10-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە پارلامېنت ئەزاسى مارۇياما ئەپەندى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن چوڭ كۆلەملىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش ۋە گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ پائالىيەتكە ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ناگاۋۇ تاكاشى ئەپەندى، 12 نەپەر يەرلىك پارلامېنت ئەزاسى ۋە قوشنا شەھەرلەرنىڭ شەھەر باشلىقلىرى ئىشتىراك قىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
بۇ گۇۋاھلىق بېرىش ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى ۋە ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى خەلمەت روزاخۇن ئەپەندىلەر ئىشتىراك قىلغان. ئەخمەت لېتىپ ئەپەندى مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەرگەن.
خەلمەت رۇزاخۇن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا ئوساكا ۋە شۇ ئەتراپتا تۇرۇۋاتقان 6 نەپەر ئۇيغۇر ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ 100 دەك كىشى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
10-ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىندا ياپونىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى ناگاۋۇ تاكاشى ئەپەندىمۇ سۆز قىلىپ، ياپونىيە پارلامېنتىدىكى «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نى تېزدىن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. خالمەت ئەپەندى بۇ ھەقتىمۇ مەلۇمات بەردى.
ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن باي ھەم شۇنداقلا ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامالغا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى توغرىلىق تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيىتى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ياپونىيەدە بۇندىن كېيىنكى مىللىي دەۋا ئىشلىرى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى 2017-يىلىدىن تارتىپ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭمۇ ياپونىيەدە تۇنجى قېتىم زور كۆلەمدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولغانلىقىنى، بۇنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
10-ئۆكتەبىر كۈنى كەچ سائەت 7 دىن 9 غىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كۆپ ساندا ياپونلار ئىشتىراك قىلغان تۇنجى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىڭ ئاخىرىدا ياپونلار ئۇيغۇرلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بىز سىلەرنى قوللايمىز، بىز ھەر دائىم سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا» دېگەن. خەلمەت روزاخۇن ئەپەندى بۇ تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىىتىنىڭ رەھبەرلىرى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ياكى تۈرمىلىرىدە ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن بۇنداق گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيەتلىرىنى ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەشتى.
0:00 / 0:00