10-يانۋار دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال بولۇپ بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ باللىرى بىلەن بىرگە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى ۋە ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا «ھەمدۇللا ۋەلىگە ئەركىنلىك، نۇرمۇھەممەت روزىغا ئەركىنلىك، ھەمدۇللا ۋەلى قويۇپ بېرىلسۇن» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.
نامايىش جەريانىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دوكتۇر بۇرھان ئولۇغيول ئىنگلىز تىلىدا، ئىسمائىل غارىم ئەرەب تىلىدا، ھەمدۇللا ۋەلىينىڭ قىزى نۇربىيە خانىم، مەدىنە نازىمى قاتارلىقلار تۈرك تىلىدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە ۋە ئۇلارنى ئەركىن قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزى نۇربىيە خانىم سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ۋە سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، دادىسىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى ۋە مۇنداق دېدى: «سىلەر قانداق مۇسۇلمان قېرىنداش ھېسابلىنىسىلەر؟! قانداق بولۇپ مۇسۇلمان قېرىندىشىڭلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى خالايسىلەر؟! . مېنىڭ دادامنى خىتايغا قايتۇرماڭلار!».
نۇربىيە خانىم سۆزلەۋېتىپ قاتتىق غەزەپلەندى ۋە ئەگەر دادىسىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن تەقدىردە سەئۇدى كونسۇلخانا ئالدىدا ئۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ كىچىك قىزى سۈمەييە خانىم دادىسى قويۇپ بېرىلمىگۈچە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا ھەر كۈنى چىقىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۇمەييە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەمدۇللا ۋەلىنىڭ قىزلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسى خادىملىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ كونسولخانىنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ئۇلارنىڭ كونسۇلخانا ئىچىگە كىرىشكە رۇخسەت بەرمىگەن. بىراق ھەمدۇللا ۋەلىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ يېزىلغان ئىلتىماسنى ساقچىلار تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ،» سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئىككى مۇسۇلمان ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئۇ يەردە (خىتايدا) جىددىي بىر شەكىلدە خالىغانچە تۇتۇپ قاماش، قىستاق خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى 2020-يىلى 11-ئايدىن بۇيان ھېچ قانداق بىر جىنايەت ئارتماستىن ياكى سوتقا چىقارماستىن خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ».
باياناتتا يەنە، ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ ھازىر جىددە شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى al-Dhahban Mabahith نامدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مۇئاۋىن دىرېكتورى مايكېل پېيج مۇنداق دېدى: «ئەگەر سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئەرنى خىتايغا قايتۇرسا، ئۇ، خىتاينىڭ تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى نىشان قىلغان، كىشىلەرنى خالىغانچە تۇتۇپ قاماش، قىيناش ياكى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش دېگەندەك ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا ئورتاق بولغان بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەرشارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئوبرازىغا تېخىمۇ داغ چۈشۈرىدۇ».
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىس ۋەكىلى مەخمۇتجان داموللام ئەرەب تىلىدا ۋىدېئولۇق بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنى ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
مەخمۇتجان داموللام مۇنداق دېدى: «ئىسلام ئەقىدىسى قېرىنداشلىقنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا رىئايە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ۋە ھۆكۈمىتىنى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ پرىنسىپىغا ئاساسەن، ئىسلامى قېرىنداشلىقنى جارى قىلدۇرۇشقا ۋە ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى قاتارلىق بۇ قېرىنداشلىرىمىزنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىمىز. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلامىي پرىنسىپقا ئاساسەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان بىر دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى، بىگۇناھ بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىنى خەۋپكە دۇچار قىلىش ۋە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ھارام قىلىدۇ. بۇ بىگۇناھ ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئۇلارنى ئۆلۈمگە تاپشۇرغانلىق بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار خىتايغا تاپشۇرۇلسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈم ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش بولىدۇ. شۇڭا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنىڭ خۇسۇسەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى مۇھەممەد بىن سالماننىڭ بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەستىن، تۈركىيە ۋە ياكى ئۇلار ئۈچۈن بىخەتەر بولغان ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە يولغا سېلىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئەگەر ئۇلارنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەن تەقدىردە سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى پۈتۈن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق ۋە ئەدەپ-ئەخلاققا زىت نومۇسلۇق بىر ئىشنى سادىر قىلغان بولىدىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا خەلق ئاممىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئوبرازىنى شەرمەندە قىلغان بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ بۇنداق ئوسال بىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
بۇ ھەقتە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇ ئىككى ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خۇسۇستا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بۆلۈش سۈپىتىمىز، سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتى ۋە پادىشاھ سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنى ئىسلامىي قېرىنداشلىق، ئىنسان ھەقلىرى ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى دىققەتكە ئېلىپ تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانلىق ھەمدۇللا ۋەلى ۋە نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ تەلەپلىرىنى ھەم ئەھۋاللىرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا ۋە ئادۋوكات تۇتۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشكە چاقىرىمىز. بىز ئۇلارنى تۈركىيەدىكى ئائىلىلىرى بىلەن ئامان-ئېسەن جەم بولۇشى ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە ياكى باشقا بىر بىخەتەر دۆلەتكە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز».