ھاشارغا مۇناسىۋەتلىك سىن كۆرۈنۈشلىرى بىزگە نېمىلەرنى دەيدۇ؟ (2)

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى ھاشارنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش، ئېزىش ۋە كونترول قىلىشنىڭ بىر خىل ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلدى.

رادىيومىزنىڭ ھاشارغا مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز ئارخپلىرىدىن بۇنىڭدىن 16 يىل ئىلگىرىكى، يەنى 2005-يىلى خوتەننىڭ مەلۇم كەنتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ ئىنكاسلىرىنى مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە بولىدۇ. بۇ دېھقان ئەينى چاغدا ئۆزى تۇرۇۋاتقان ناھىيەگە قاراشلىق يېزا ۋە كەنتلەردە دېھقانلارنىڭ ھەر يىلى ھاشار مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ يەنە گەرچە شۇ يىلى ئەسلىدىكى 75 كۈندىن 130 كۈنگىچە بولغان يىللىق ھاشار مۆھلىتىنىڭ 34 كۈنگە قىسقارتىلغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما دېھقانلارنىڭ ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى، يەر ئېچىش، پارنىك ياساشقا ئوخشاش ئېغىر ۋە جاپالىق ئەمگەكلەرگە ھەقسىز ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيغۇر دىيارىدا ھاشارنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى نەچچە يىل ئاۋۋال ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر ھاشارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ياشانغان ئاياللارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا ھاشار ئەگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدىن ھاشار ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما چەت ئەل بىلەن بولغان نورمال تېلېفون ئالاقىسى قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇرۇنۇشلىرىمىز نەتىجىسىز بولدى. بۇ ھەقتە يەرلىكتىن ياكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئۇچۇر ئېلىش ئىمكانىيىتىمىز بولمىدى.

بىز بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلغان، بولۇپمۇ يېزا-كەنتلەردىن چەت ئەللەرگە چىقالىغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار ئارقىلىق ئىگىلەشكە تىرىشتىۇق. لاگېرلار باشلانغاندىن كېيىن، يەنى يولدىشى چەت ئەل پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن چېگرادىن چىقالىغان، يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن، شۇنداقتىمۇ بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن «ئاينۇر» دېگەن تەخەللۇس بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 30 ياشلار چاممىسىدىكى ئاقسۇلۇق دېھقان قىزى مۇنداق دېدى: «مەن ئەقلىمنى بىلسەم، ھاشار بار ئىدى، ئاتا-ئاناملا ئەمەس، ھەتتا بىز مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ كېۋەزلىكتە ھاشارغا ئىشلەيتتۇق. ئاپام-دادام ئايلارچە ئۆيگە كەلمەي ھاھارغا ئىشلەيتتى، كېيىن ئۇلار ھاشارغا ئىشلىيەلمەس بولۇپ قالغاندا، ھاشانىڭ نەرقىگە يەرلىرىمىزنى تارتىۋالدى. مەن چەت ئەلگە چىققانغا قەدەر ھاشار بار ئىدى، تېلېفوندىن ئانامنىڭ ھازىرمۇ ھاشارغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم.»

دەرۋەقە، رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئاساسلىق نوپوسىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان جايلاردىن يىللاردىن بۇيان ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىدىمۇ، خۇددى ئاينۇر ئېيتقاندەك، دائىرىلەرنىڭ يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى «بىكار قويماسلىق»، «بوش ۋاقىتلىرىدا توپلىشىپ قالايمىقان ۋەقە چىقىرىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن ئۇلارنى ھەر تۈرلۈك ھاشار بىلەن مەشغۇل قىلىۋاتقانغلىقى پاش بولۇپ كەلگەن ئىدى.

ھاشار ئىزچىل ھالدا چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى چېكىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر مەسىلە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھاشار ھەققىدە 2016-يىلى 10-نويابىردا ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا، ھاشارنىڭ بىر خىل ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكىتىنى تەقىب قىلىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھاشارنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈچۈن ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بىر مەجبۇرىي ئەمگەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2016-يىلىدىن بۇيان مەخسۇس ھاشار ھەققىدە يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ، ئەمما د ئۇ ق خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ھەققىدىكى باياناتلىرىدا، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان ھاشارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەجبۇرىي ئەمگەكلەرنى ئۈزۈل-كېسىل توختىتىشقا چاقىرغانلىقىنى، ھاشارنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا يەنە ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەيلى ھاشار بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئىشلىتىش بولسۇن، ھەممىسى خىتاينىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان قۇللۇق تۈزۈمىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كەلگەن ھاشاردىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى ئىلگىرى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورگانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى-2017 يىلى ھاشار ئەمگىكىكىنى بىكار قىلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ رادىيومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا ھاشارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ھەر خىل شەكىللەردە كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئېرىق-ئۈستەك قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئېغىر دېھقانچىلىق ئەمگەكلىرىگە قەدەر جىسمانىي ئەمگەككە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر يېقىندا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرى، ھاشارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولۇپ تۇرماقتا. بۇ پاكىتلار يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېر باشلانغاندىن بۇيان كۆپ ساندىكى ئەرلەر ۋە ياش ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىنغانلىقى سەۋەبلىك، ئەمدىلىكتە ھاشارنىڭ ياشانغان ئاياللارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىدەك بىر ئەمەلىيەتنىمۇ جانلىق كۆرسىتىپ بەرمەكتە.