قەرز كرىزىسىغا بوغۇلغان «خېڭدا گۇرۇھى» 10-ئايدا تۆلەش ۋاقتى توشقان تاشقى قەرزىنىڭ ئۆسمىنى تۆلىيەلمەي، تۆلەش مۇددىتى 30 كۈنلۈك مۇددەت بىلەن ئۇزارتىلغانىدى. نۆۋەتتە، «خېڭدا گۇرۇھى» نىڭ ئۈچ تاشقى قەرزىنىڭ 148،1 مىليون دوللارلىق ئۆسۈمىنى تۆلەش ۋاقتى 10-نويابىر كۈنى توشقان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى ۋە «بلومبەرگ» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە «خېڭدا گۇرۇھى» نىڭ قەرز ئۆسۈملىرىنى تۆلىگەنلىكىگە ئائىت خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «رويتېرس» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بولسا قەرز ئۆسۈمىنى تۆلىيەلمىگەنلىكى ئېيتىلغان.
خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان «خېڭدا گۇرۇھى» 9- ۋە 10-ئايلاردا مۇددىتى توشقان قەرز ئۆسۈملىرىنى تۆلىيەلمىگەن ئىدى.
«خېڭدا گۇرۇھى» نىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2.38 تىرىليون يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەتنىڭ ئومۇمىي قەرزى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 2% نى ئىگىلەيدىكەن.
ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىقتىسادشۇناس قەيسەر مىجىت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خېڭدا گۇرۇھى» نىڭ كىرزىسقا پېتىپ قىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ۋە «خېڭدا گۇرۇھى» نىڭ قەرز كىرىزىسىغا پېتىپ قىلىشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى توغرىسىدا تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتتى.
«خېڭدا گۇرۇھى» ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك باستۇرۇشلىرىغا ۋە چەكلىمىلىرىگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، 20-سېنتەبىردە مەزكۇر شىركەتنىڭ نيۇ-يورك پاي چېكى بازىرىدىكى پايلىرى زور دەرىجىدە چۈشۈشكە باشلىغان. نەتىجىدە «خېڭدا گۇرۇھى» 300 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قەرزگە بوغۇلۇپ، خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەن. «خىتايغا مەبلەغ سېلىپ پايدا ئېلىش» نى مەركەز قىلغان سودا ئەندىزىسى ئېغىر كرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، غەرب پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خىتايدىكى پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە بولغان ئىشىنىشى تۆۋەنلەشكە باشلىغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ قەدەر زور كۆلەمدىكى بىر شىركەتنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۆسۈم قەرزلىرىنى تۆلىيەلمەسلىكىنى، چوڭ كۆلەمدىكى قەرز كرىزىسنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.
خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى مەمەتتوختى ئاتاۋۇللا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدە يۈز بېرىۋاتقان كرىزىسنىڭ خىتايدىكى سىياسىي مۇقىملىققا ۋە بىخەتەرلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نۆۋەتتە «خېڭدا گۇرۇھى» نىڭ 171 بانكا ۋە 121 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىغا قەرزى بار بولۇپ، خېڭدا گۇرۇھى قەرزلىرىنى تۆلەشتە مەغلۇپ بولسا، خىتايدا كەڭ كۆلەمدە پۇل مۇئامىلە كرىزىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.