ئەرك چىللىغان يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ۋە ئۇنىڭ تەقىپتە ئۆتكەن قەيسەر ھاياتى
2021.01.13
2018-يىلى نويابىردا يېشى 80 گە ئۇلاشقان، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ كەتكەن ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 11 يىللىق كىسىلگەنلىكى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. 2021-يىلى 10-يانۋار كۈنى ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ۋاپات بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن پىنسىيەگە چىققاندىن بېرى قەشقەردە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 2017-يىلى ئىيۇندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ ئۆيىنىڭ 2017-يىللىرى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئىككى قېتىم كېلىپ ئاختۇرۇلۇپ، «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق دىنىي كىتابلارنى ۋە ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئاپتورنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «مىرزا ئابەكرى»، «سۇلتان سەئىدخان» ۋە «سۇلتان ئابدۇرەشىتخان» قاتارلىق بەش پارچە رومانىنى ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلغان. قەشقەردىكى سىياسىي-قانۇن خادىمى، مىرزاھىد كېرىمىنىڭ تۇتۇلۇشىغا بىر تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭمۇ بىر سەۋەب قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى تۇتۇلغاندا، رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردا ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «مىرزا ئابابەكرى»، «سۇلتان سەئىدخان» ۋە «سۇلتان ئابدۇرىشىتخان» قاتارلىق تارىخى رومانلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك ھاياتى، يەنى قاراخانىيلار دەۋرى ۋە سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى تېما ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپ بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.
ئۇنداقتا، يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى كىم؟ ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى ھەققىدە نېمىلەرنى دېيىش مۇمكىن؟
ئەينى ۋاقىتتىكى داڭلىق مۇنبەرلەردىن بىرى بولغان «مىسرانىم» تورىنىڭ 2012-يىلى ئىيۇندا ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن ئىلىپ بارغان زىيارەت خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 1939-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىدىكى تاربوغۇز كەنتى مەخدۇم دۆڭى مەھەللىسىدە سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
ئۇ شۇ سۆھبەتتە ئۆزى تۇغۇلغان دەۋرنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن: «بۇ دەۋر-شىنجاڭدىكى ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، زۇلۇمغا قارشى ئالىم، ئۆلىما، زىيالى، بايلار تۇتقۇن قىلىنىۋاتقان، ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان، راستنى يالغان، يالغاننى راست قىلىپ، ئاۋام خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇلۇۋاتقان جاللات شىڭ شىسەينىڭ مۇدھىش زامانى ئىكەن.»
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ دادىسى كېرىم ھاجىم ئۇقۇمۇشلۇق زات بولۇپ، كېچىك مىرزاھىدنىڭ 6 يىشىدا كونا يىزىقتا ساۋادىنى چىقارغان، يەتتە ياشقا كىرگەن چېغىمدا «مەلىكە دانىشمەن» دېگەن كىتابچىنى كۆچۈرگۈزگەن. ئۇ سەككىز ياش ۋاقىتلىرىدا «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان»، «ھەسەن بۇغراخان»، «ئەبۇ ناسىر سامانى تەزكىرىسى» قاتارلىق تەزكىرىلەرنى كۆچۈرۈپ چىققان.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى قاراخانىيلار خانلىرى توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىگە مۇشۇ شەكىلدە ئىگە بولغانلىقىنى ئېيتقان. توققۇز ياشلار ۋاقتىدا خىسرەۋ دېھلىۋىنىڭ «چاھار دەرۋىش» ناملىق بەدىئىي ئەسىرىنى كۆچۈرۈپ چىققان. 10 ياشقا كىرگەن يىلى مەدرىسەدە «سوپى ئاللا يار»، «ھەپتىيەك» ۋە «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇپ تۈگەتكەن.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى بۇ قاتتىق تەربىيە ھەققىدە شۇنداق دېگەن: «دادام ھەتتا بىر ھەرپ خاتا يېزىلىپ قالسا ياكى سىزىلىپ رەڭ بىلەن بويۇلۇپ كەتسە، شۇ بەتنى قايتا كۆچۈرگۈزەتتى. تۇرمۇشنىڭ خىلمۇ-خىل قاتلاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك سوئال-جاۋابلارنى كۆچۈرۈش جەريانىدا دەسلەپتە يۈزەكىلا چۈشىنەتتىم، كۆچۈرگەنسىرى مەنالار گۈلشىنىدە بۇلبۇلدەك سەير قىلىدىغان بولدۇم.»
ئۇيغۇرلاردا «بولىدىغان مايسا كۆكىدىن مەلۇم» دەيدىغان گەپ بار. ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ 17 ياش ۋاقتىدا يەنى 1956-يىلى يازغان «ئانا ۋەسىيىتى» ناملىق شېئىرى ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» (كېيىن ئىسىمى «تارىم» غا ئۆزگەرتىلگەن) ژۇرنىلىغا بېسىلغاندىن كېيىن، گېزىت-ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۇنىڭ شېئىرلىرى بېسىلىغان. 1957-يىلى 14 مىڭ مىسرالىق «نۇر ۋە شېكەر» ماۋزۇلۇق شېئىرىي روماننى يېزىپ تۈگەتكەن. مۇھەببەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك كۈيلەنگەن «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» شېئىرى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1957-يىلى 12-سانىغا بېسىلىپ چىققان.
1959-يىلى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يەرلىك مىللەتچى»، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى قۇردى» دېگەن سىياسىي قالپاقلار كىيدۈرۈلۈپ، 1972-يىلىغىچە تۈرمىگە 13 يىل قامالغان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىنمۇ «ئەكسىلئىنقىلابچى» دېگەن قالپاق بىلەن بىلەن يەتتە يىل نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا دوستلىرىنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى توغرىسىدا توختالغان ئىدى.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ھازىر ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق دوستى تۇرغۇنجان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللانى ئەسلەپ ئۆتتى.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى «مىسرانىم» تورى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شۇ چاغدىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بۇ شېئىرىم ئويلىمىغان يەردىن جەمئىيەتنى زىل-زىلىگە كەلتۈرۋەتتى. خۇددى ‹ساندۇققا سېلىپ قويغان بوۋاق› تەك مەنمۇ تۈرمىگە قامالدىم. ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۆرەش ئەۋجىگە چىققان، كۈرەش تەنقىد ھەممە يەردە قانات يايغان مەزگىل بولغاچقا، مەنمۇ سولچىل لۇشىيەننىڭ زەربىسىگە ئەنە شۇنداق ئۇچراپ كەتكەنتىم. مېنىڭ گۈزەل ياشلىقىم قاراڭغۇ تۈرمىلەردە، تارىم بويىدىكى قۇملۇق چۆللەردە، توغراق، يۇلغۇنلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتتى.»
شائىرنىڭ ھاياتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتكەن بۇ شېئردا شائىر نېمىلەرنى يازغان بولغىيتتى؟
ئاسمان كۆزلىرىدىن تامچىلايدۇ ياش،
شۇنچە جىمجىت ئەتراپ گويا غەپلەتتە.
ياپراقسىز دەل-دەرەخ يولۇمغا سىرداش،
ئېيتىڭچۇ! تەبىئەت نېمە ھەسرەتتە؟
ھاجى مىرزاھىد كېرىمىدىن ئاشۇ «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرنى يازغانلىقىغا پۇشايمان قىلغان-قىلمىغانلىقى سورالغاندا، كۆڭۈل سۆزلىرىنى مۇنداق ئىزھار قىلغان: «بۇ شېئىر يېزىلغان كۈنى ئۈرۈمچىدە سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، گويا ماڭا ئاسمان-زېمىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلۈپ ساندۇققا سېلىپ قويۇلغان ئاشۇ بوۋاق ئۈچۈن يىغلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتكەنىدى. كۆز ياشلىرىم بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىر گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، چېقىن چېقىلغاندەك ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى زىل-زىلىگە كەلتۈردى. مەن شېئىرغا كۆيگەن، ۋەتەننى سۆيگەن بىر ئوقۇغۇچى ئىدىم. مەن «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرنى يازغىنىمدىن زىنھار ئەپسۇسلانمايمەن. بەلكى سۆيۈنىمەن. بۇ شېئىر مېنى جەمئىيەتكە باشلاپ كىردى. ۋەتەن-مىللەتنىڭ غەمگۈزارى، تەقدىردىشى قىلدى. ماڭا بۇنىڭدىن ئارتۇق يەنە قانداق مۇكاپات بولسۇن! ؟»
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئەتراپىدا كۆرگەن زىيالىيلار توپى ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىنى مۇنداق بايان قىلغان: «مەن قەيەرگە بارماي، ئومۇمەن شۇ يەردىكى زىيالىي دەپ ئاتالغان دوست-تۇنۇشلىرىمنىڭ ناھايىتى ئېھتىياتچان، قورقۇنجاق، توسۇن تايدەك ئۈرۈككەك بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۆزۈمنىڭمۇ شۇلارغا ئوخشاپ قالغىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. ئېھتىيات قىلىش-كۆڭۈلدىكى گەپنى ھەتتا يېقىن دوستىغىمۇ دېگۈزمەيدىكەن، قورقۇنچاقلىق-ئىنساننى خۇشامەتچى، چېقىمچى، گۇمانخۇر قىلىپ قويدىكەن. ئۈرككەكلىك ئادەمنى ياۋان-يالغۇز قىلىپ قويدىكەن. مەن كۆرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى مانا شۇنداق ئىدى. ھەقىقىي نۇر تارقاتقۇچى زىيالىيلار بەك، بەكلا ئازدۇر.»
تۇرغۇنجان ئەپەندى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بىلەن باشتىن-ئاخىرى قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ «مىرزاھىد كېرىمى ياش ۋاقتىدىن تارتىپلا جەسۇر، ئوچۇق سۆزلۈك، شېئرغا ئىشتىياق باشلىغان ئوت يۈرەك بىرىسى ئىدى،» دەپ تەسۋىرلىدى.
«مىسرانىم» تورىنىڭ رىياسەتچىسى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىدىن «دەۋرىمىزدىكى زىيالىيلار ئۆز خەلقى ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلىش كېرەك؟ ھازىرقى زامان زىيالىيلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغاندا، ئۇنىڭ جاۋابى مۇنداق بولغان: «ئاۋۋال ئېھتىيات سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قورقۇنچاقلىق ئىللىتىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇش كېرەك. ماشىنا، تېراكتۇردىنمۇ ئۈركىمەس بۇلۇپ قالغان ئات، ئېشەكتەك بىغەم ئەمەس، ھەر قانداق قىسمەتنى كۆرۈشكە كۆپچىلىك بىلەن بىرگە تەييار تۇرالايدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن بىجانىدىل خىزمەت قىلىش لازىمكى، كۈن ئۆتكۈزۈش، جان بېقىش كويىدا بولماسلىقى كېرەك. ھازىرقى زىيالىيلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىم شۇكى: دۇنياغا يۈزلىنىشتىن ئاۋۋال، ئۆزۈڭلارغا يۈزلىنىڭلار! دورامچىلىق، تاماخورلۇق قىلماڭلار! كۈچۈڭلارنى خار قىلىپ، بەگدەك ياشاڭلار! زىنھار ئىت، مۈشۈك مىجەز بولماڭلار! چايان تەبىئەتلىك بۇلۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلاڭلار. جاپانى ئات قىلىپ مىنگەن ئەزىمەت ئارزۇ-مەنزىلىگە يېتىپ بارالايدۇ.»
ئاخىرىدا تۇرغۇنجان ئەپەندى دوستى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەينى يىللاردا جەمىئىيەتنى زىل-زىلىگە سېلىۋەتكەن «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى:
ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق
(تۇرمۇش سەزگۈرەستىسى)
ئاسمان كۆزلىرىدىن تامچىلايدۇ ياش،
شۇنچە جىمجىت ئەتراپ گويا غەپلەتتە.
ياپراقسىز دەل-دەرەخ يولۇمدا سىرداش،
ئېيتىڭچۇ تەبىئەت نېمە ھەسرەتتە.
ئىشتىلمەس ئېرىقتىن-چىمەن قىرغاقلىق،
شىر-شىر ئاقار سۇنىڭ ئۈنى شۇ تاپتا.
نازۇك مەجنۇنتاللار بەرقۇت ياپراقلىق،
مەڭزىمنى سۆيمەيدۇ ئېگىلىپ ئاستا.
قايغۇ دېڭىزىغا ئەتراپ بولغان غەرق،
قېنى، ئۇ باغلارنىڭ گۈزەل جامالى؟
شۇدەم ھېچنەرسىنى قىلالمايسەن پەرق،
دالا تىرىك جاندىن ئەجابا خالىي؟
راست، كىمنىڭ چىققۇسى كېلەر سەيلىگە،
ئىللىق ئۆيلىرىدە ئولتۇرماي شۇ ھال،
يىغلاڭغۇ ۋە رەزگى ھاۋا پەيلىگە
ماس كەلمەس بىر تۈستە بارىمەن خوشال.
بۇ غەمكىن كۆرۈنۈش،
بۇ كۆڭۈلسىزلىك،
بىراق-شاد دىلىمنى قىلالماس خىرە.
كۈيلىرىم قۇشلىرى ئۇچۇشىدۇ تىك،
تەمكىنمەن،
مەن يۈكسەك سۆيگۈگە ئىگە.
سەۋەبى: مېنى دەل مەشۇقۇم جانان،
شۇ تۇنۇش بۇلاقنىڭ يېنىدا كۈتەر.
مۇھەببەت بەختىدىن ياشنىغۇچى جان،
بۇ گۈل يۈرىكىمگە ئىشقىنى پۈكەر.
چېلىقتى كۆزۈمگە شۇ چاغ بىر ساندۇق،
ئىپلاس چوڭقۇرلۇقتا مۇڭلىنىپ تۇرغان.
«ئىچىدە بىر نېمە باردۇر يا يۇق؟»
دېدىمۇ، ئاچتىم مەن، ئۆرتەندىم شۇئان.
قوللىرىم تىتىرىدى، قاچتى خىيالىم،
ئاناردەك مەڭزىمدىن چۈشتى ياش ئەگىپ.
سارغايدىم ساماندەك قالمىدى ھالىم،
بىر پەس جىم قاپتىمەن شامالدا سەگىپ.
نېمىنى كۆردۈممەن، ئەپسانىدىكى
ئەجدىھا چىقتىمۇ يېيىش ئۈچۈن يا؟
ئۈچ ياشلىق يىلانمۇ زەھەر نەشتىرى،
ياق!
سىرلىق نەرسە ئۇ، كۆرۈڭلار مانا.
ياتاتتى ئاي ئوخشاش بىگۇناھ بوۋاق،
گېلىدا بارماقنىڭ دەھشەتتلىك ئىزى.
ئوغۇل ئىدى شۇنچىلىك ئوماق،
قوي كۆزى يۇمۇلۇپ پۈكۈلگەن تىزى.
غەزەپتە تۈگۈلگەن مۇشتۇملىرى چىڭ،
ئاھ! گەپ قىلماقچىدەك سەل ئوچۇق ئاغزى.
(بوۋاقلىقىم كەلدى يادىمغا گويا. . . . )
بۇلۇتتەك ئاقىرىپ تۇرىدۇ باغرى.
ئەي سەن سەبىي بالا!
ئۆلگەن بىھۇدە،
ئېيت، قايسى نامەرد ئۇ قاتىلىڭ قانخۇر؟
تېرىقچىلىق جېنىڭ خەتەرلىكمۇ يا؟
كىم ئۇ تاپماق بولغان قېنىڭدىن ھۇزۇر؟
نامەلۇم ئۇ ۋەھشى نېمە تاپقاندۇ،
شۇم قولى تىترىمەي ئازاپلاپ بوغۇپ؟
مەجبۇر قىلغانمىدۇ ۋە ياكى بىراۋ؟
كىم بىلسۇن قالدىمۇ ئەيىبدار بولۇپ،
تېخى كۆز ئاچماستىن تۇغۇلۇپلا ئۇ؟
يىگىتمۇ يا قىزمۇ قىلغان جىنايەت؟
مۇھەببەتكە ئەجەپ ئېغىر خىيانەت؟
پاجىئە ئۈستىدە بولسام ئەگەردە،
ئۇكىجان بوۋاقنى ساقلاپ قالاتتىم!
دوستلار!
جان بەرسەممۇ مەيلى شۇ يەردە،
ئىنسان مۇھەببىتىدىن بەخت تاپاتتىم.
يار يېنىغا بارىمەن دادىل،
شۇ كۈنى قىلىشقان ۋەدىمىز ئۈچۈن.
«غارىدا سۆيگۈنىڭ بولمىغىن غاپىل»
دېگەندەك ھەر ياندىن كېلەتتى بىر ئۈن.
ئەي، ئاي. . .
يۆلەنگەن تېرەك غولىغا،
قاراپلا يۈرىكىم جىغ قىلىپ قالدى.
سۇ قۇيۇپ بېرەلمەس ئايمۇ قولىغا،
كۆڭلۈمگە ئىشقىدىن شۇ يار ئوت سالدى.
«كەلمىگەنمىكىنە؟» دېسەم ئىنتىزار،
كۈتۈپتۇ تاقەتلىك مېنىڭ سۆيگۈنۈم.
يا سوغۇق يا يامغۇر قىلالماپتۇ كار،
شۇنچىمۇ ۋاپالىق ئىكەن كۆيگىنىم.
تىلسىزمەن. . . .
ئالدىدا سىرىمنى كۆزۈم،
جۈپ يۇلتۇز كۆزىگە ئېتىپ تۇرىدۇ.
ھەئە!
يېنىمغىمۇ باردىم چىن سۆزۈم
مېنىڭ پاكلىقىمنى دىلبەر تۇيۇدۇ.
جۇش ئۇرۇپ فونتاندەك ئاختى شوخ بۇلاق،
كۈمۈشتەك سۈيىگە شولىمىز چۈشكەن.
قۇياش چىقتى كۆكتە. . .
بۇلۇتلار يىراق-
قاچتى. . . .
مەن قارىسام تەبىئەت كۈلگەن.
ئاھ، شۇ ئاچچىق ئىزدىن بەرمىدىم دېرەك،
ئورنى يوق ئېيتىشقا ھېچقاچان،
چۈنكى
قوش يۈرىكىمىزگە سادىقلىق ئەمەك،
ئۆچمەيدۇ بۇ ۋەقە دىلدا شۇ كۈنكى.
بىزنىڭمۇ بالىمىز بولار. . .
بۇ چوقۇم!
تەقدىرى باشقىچە: گۈل قىسىپ ياشار.
كۆزۈمگە ئەركىلەپ كۆرۈندى ئوغلۇم،
ئادەملەر!
بىر ئۆمۈر بويى بەختىيار.
1957-يىلى ئۆكتەبىر. ئۈرۈمچى