سەئۇدى ئەرەبىستانى دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىلقى ھەج پائالىيىتىگە جەمئىي 1 مىليون 833 مىڭ 164 ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 611 مىڭ 310 ئادەم چەت ئەللىك ھاجى ئىكەن. ئۇنداقتا بۇلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ھاجىلار قانچىلىك؟
ئەمما، بۇ يىل ھەج پائالىيىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەردىن ھەجگە بارغان بەزى ئۇيغۇرلار، مەككە-مەدىنىدىكى ھەج پائالىيەتلىرى داۋامىدا «ۋەتەندىن چىققان بىرمۇ ئۇيغۇر ھاجى كۆرمىدۇق» دېگەندەك ئۇچۇر ۋە ۋىدىيولارنى تارقاتقان.
جىددە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سودىگەر رادىيومىزغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، بۇ يىل ئۆزىنىڭمۇ ھەج قىلغانلىقى، ئەمما پۈتۈن پائالىيەت جەريانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن بىرمۇ ئۇيغۇر ھەج قىلغۇچىنى ئۇچراتمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ يىل باشقا ئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىمۇ مەلۇم ساندا ھەج قىلغانلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قانچىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەج پائالىيەتلىرى جەريانىدا قولىدا خىتاي بايرىقى كۆتۈرۈۋالغان كۆپ ساندا تۇڭگان ھاجىلارنى ئۇچراتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ كۈزگە چېلىقمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
دەرۋەقە خىتاينىڭ ئىسلامغا مۇناسىۋەتلىك بىردىنبىر رەسمىي تور بېتى بولغان «خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى» تورى 6-ئاينىڭ بېشىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 1053 نەپەر ھەج قىلغۇچىنىڭ يەنى گەنسۇدىن 769 نەپەر، يۈننەن ئۆلكىسىدىن 284 نەپەر كىشىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. بۇنىڭدا ئۇيغۇر رايونىدىن بىرمۇ ئۇيغۇر ياكى باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاينىڭ ئۇچۇق مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنماسلىق ھەققىدە ھېچقانداق ھۆججەت مەلۇم ئەمەس، ئەمما بۇلتۇرمۇ باشقا ئەللەردىن ھەجگە بارغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھەج گۇرۇپپىسى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرۈنمىگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغانىدى. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى تورىدىكى بۇلتۇرقى ئۇچۇرلارغا قارىغاندىمۇ خىتاي دائىرىلىرى 2023-يىلىدىكى خىتاي مۇسۇلمانلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھەج پائالىيىتىگە قاتناشقان ھاجىلارنىڭ نىڭشيا ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن 386 ئادەم ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ئوخشاشلا ئۇيغۇر رايونىدىن ھەجگە بارغان مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ بار يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان.
مەزكۇر ئورگاننىڭ تور بېتىدە ئالدىنقى بىر قانچە يىلدىكى ئۇيغۇر ھاجىلار ھەققىدە ئۇچۇر تاپقىلى بولمايدۇ. پەقەتلا بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى، خىتاي ھەج خىزمىتى باش ئۆمىكىنىڭ مەدىنەدىن بەرگەن خەۋىرىدە، 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە شىنجاڭ ھەج ئۆمىكىنىڭ 342 كىشىسى ئولتۇرغان جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانى مەدىنە مۇنەۋۋەرە خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا كەلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.
كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىگىلەپ كەلگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشى ئەزەلدىن ئىنتايىن چەكلىك ۋە ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا بولۇپ كەلگەنلىكى مەلۇم ئىدى. 2016-يىلىدىن كېيىنكى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى باھانە قىلغان چوڭ تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش باشلانغاندا بولسا، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تارقاق ھەج قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قانۇنلۇق ھەج قىلغان ۋە ھەتتا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغانلىقىمۇ جىنايەت سانىلىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىققانىدى.
خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى خىتاي ھەج ئۆمىكى قاتارىدا ئاز ساندا تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا سان بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنكاس ۋە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىنى پۈتۈنلەي چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
بىز بۇ يىل ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى يىللاردا، خىتاي ھەج ئۆمەكلىرىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ يوقلۇقى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قايسى قانۇن ياكى ھۆججەتكە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشنى چەكلەۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق ئىشلار نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ كۆرگەن بولساقمۇ، بۇ تارماقلار تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.
جىددەدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ تورىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى، جىددەدىكى باش كونسۇل ۋاڭ چىمىن جىددە ئايرودۇرۇمى ھەج تېرمىنالىغا بېرىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى خىتايلىق ھاجىلارنى ئۇزىتىپ قويغان. ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋاقتى 22-ئىيۇن كەچتە جىددەدىن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا لەنجۇ ۋە كۇنمىڭغا قايتىپ كەلگەن. قايتىپ كەلگەن بۇ خىتايلىق ھاجىلار گەنسۇ ۋە يۈننەندىن ئىكەن.
تۇڭگان كۆزەتكۈچىلەردىن ئامېرىكادىكى ما جۈ ئەپەندى، پۈتۈن دۇنيادا كۆپلىگەن دۆلەتلەر، پارلامېنتلار، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ب د ت نىڭ رەسمىي دوكلاتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىنىڭ خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
. ئۇ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرىم ۋە قاراتمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىسى ۋە تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەجگە بېرىشى، ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي ئىبادەتلىرىگە قاراتقان قاتتىق چەكلىمىسى قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىدۇر. گەرچە خىتاي دۇنيانىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قىسمەن ساندىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا ھەج قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭمۇ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ ئىنتايىن قاتتىق كونتروللۇق ۋە مۈشكۈل شەرتلەر ئاستىدا ھەجگە قاتناشتۇرۇلىدۇ. ھەج جەريانىدىمۇ ئۇلار باشقا مۇسۇلمانلاردەك ئەركىن ھەج قىلالمايدۇ، پۈتۈن ھەرىكىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. ئۇلارمۇ تارقاق ھەج قىلسا ياكى بۇيرۇققا بويسۇنمىسا ئوخشاشلا ئېغىر جازالىنىدۇ. خىتايدا خىتايدا يالغۇز مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، ھەر قانداق پۇقرانىڭ دىنىي ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەس».
بۇ يىل تۈركىيەدىن ھەجگە بارغان، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇسالام تەكلىماكان ھاجى، 18-ئىيۇن يەنى ھەج پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنى مەككىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ، مۇسۇلمانلارنىڭ بەش چوڭ پەرزنىڭ بىرى بولغان ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىشىنىڭ يىلدىن يىلغا چەكلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە بۇ يىل قىسمەن تۇڭگانلار خىتاي ھەج ئۆمىكى بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى پەقەتلا كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل ھەج مەۋسۇمى باشلىنىشنىڭ ئالدىدىلا، مۇسۇلمان دۇنياسىغا قارىتا ئاتالمىش «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەشۋىقاتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنىدى. 6-ئاينىڭ بېشىدا، خىتاينىڭ دۇبەيدىكى باش كونسۇلخانىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەل دوستلۇق جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بىر ئۆمەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» نامىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن.
خىتاينىڭ بۇ خىل «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناخشا-ئۇسسۇل، تەشۋىقات پائالىيىتىنىڭ يەنە كۇۋەيت، تۈركىيە، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزگەنلىكى مەلۇم. بۇ تەشۋىقاتىغا مەخسۇس 30 يېقىن ئۇيغۇر ئارتىستىن ئۆمەك تەشكىللىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرۋەقە ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارغا خىتاي ھەج ئۆمىكىدىن ئورۇنمۇ بەرمىگەن.
لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى مۇسۇلمان ئەللىرىنى نىشان قىلىپ ئېلىپ بارغان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات سەپىرى جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى توختىماي داۋراڭ سالغانىدى.
ئابدۇسالام ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئەمەلىيەتتە سەئۇدى ئەرەبىستانى ھەج ۋازارىتى ھەر يىلى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سانىغا ئاساسەن، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى بېكىتىدىغان ۋە شۇ دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن ھەر مىليون كىشىگە مىڭ كىشىلىك سان بېرىلىدىكەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاي ئۇيغۇر نوپۇسىنى11 مىليون دەپ ئېلان قىلغىنىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندىمۇ، يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىن ئەڭ ئاز 11 مىڭ ئۇيغۇر ھەجگە كېلىشى كېرەك ئىكەن.
ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ ھەج قىلىشىنى چەكلىشىنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى شۇنداقلا دۇنيانى ئالداۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر جانلىق ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
لېكىن، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەسمىي تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ يىللىق ھەج سەپىرىدە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ھاجىلارنى قىزغىن قارشى ئېلىۋاتقانلىقىغا ئائىت سۈرەتلىرىدە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيگەن پەقەت بىرلا كىشى كۆزگە چېلىقىدۇ.
ئۇ، بۇ يىلقى خىتاي ھەج گۇرۇپپىسىدىكى ئۇيغۇر ھاجى بولماستىن، بۇ يىللىق خىتاي ھەج گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان خىتاي ھەج خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئادىلجان ھاجىكېرىم دېگەن كىشى ئىكەن. مەزكۇر توردىكى ئۇچۇرلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى خىتاي ھەج ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىلىكى، بىخەتەرلىكى، قاتناش قاتارلىق ئىشلىرى ئۈچۈن 60 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان خىزمەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتكەن. ئادىلجان مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى بىردىن بىر ئۇيغۇر بولۇپ، ھەج پائالىيىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇ خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىگە قاراتقان «شىنجاڭ ياخشى جاي» تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدىمۇ، مەخسۇس خىتاينىڭ دىنىي سىياسەتلىرىنى ماختاپ نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتە ئىزچىل ئاكتىپ رول ئالغانىدى.