ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى

0:00 / 0:00

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە خەلقئارا تور بىخەتەرلىكى كومىتېتى» 9-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دېركسون زالىدا مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى، دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ساھەسىدىكى ئىپادىلىرىگە يەنە بىر قېتىم قاراپ چىقتى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا كېڭەش پالاتا ئەزاسى كورىي گاردنېر رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، 2018-يىلى رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئاسىيا ئىشەنچ تەشەببۇسى قانۇن لايىھەسى» (ARIA) دە ئېنىق قىلىپ ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىشنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلىشى تەكىتلەنگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئېغىر بولۇۋاتقان شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئارقىدىن بۇ جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى بايان قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئۈچ گۇۋاھچىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

كوري گاردنېر شۇ قاتاردا مەزكۇر كومىتېتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد ماركېينى ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئېدۋارد ماركېي نۇقتىلىق قىلىپ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ ئىزچىل مۇھىم ئورۇن ئىگىلىشى لازىملىقىنى سۆزلەپ كېلىپ «ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش بىر-بىرىگە دەخلى قىلامدۇ؟ تارىخ بۇ توغرىلىق بىزگە ئېنىق قىلىپ ‹ياق› دەپ جاۋاب بېرىدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

ئېدۋارد ماركېي ئۆز سۆزىدە بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىنىڭ ئاۋازسىزلارغا ئاۋازىنى چىقىرىش پۇرسىتى بېرىش سورۇنى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش ساھەسىدە داۋاملىق ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇنىڭغا ئۇلاپلا نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكادىن پايدىلىنىپ، پۈتكۈل ئۇيغۇرلار دىيارىنى «مەۋھۇم تۈرمە» گە ئايلاندۇرۇپ بولغانلىقىنى، ئاللىقاچان مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى ئاشكارىلىماقچى بولغانلارغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىلدىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلارنىڭ ئامېرىكىدىمۇ خېلى كۆپلۈكىنى بايان قىلدى.

گۇۋاھچىلارغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەندە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى روشەن ئابباس سۆز ئېلىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ ھازىر يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يوللاش ھەرىكىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ھازىر ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدىكى سۆز ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ھەقلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بولغانلىقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئۆچ ئېلىش» كويىدا بولۇۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك مۇشۇ قاتاردا يۈزمىڭلاپ لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئوخشاشلا جىسمانىي، روھىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ئېغىر قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ كىشىلەر ئارىسىدا ئامېرىكا پۇقراسى بولغان كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئونلاپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلىقىنى، جۈملىدىن بۈگۈنكى گۇۋاھلىق يىغىنىغا كەلگەن زىبا، رىشات ئابباس، زەينەپ ئابلاجان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا مۇشۇ خىلدىكى ھېسسىياتنىڭ ساھىبلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھازىر چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئورتاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە نۆۋەتتە لاگېرلارغا قامىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىرلا گۇناھى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنى ساھەسىدىكى بارچە مەزمۇنلارنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ تەسۋىرلىنىۋاتقان قەبىھ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر بىر ئىنسان سۈپىتىدە ياشاش ھەقلىرىنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

روشەن ئابباس ئاخىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئىجرا قىلىپ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشقا جاۋابكار بولغان بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىشىنى، مۇھاكىمىگە سۇنۇلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى قانۇن لايىھىسىنى ماقۇللاشنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇمنى دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئاڭلىتىش ۋاقتىنى بىر قاتلاشنى ئالاھىدە تەلەپ قىلدى.

گۇۋاھچىلاردىن خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇچۇڭ سېرىڭ ئۆز سۆزىدە تىبەتلەرنىڭ ھازىر قانداق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

بۇ قېتىمقى گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ يەنە بىر ئەزىز مېھمىنى بىرمادىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۈن كىن ئەپەندى ئىدى. ئۇ نۇقتىلىق قىلىپ روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئېتنىك جەھەتتە قانداق قىرغىنچىلىقلارغا دۇچار بولغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، دۇنيانىڭ بۇ ئىشلارغا قارىتا بىر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ كۆرسەتتى.

گۇۋاھلىق سۆزلىرىدىن كېيىنكى سوئال سوراش بۆلىكىدە پالاتا ئەزاسى كورىي گاردنېر روشەن ئابباستىن «يەر شارى ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش تېگىشلىك بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسىملىكى بار-يوقلۇقىنى سورىغاندا روشەن ئابباس بۇ ئىسىملىكنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىكى 1-نومۇرلۇق شەخسنىڭ چېن چۇەنگو ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنى تاشقى دۇنيانىڭ ئەيىبلەش مەسىلىسى ھەققىدە سوئال سورالغاندا ئامېرىكىدىن باشقا ئەللەرنىڭ قانداق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا بىز بىرما روھىنگا مۇسۇلمانلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۈن كىن بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولدۇق. بىز ئۇنىڭدىن روھىنگا قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى قانداق رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ سورىغاندا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، دەپ كۆرسەتتى.

«ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىدى. چۈنكى بىز خىتاينىڭ غايەت زور ساندا مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق بىزنىڭ زېمىنىمىزنى يۇتۇپ كەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ يەرلەردە بولسا ئۇلار مىلياردلىق قىممەت بويىچە سودا رايونى ئېچىش ۋە شۇ ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە مەبلەغ سېلىشنى كۆزلىدى. شۇڭا بۇ پۇل ئۈچۈن بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىرما ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى زور كۈچ بىلەن قوللاپ كەلدى. چۈنكى مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار بىزنىڭ دۆلىتىمىزگە تېخىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سالالايدۇ. دېمىسىمۇ ھازىر بۇ خىل مەبلەغ سېلىشلار بەكلا كۆپىيىپ كەتتى. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بىرمانىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ساھەسىدە بەكمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئويناۋاتىدۇ. بىز ھازىر بۇلارنى بەكمۇ روشەن كۆرمەكتىمىز.»

بىز يەنە خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇچۇڭ سېرىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇھىم تېمىلاردىن بولغان چېن چۇەنگو ھەققىدە قىسقىچە سۆھبەتلەشتۇق. شۇنىڭدەك بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «چېن چۇەنگو بېيجىڭغا يۆتكەپ كېتىلسە ئىشلار بىرئاز ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز بولغاندا بۇچۇڭ سېرىڭ خىتايدا يەرلىكتىكى ھوقۇقدار بىر شەخسنىڭ يۆتكەپ كېتىلىشى بىلەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى

«ئالدى بىلەن، خىتايدا يەرلىكتىكى بىر ئادەمنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىن يۆتكەپ كېتىلىشى بىلەن ئىجرا بولۇۋاتقان سىياسەت ئۆزگىرىپ قالىدىغان ئىش بولمايدۇ. ھازىر بولۇۋاتقانلار ئىشلار ئەمەلىيەتتە چېن چۇەنگو كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىپ بولغان ئىشلاردۇر. خۇددى شۇنىڭدەك چېن چۇەنگو تىبەت ئاپتونوم رايوندىن شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ ئاپىرىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇ پەقەت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىجرا قىلدى. مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارنى ئۇ تىبەتتىكى ۋاقىتتىمۇ ئەينەن قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇ سىياسەتلەر تىبەتتە ئىجرا بولغان. چېن چۇەنگونى باشقا جايغا يۆتكەپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇيغۇرلار باشقا بىر شەخسنىڭ چېن چۇەنگونىڭكىدىن پەرقلىق بولغان سىياسەتلىرىگە مەھكۇم بولىدۇ. ئەمما بۇ سىياسەتلەر جەزمەنكى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئېزىشتىن باشقا خاراكتېرگە ئىگە بولمايدۇ.»

ئاخىرىدا روشەن ئابباس بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە تېخىمۇ كەسكىنرەك بىرەر تەدبىر ئېلىشقا دەۋەت قىلىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زۇلۇم ھەققىدە كۆپلەپ سادا چىقىرىشىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى ۋە ھەر ساھە كىشىلىرى قاتناشتى.