خىتاينىڭ ئاتالمىش «ھالال ساياھەت» تۈرى تەشۋىقاتىنىڭ ئىچ يۈزى ۋە ماھىيىتى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.09.17
halal-sayahet-malaysiya.jpg ساياھەت كوپىراتىپى 2024-يىللىق ماتتا يەرمەنكىسىدە خىتايغا كۆرگەزمە ئورنى تەمىنلىگەن. 2024-يىلى 5-سېنتەبىر، كۇئالا لۇمپۇر.
S. Mahfuz/BenarNews

يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئاتالمىش «ھالال ساياھەت» دەيدىغان بىر ساياھەت تۈرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

رادىيومىزنىڭ «بېنار خەۋەرلەر تورى» (BenarNews) دا دېيىلىشىچە، 6-سېنتەبىردىن 8-سېنتەبىرگىچە خىتاي ھۆكۈمىتى مالايسىيادىكى ساياھەت تارماقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۇئالا-لامپۇردا «ھالال ۋە دوستانە يۈرۈشلەشكەن ساياھەت تۈر يەرمەنكىسى» ئۇيۇشتۇرغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە «ھالال ساياھەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تۈرلىرى» نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مالايسىيادىن كەلگەن مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ كوۋىد يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ساياھەت كەسپىنى جانلاندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىسلام دىنىغا ئائىت بارلىق ئېلىمېنتلارنى يوقىتىپ، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نامىدا سانسىزلىغان ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى لاگېر-تۈرمىلەرگە تاشلىغانلىقى؛ «ھالال» ئىبارىسىنى پەيدىن-پەي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدىن سىقىپ چىقىرىپ، مۇسۇلمانلارنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە سىر ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «ھالال ساياھەت» تۈرىنى يولغا قويۇشىنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزغا ئىنكاس قايتۇردى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن قېتىم مالايسىياغا بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلارغا چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلارغا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «ھالال ساياھەت» تۈرى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ئاچقان ئۇرۇشىنى يېپىشنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ مالايسىيالىق مۇسۇلمانلارنىڭ ساياھەتتە ھالال يېمەكلىكلەرگە بولغان ئەندىشىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ ساياەت تۈرىگە ئاتالمىش «ھالال» ئىبارىسىنى قوشۇپ تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قۇرئان» ۋە دىنىي كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە قەشقەردىكى سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە ھېيتگاھ مەسچىتىنى خىتايلارنىڭ ساياھەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى (Henryk Szadziewski) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «ھالال ساياھەت تۈرى» نى تەشۋىق قىلىشىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە سادىر قىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى يېپىش ۋە ئۇنى ‹نورمال› قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ئويۇنى ۋە ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بولۇپمۇ ساياھەتنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى بۇ ھەقتە بىر قانچە پارچە كۈچلۈك دوكلاتلارنى ئېلان قىلدى. ۋاھالەنكى، ھازىر ياۋروپا، شىمالىي ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى ساياھەت شىركەتلىرى بۇ رايونغا يۈرۈشلۈك ساياھەت مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، كوۋىد يۇقۇمىدىن كېيىن خىتايدىكى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى نۇرغۇن ساياھەت بازىرىنىڭ ئېچىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.»

ئۇ مۇنداق دېدى: «مالايسىيا شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى مۇھىم ئىسلام دۆلىتى ۋە خىتايغا يېقىن قوشنا دۆلەتتۇر. ئەلۋەتتە، خىتاينىڭ مالايسىيا بىلەن بولغان سودا ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىدە ساياھەتچىلىك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تۈر ھىسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتايدىكى ئىسلام دۈشمەنلىكى ئاشكارا بولۇپ كەتتى. خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى دىنىي زاتلارنى تۈرمىگە تاشلاشنى، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىشىنى، ئىسلام مائارىپىنى، بولۇپمۇ ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىشىنى توختىتىشقا چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش ‹ھالال ساياھەت» تۈرىنى خىتاينىڭ رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ‹نورماللاشتۇرۇش›قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىسى دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ».

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلارغا بۇ خىل ئاتالمىش «ھالال ساياھەت» تۈرىنى يولغا قويۇشى، بىر تەرەپتىن مالايسىيالىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خىتايدىكى ساياھەتلىرىدە ئۇچرايدىغان يېمەكلىك ۋە تۇرمۇشتىكى قولايسىزلىقلارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي سىياسىتىگە نىسبەتەن كۈچلۈك سوئال ۋە گۇمان پەيدا قىلىدىكەن.

«خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا ‹ھالال› دېگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكلەۋاتىدۇ. مەيلى ئىنگلىز تىلىدىكى ‹ھالال» بولسۇن، ئەرەب تىلىدىكى ‹ھالال› بولسۇن ۋە ياكى خىتاي تىلىدىكى ئاتالمىش ​​‹چىڭجېن› ئاتالغۇسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەممە يەردە چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىز خىتاينىڭ ‹ھالال› سۆزىنى قوللىنىشنى چەكلەش بىلەنلا قالماستىن، ئەگەر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بۇ سۆز قوللىنىلسا ئۇلارنىڭ ھەتتا تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلىمىز. شۇڭا بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك ئىش. مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئەزەلدىن بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇلار ئوخشاش مەسىلىلەرنى بەزىدە تەھدىت دەپ قارىسا، بەزىدە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي بۇ خىل تاكتىكىسىنى بەزىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يېپىشتا ئىشلەتسە، بەزىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە نەپ ئۈندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىپ كەلمەكتە.»

ما جۈ بۇ ھەقتىكى پىكرىدە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئاتالمىش «ھالال ساياھەت» دېگەن بۇ تەشۋىقاتىنى خىتايغا مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشتا «كوزىر» قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار بۇ ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى خىتايغا ساياھەتكە جەلپ قىلالايدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئۇندىن باشقا ئۇلار يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ ئاتالمىش ‹دىنىي ​​ئېتىقاد ئەركىنلىكى› ھەققىدە تەشۋىقات قىلىدۇ. مەن بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ بىر يۈرۈش دىنىي ساياھەت پائالىيەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى چوقۇم كۆرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن يەنە ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەۋجۇت دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ۋە ئەقلى-ھوشى جايىدا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا ئاسانلىقچە ئالدانماي، نېمىنىڭ راست، نېمىنىڭ يالغانلىقىنى ئايرىۋالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

ئېدىس كوۋان ئۇنىۋېرسىتېتى ( Edith Cowan University) ساياھەت كەسپىي فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى سام خۇاڭ، «بېنار خەۋەرلەر تورى» زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنى كۈچەيتىشى، كوۋىد يۇقۇمىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ساياھەت كەسپىنى جانلاندۇرۇشتىكى تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالايسىيالىق مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش «ھالال ساياھەت» تۈرى، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق رايوننىڭ «بىخەتەر ۋە نورمال» ئىكەنلىكىنى تاشقىي دۇنياغا كۆرسىتىدىغان سىياسىي تەشۋىقاتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.