشقىنى كۆرەلمىگەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا مۇشۇ ساننى ئەڭ توغرا دەرىجىدە تەخمىن قىلىش بىر مەسىلە. ئەھۋال شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەسىلىدە شاھىتلاردىن باشقىلار بىزگە ياردەم قىلالمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ يەردە بۇ تۇتقۇنلارنىڭ سانى ھەققىدە ئېنىق ھۆججەتلەرمۇ يوق. شۇڭا ھازىرقىدەك ئەھۋالدا بىزگە مۇشۇ دەسلەپكى نەتىجىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن باشقا ئىمكانىيەت مەۋجۇت ئەمەس.»
بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق يىغىنى ھەر ساھە كىشىلىرى، جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلۇملىرىنى ۋە خىتاينىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشتە جانلىق بىر مەيدان دەرس بولغانلىقى مەلۇم. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئىچكى ئەزا سودىسى نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئىچكى ئەزالارنىڭ كۆپ خىللىقى، كۈتۈش ۋاقتىنىڭ قىسقا بولۇشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن بارغانسېرى كۆپ خېرىدارلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلماقتا.