92 ياشلىق ھەلىمىخان ئانا قاغىلىقتىكى 35 يۈرەك پارىسىدىن خەۋەرسىز قالغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020.06.26
helimixan-axun-momay.jpg يۇرتى قاغىلىقتا قالغان 5 بالىسى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرى بولۇپ 35 نەپەر يۈرەك پارىلىرىدىن 3 يىلدىن ئارتۇق خەۋەرسىز قالغان، قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان 90 ياشتىن ھالقىغان ھەلىمىخان ئانا. 2020-يىلى ئىيۇن.
RFA/Gülchéhre

قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرىدە ياشاۋاتقان 90 ياشتىن ھالقىغان ھەلىمىخان ئانا، يۇرتى قاغىلىقتا قالغان 5 بالىسى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرى بولۇپ 35 نەپەر يۈرەك پارىلىرىدىن 3 يىلدىن ئارتۇق خەۋەرسىز قالغان بولۇپ، ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بالىلىرى بىلەن ياشاشتەك ئاددىيغىلا تىلىكىگە يېتەلمەي دەۋا قىلماقتىكەن.

بۇ موماي ئامېرىكادا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ماقۇللىنىپتۇ دېگەننى ئاڭلاپ، قايتىدىن روھلىنىپ پەرزەنتلىرىگە ئىگە چىقىش ئۈچۈن ئاخىرى بىز بىلەن ئالاقىلەشتى. ھەلىمىخان ئانا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى رادىيومىز مۇخبىرى گۈلچېھرەنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئەھۋالىنى ئاڭلاتتى.

ھەلىمىخان ئانا 6 بالىنىڭ ئانىسى، 20 دىن ئارتۇق نەۋرە-چەۋرىلەرنىڭ سۆيۈملۈك مومىسى. ئۇ ئۆزى ۋە بىر ئوغلى قىرغىزىستان گىراژدانى. ئۇلار ئىككىسىنىڭلا پاسپورتى بولغانلىقى ئۈچۈن 2016-يىلى-3 ئايدا قىرغىزىستانغا باشقا بالىلىرىنىڭ گىراژدانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن كەلگەن پېتىچە، قەشقەر قاغىلىقتا قالغان بالىلىرى، كېلىن، كۈيئوغۇل، يېقىنلىرى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرى بولۇپ 35 كىشىدىن خەۋەر ئالالماي كەلمەكتىكەن. يېقىندا تونۇش-بىلىشلەردىن ئۇ ئىككى قىزى ۋە باشقا بىر قانچە پەرزەنتىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى چالا-پۇلا ئاڭلاپ قالغاندىن بۇيان، مەيۈسلۈكتە سالامەتلىكى ناچارلاشقان بولسىمۇ، 3 يىلدىن بۇيان بالىلىرى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن يول ئىزدىمەكتىكەن.

يېشى 92 گە يەتكەن بۇ موماي، بىر قولىدا ھاسىسىغا يەنە بور قولىدا ئوغلىنىڭ بىلىكىگە تايىنىپ قىرغىزىستان دائىرىلىرىگە ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىغا قانچە قېتىم قاترىغىنىمۇ يادىدا يوق. ئۇ گەرچە مىڭ تەسلىكتە قازاقىستاندىكى» ئاتايۇرت پىدائىيلىرى «ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشكەن بولسىمۇ «مېنىڭ بىرلا دەردىم بار، پەقەتلا ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىنى شۇ بالىلىرىم بىلەن بىللە ياشاش. . .» دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرەلمەي يىغلاپ كەتتى.

ھەلىمەخان ئانىنىڭ يېنىدىكى ئوغلى، ئۇنىڭ ھازىر بىردىن-بىر يۆلەنچۈكى مەمەترۇسۇل ھەسەن سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامىغا قېتىلدى.

ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئانىسى ھەلىمىخان قىرغىزىستاننىڭ بەگئاۋات دېگەن جايىدىن بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن كىچىك چېغىدا قاغىلىققا كۆچۈپ كېتىپ ياشىغان. 1992-يىلى مەمەترۇسۇل ئانىسى بىلەن قىرغىزىستانغا كېلىپ تىجارەت قىلغان ۋە قىرغىزىستان گىراژدانلىقىنى ئالغاندىن كېيىن، بالىلىرىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن 2000-يىلى يۇرتى قاغىلىققا قايتقان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ پاسپورتىنى ھەل قىلماق تۈگۈل ئانىسى ئىككىيلەننىڭمۇ پاسپورتلىرىنى تارتىۋالغان. دائىرىلەر ئۇلارنىڭ پاسپورتلىرىنى قايتۇرۇپ بەرمىگەچكە تا 2016 يىلىغىچە قاغىلىقتا تۇرۇپ قالغان.

2016-يىلى 3-ئايدا ئانا-بالا ئىككىيلەن قايتىدىن پاسپورتلىرىنى ئېلىپ باشقا بالىلارنىمۇ كۆچۈرۈپ كېلىش مەقسىتىدە قىرغىزىستانغا قايتىپ كەلگەن. ئەپسۇسكى ئۇلار كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى قاغىلىققا قايتىپ كېلىشكە زورلىغان.

مەمەترۇسۇلنىڭ ئېيتىشىچە دەل شۇ پەيتتە ھەلىمىخان ئانىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كېتىپ ئامالسىز قايتاي دېسىمۇ قايتالماي قالغان. 2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ قاغىلىقتىكى بالا-چاقىلار بىلەن ئالاقە پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن.

3 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا ئۇلار كۈپ قېتىم قىرغىزىستان دائىرىلىرىدىن ياردەم سوراپ، بالىلىرىنى قىرغىزىستانغا ئېلىپ كېلىش ئىلتىماسى سۇنغان بولسىمۇ، ئۇرۇنۇشلىرى جاۋابسىز قالغان ھەتتا ئۇلار قىرغىزىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئەرز قىلىپ بارغان ۋە بالىلىرىنىڭ خەۋىرىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ھەر نۆۋەت خىتايلارنىڭ تەھدىتلىرىگە، قوپال مۇئامىلىلىرىگە ئۇچراپ كەلگەنىكەن.

مەمەترۇسۇل باشقا تونۇشلار ئارقىلىق ئايالىنىڭ 2017-يىلىدا قاغىلىقتىكى قۇچچا تۈرمىسىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ باشقا ئېنىق ئۇچۇر ئالالمىغان. ئۇنىڭ ئايالى نۇرىمانگۈل ئەبەي 39 ياشتا. 15 ياشلىق قوش كېزەك ئوغۇللىرى ئىمام ھەسەن مەمەترۇسۇل ۋە ئىمام ھۈسەيىن مەمەترۇسۇلدىنمۇ شۇندىن بېرى خەۋەر ئالالمىغان.

مەمەترۇسۇلنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى يەنى ھەلىمىخان ئانىنىڭ قاغىلىق 13-ئىجتىمائىي رايوندا ئولتۇرۇشلۇق قالغان 5 بالىسى ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرى، يېقىنلىرى بولۇپ 35 ئادەمدىن خەۋەر يوق ئىكەن.

ئۇلارنىڭ باشقىلار ئارقىلىق ھازىرغىچە ئالغان ئۇچۇرلاردىن ھەلىمەخان ئانىنىڭ چوڭ قىزى پاتەمخان ھەسەن بۇ يىل 64 ياشتا. چوڭ نەۋرىسى يەنى پاتەمخاننڭ قىزى نۇسرەتقىز بۇ يىل 34 ياشتا بولۇپ، تونۇشلار بۇ ئانا-بالا ئىككىيلەننىڭمۇ 2017-يىلى قۇچچىدىكى تۈرمىگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆيدە قالغان كىچىك ياشتىكى نەۋرىلەرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم ئىكەن.

ھەلىمەخاننىڭ 3-قىزى خالسخان ھەسەن 59 ياش بولۇپ، ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭمۇ بالىلىرى ھەم نەۋرىلىرىدىن خەۋەر يوق. 2-قىزى مەلىكەخان ھەسەن 61 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىدىن خەۋەر يوق.

4-قىزى مەريەم ھەسەن 58 ياشتا بولۇپ، ئۇنىڭ 9 بالا ۋە نەۋرىسى بار. بۇ 10 كىشىلىك يەنە بىر چوڭ ئائىلىدىنمۇ ھېچ قانداق ئۇچۇر يوق ئىكەن.

ھەلىمەخان ئانىنىڭ يەنە بىر ئوغلى، يەنى كەنجى ئوغلى مەمەتنۇرۇللا ھەسەن ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى بىلەنمۇ ئالاقە يوق ئىكەن.

ھەلىمىخان ئانا ئېيتقاندەك يېشى 92 گە يەتكەن بىر موماينىڭ ئارتۇق نېمە ئارزۇسى بولار ئىدى ؟ ئۇنىڭ ئاددىي ئارزۇسى پەقەت ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئامانلىقىنى بىلىش ۋە مۇمكىن بولسا ئۇلار بىلەن جەم بولۇشتۇر. بۇ موماي بالىلىرىنىڭ دەردىدە ئۇلار ھەققىدە قولىدا بار بولغان سۈرەت، كىنىشكا، كىملىك ۋە نوپۇس قاتارلىق ماتېرىياللاردىن باشقا، ئەرز نامە تەييارلاپ قۇربىنىڭ يېتىشىچە تىرىشماقتىكەن. سالامەتلىكىنىڭ ناچارلاشقانلىقى، مەيۈسلۈكىگە قارىماي بۇ موماي يەنىلا «مەن دۇنيادىن بالىلىرىم ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلىمەن، ئۇلارغا ئىگە چىقىمەن» دەپ تەكرارلايدۇ.

ھەلىمىخان ئانىنىڭ قاغىلىقتا قالغان بالا-چاقىلىرىنىڭ تەقدىرى، چەتئەل بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان، لاگېرغا قامالغان ياكى يوق قىلىۋېتىلگەن مىليونلىغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ لاگېر سىياسىتى باشلانغاندىن بىرى، رادىيومىزدا ۋەتىنىدىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئالاقىلىشەلمەي ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنىمۇ بىلەلمەي كېلىۋاتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، يۈزلەرچە مىسكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىق قىسمەت ۋە ھېكايىلەرنى ئاڭلاتتۇق. ياشانغىنىدا ئۆز ئۆيىگە قايتالماي بالىلىرىدىن خەۋەر ئالالماي كېلىۋاتقان ھەلىمەخان ئانا، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن دەرد-ھالىنى ئاڭلاتقانلار ئىچىدە ياشقا ئەڭ چوڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.